كەلدى ئۇلۇغ رامىزان
رۇستەم قاراسۇ
قۇرئان نازىل بولغان ئايدۇر رامىزان،
مۇھاببەتكە تولغان ئايدۇر رامىزان.
تۆكۈلمىسۇن ناھەق قېنى ھەر كىمنىڭ،
ئۇرۇش ھارام بولغان ئايدۇر رامىزان.
ھەق ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرنىڭ ۋەدىسى،
ئىچىلىدۇ يەتتە ئاسمان پەردىسى.
<<مۇھاممەدنىڭ>>ئۈممەتلىرى بىز تامام،
رۇزى تۇتۇش نۇر ئىماننىڭ بەلگىسى.
دوئا ئۈچۈن كۆتۈرەلسۇن قولىمىز،
ئېھساننى دەپ خەجلەنسۇن ھەم پۇلىمىز.
ياخشىلىقنىڭ ساۋابى بار ئاخىرەت،
ھاياتلىقتا پەقەت تۆت كۈن قونىمىز.
يىراق تۇرۇپ كۆڭۈل ئاغرىق ھارامدىن،
ئەي بەندىلەر قورقايلى بىز گۇناھتىن.
قۇچاق ئېچىپ كەلدى ئۇلۇغ رامىزان،
مەغفىرەتلەر تېلەيلى بىز ئاللاھتىن.
رۇستەم قاراسۇ خېبېيدا يېزىلدى
2014.يىلى 6.ئاينىڭ 24.كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-24 05:56 PM