مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1032|ئىنكاس: 6

بەربات بولغان چۈش (1-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 12:22:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەربات بولغان چۈش 1-بۆلۈم

جۇ دامىڭ



سەككىز يىل ئىلگىرىكى قۇياش پارلاپ تۇرغان بىر كۈنى، رۇستەم ئىسىملىك كېلىشكەن تاجىك يىگىت سومكا كۆتۈرۈپ، سىرلىق ھالدا ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى. « چىخلى (تاجىكچە سالاملىشىش سۆزى)، جوۋ دىرېكتورئۈچ مىليون يۈەنلىك بىر سودا بار، ياردەم قىلالامسىز؟» دېدى ۋە سومكىسىدىن  ماسكا، شىپرس قاتارلىق بىر مۇنچە داۋالاش بۇيۇملىرىنى چىقاردى.

يۈرۈكۈم قارتلا قىلىپ، بىردىنلاھاياجانلىنىپ كەتتىم، چۈنكى ئىلگىرى مەن رۇستەمنىڭ تاغىسىنىڭ تاجىكىستان ھۆكۈمىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مەن ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە: «كېلىشكەن ئىنىم، ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىگىلى، كېلىڭ! قۇچاقلىشىپ كۆرۈشەيلى» دېدىم، بىز تاجىكلارنىڭ سالاملىشىش ئادىتى بويىچە قول ئېلىشىپ،يۈزىمىزنى ئوڭ-سول يېقىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پېشانىمىزنى تەككۈزۈشۈپ سالاملاشتۇق.

رۇستەم تاقەتسىزلىك بىلەن: « جوۋدىرېكتور، بۇ رۇسىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگودا بىر زاۋۇت تېپىپ، ئورالما قېپى ۋەتىپى قاتارلىقلارنى ئوپئوخشاش قىلىپ ئىشلەپچىقارغىلى بولامدۇ؟ ئۈچ مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق مال زاكاز قىلىمىز» دېدى.

«ئەلۋەتتە بولىدۇ!» دېدىم ۋە ئۇنى 1-قەۋەتكەباشلاپ چۈشتۈم، «رۇس تىلى تەرجىمە ئىشخانىسى» ئۇنىڭغا چاڭجياڭ يولىدىكى «داۋالاش بۇيۇملىرى شىركىتى» دىن ئۈچنى تونۇشتۇردى ھەمدە «ئەلى بابا تور بېكىتى»دىن 10زاۋۇتنى ئىزدەپ تاپتى، بۇلارنى رەتلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بەردى.


يېرىم كېچىدە غەلىتە بىر چۈش كۆردۈم، قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنىدا بىر يولۋاس كېتىپ باراتتى، ئالدى تەرەپتەنۇرغۇنلىغان ھاجەتخانا ۋە نىجاسەتلەر بار ئىدى، يولۋاس خۇددى بىر نەرسىنى بايقىغاندەك ھەرىكىتىنى تېزلەتتى-دە، تۇيۇقسىزلا قان تامچىپ تۇرغان ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ ماڭا ھۆركۈرىدى. مەن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، بۇ چۈش زادى نېمىدىن بىشارەت بەرمەكچىدۇ؟

كۆڭلۈمدە ئۆزۈم يالغۇز تاجىكىستانغا بېرىپ «داۋالاش بۇيۇملىرى» تىجارىتى قىلىش ئىستىكى بار ئىدى. مەندە ئىككى پارچە پاسپورت بار بولۇپ، بىرى شەخسىي پاسپورت، يەنە بىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاسپورتى ئىدى، تاجىكىستانغا بېرىش ئۈچۈن « ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاسپورتى » ئىشلەتسە ۋىزا تەلەپ قىلىنمايتتى.


