كولانىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى « بىلىۋېلىڭ »
1. دەم سىقىلىش كولا تەركىبىدىكى چىرىشتىن ساقلىغۇچى ناتىرى بېنزۇئات ئادەملەردە تېرە تاشما كېسەللىكلىرى ، دەم سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ.
2. بۆرەككە زىيانلىق كولا تەركىبىدە كۆپ مىقداردا فوسفات كىسلاتا بار بۇلۇپ، ئاسانلا بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ. سېمىز ئەرلەرنىڭ بۆرەككە تاش چۈشۈش خەۋىپى ئەڭ يۇقىرى.
3.قان قەنتى يۇقىرىلاپ كىتىدۇ كولا ئىچىپ 20 مىنۇتلاردىن كىيىن ،قان قەنتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلايدۇ، ئېنسۇلىن ئاجىرتىپ چىقىرىلىشىنى توسۇپ قۇيىدۇ، 40 مىنۇتتىن كىيىن ، كوففېئن تۇلۇق سۈمۈرۈلۈپ بولغاندىن كىيىن ، قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، ئادەمنى ئۇيقۇ باسىدۇ.
4. سەمىرىش كولا تەركىبىدىكى قەنىت ماددىسى بەدەننى تىز سەمىرتىدۇ، ھەتتا يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، يەنە سۈت بېزى راكى ۋە بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5.كۆپىيىش سېستىمىسىغا زىيانلىق كولانىڭ سۇلياۋ بوتۇلكىسى تەركىبىدە قوش فىنول بار بۇلۇپ، بۇ خىل ماددا ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجىرتىش سېستىمىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ياشلىق مەزگىلدىكى بالدۇر يىتىلىش ۋە كۆپىيىش سېستىمىسى نورمالسىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
6. چىشنى قۇرۇت يىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ كولا تەركىبىدىكى قەنىت ۋە كېسلاتا ئاسانلا چىشنىڭ ئېمال ماددىسىنى ئېرىتىۋېتىدۇ، ھەمدە چىشنى قۇرۇت يىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. سۆڭەك شالاڭشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ كولا تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى فوسفات كىسلاتا ئادەم بەدىنىدىكى كالتىسىنى تارتىۋالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئادەمدە كالتىسى مىقدارى تۆۋەنلەپ كىتىپ سۆڭەك شالاڭشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
8.دىئابىت بۇلۇش نىسپىتىنى يۇقىرلىتىۋىتىدىكەن تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىلىشىچە، كولانى كۆپ ئىچكەن ئادەملەر نىڭ دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسپىتى %80 يۇقىرى بۇلىدىكەن.
ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى.
|