قىمارۋاز
پۇل-مېلىڭنى ، ئۆيۈڭنى دوغا تىكتىڭ قامارۋاز،
ھەممىسىنى ئۇتتۇرۇپ دۆڭگە چىقتىڭ قىمارۋاز.
يۇرت ئالدىدا قالمىدى ئىززتىڭ ھەم ھۆرمىتىڭ،
قىممىتىڭمۇ بىر تىيىن ، تاپتىن چىقتىڭ قىمارۋاز.
جەڭگى-جېدەل ئۈزۈلمەس، توزۇپ كەتتى ئۆي-ۋاقىڭ،
سويغان پىياز ئۈستىباش ، ھاڭدا ياتتىڭ قىمارۋاز .
زار-زار قاقشار خوتۇنۇڭ، ئاچ-يالىڭاچ باللىرىڭ ،
كارىڭ بولماي يۈرىيسەن ، نەگە مۈكتىڭ قىمارۋاز ؟.
جەزىخونىڭ ئالدىدا جىم تۇرىسەن قول باغلاپ،
كۆيۈنگەنگە ئالىيىپ شالى چاچتىڭ قىمارۋاز.
تاپ ھۇشۇڭنى، بولدى بەس ،تارت ياماندىن قولۇڭنى،
ھالاكەتلىك بۇ يولدا لايغا پاتتىڭ قىمارۋاز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-24 01:01 PM