ئىككىنچى كۈنى، مەن ئالدىراشچىلىقتاجەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 17:30 دا ئۇچىدىغان ئايروپىلانىنىڭ بېلىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تاجىكىستاندىكى قەدىناس دوستلىرىمدىن 42 ياشلىق بارىس ۋە 18 ياشلىق دالىجانلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەتە شۇ يەرۋاقتى سائەت 17:00دە ئايرودرومغا بېرىپ مېنى كۈتۈۋېلىشىنى ئېيتتىم. ئۇلار مېنىڭ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇققاندىن كېيىن خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قېلىشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، مەنە يەنە شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان «زىلىنى بازىرى»نىڭ يېنىدىكى ئالونا ئىسىملىك ئۆي ئىگىسىگە تېلېفون قىلدىم، ئۇ مەن ئىكەنلىكمنى بىلىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ھەمدە قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:« تاجىكىستانغا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن» دېدى.


ئايروپىلان بۇلۇتلار ئارىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا دۈشەنبىگە قوندى. مەن يان تېلېفونۇمنى چىقىرىپ تاجىكىستاننىڭ indigo كارتىسىغا ئالماشتۇرۇپ، ئالدىراش ئايرودرومدىن چىقتىم. پاھ... كۆپكۆك ئاسمان، لەيلەپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلار، مەن ئىختىيارىسىز ھالداغۇلىچىمنى كېرىپ، كۆككە قۇچاق ئاچتىم. توساتتىن بارىس بىلەن دالىجان كىشىلەر توپى ئارىسىدىن قولنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ: «دامىڭ، بىز بۇيەردە!» دەپ توۋلىدى.

ئۆز ئارا سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن، دالىجان مېنىڭ سومكامنى كۆتۈرۋالدى. بىز ئۈچىمىز تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.

ـــ دىڭ-دوڭ، دىڭ-دوڭ، ئالونا؟

ئىشىك ئېچىلىپ ئالونا چىقتى:

ـــ پاھ...دامىڭجان يەنىلا شۇنداقكېلىشكەن پېتى تۇرۇپسىزغۇ؟- دېدى ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا كۈلۈپ تۇرۇپ.

ـــ چۈشتىن بۇرۇن مەن ئۆيلەرنى تازىلاپ بولۇپ سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى كۈتتۈم.-ئۇ شۇنداق دېگەچ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ماڭابەردى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن 200 دوللار بەردىم.

بارىس ئاچقۇچنى ئېلىپ ئۇدۇلدىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، كەچكى شەپەقنىڭ نۇرى دەرىزىدىكى ئاپئاق پەردىدىن ئۆتۈپ پولۋە گىلەمگە چۈشۈپ تۇراتتى.  ئاھ، مەن يەنە قايتىپ كەلدىم! بىر خىل ئىللىق پۇراق ماڭا نۇرغۇنلىغان ئەسلىمىلەرنى ئەسلەتتى.

بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، مەن سومكامدىن ئىككى دانە سوۋغاتلىق يان تېلېفوننى ئېلىپ بارىس ۋە دالىجانلارغا بەردىم.

ـــ «رەھمەت! رەھمەت!»  ئىككىسى خۇشاللىقىدىن تەڭلا جاۋاب بېرىشتى.

ـــ مەن بۇ قېتىم مۇھىم بىر ئىشنى بېجىرگىلى كەلدىم، ھازىر تاماق ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ، ئاشخانىغا بېرىپ غىزالانغاچ پاراڭلىشايلى.-ئۈچىمىز ئىشىكتىن چىقىپ پاراڭلاشقاچ «ۋاتان» تەرەپكە قاراپ يول ئالدۇق.


تۈن پەردىسى قايرىلدى، رەڭگارەڭ چىراغلار ھەممە يەرنى يورۇتۇپ تۇراتتى. بىز تۆت كوچا ئېغىزىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىردۇق، ئالدى پۇكەيدە تۇرغان چىرايلىق قىزغا بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر تالاي ئۇيغۇرچە سۆزلىدىم، قىز مۆرىسىنى قېقىپ چۈشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. مەن تاجىك تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدىم،قىز:

ـــ بىز ئەجدادىمىزدىن تاجىكىستانلىق ئۇيغۇر، بوۋام بىلەن مومام ئۇيغۇرچە بىلىدۇ، دادام بىلەن ئاپام ئازراق بىلىدۇ، بىز بۇ دەۋردىكىلەر پەقەت روس تىلىبىلەن تاجىك تىلىنىلا بىلىمىز.-دېدى.

كۆڭلۈمنى نېمىشقىكىن بىر خىلمە يۈسلىنىش ۋە ئەپسۇسلىنىش ھېسسىياتى قاپلىۋالدى. مەدەنىيەت ــــ بىر مىللەتنىڭ يىلتىزى ۋە روھى، ئۇنى ئەجدادلار كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇشى كېرەك.


بىز بىرئاز غىزالانغاندىن كېيىن:

ـــ مەن بۇ قېتىم چوڭ بىر سودا ئىشى ئۈچۈن كەلدىم، ئەتە دوختۇرخانىغا، ئۆگۈنلۈككە دورىخانىغا بېرىپ «روسىيەنىڭ داۋالاش بۇيۇملىرى»نى تونۇشتۇرىمىز-دېدىم.

بارىس بىلەن دالىجان قوللىرىدىكى خروستال رومكىنى تۇتقىنىچە، بىر-بىرىگە قارىشىۋەتكەندىن كېيىن، كۈچلۈك ۋوتكىنى ئىچىۋەتتى. بارىس:

ـــ دامىڭ، سىزدە قانچىلىك مال بار؟

ـــ قانچىلىك ئالىمەن دېسە شۇنچىلىكبار، مال تەمىنلەش مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.-دېدىم مەن ئۆزۈمگە تولۇق ئىشەنگەن ھالدا.


دەل شۇ ۋاقىتتا قۇلىقىمغا بىرسىنىڭ خەنزۇتىلىدا:«ياخشىمۇسىز؟ سىز جۇڭگولۇقمۇ؟» دېگىنى ئاڭلاندى. مەن بېشىمنى ئۆرۈپ سول تەرەپكە قارىدىم. بەش نەپەر جۇڭگولۇق كىشى بىلەن بىر نەپەر تاجىك قىزى ئولتۇراتتى،ئۇ قىز تەرجىمان بولسا كېرەك.

ـــ شۇنداق، مەن جۇڭگولۇق!ياخشىمۇسىلەر؟ كېلىڭلار بىرگە ئولتۇرايلى! سىلەر نەدىن؟-قىزىقىپ سورىدىم مەن.

ھېلىقى كىشى ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن:

ـــ مېنىڭ فامىلەم يۈ، خىش ۋە تاش ماتېرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى، بۇياق بولسا جاڭ دىرېكتور پولات زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى، بۇلار ۋاڭ دىرېكتور ۋە لى دىرېكتور، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سودا شىركىتىدىن،بۇياق ما خوجايىن ئاشخانا ئاچىدۇ، بۇ چىرايلىق تاجىك قىز بولسا تەرجىمان ئىسمى فەرىزە، سىزچۇ؟

ـــ ھە، يۈ زاۋۇت باشلىقى، سىلەر بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خۇشالمەن! مەن ت ر گ تەرجىمە شىركىتىنىڭ دىرېكتورى، ئىسمىم جوۋ دامىڭ، تاجىكىستانغا ئەمدى كېلىشىم.

«ت ر گ» نىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇلارھاياجانلىنىپ كەتتى.

ـــ بىزنىڭ روس ۋە تاجىك تىلىدىكى ماتېرىياللارنى ئىزچىل سىلەرنىڭ ت ر گ شىركىتىدە قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خادىملىرىمىز شىركىتىڭلارغا بېرىپ تەرجىمە قىلدۇرۇپ QQئارقىلىق بىزگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ، تەرجىمىسى ئىنتايىن ياخشى!

سودا شىركىتىدىكى ۋاڭ دىرېكتورتاماكىسىنى پۈۋلەپ يۇمىلاق ئىس چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەيسۆزلەشكە باشلىدى:

ـــ تەرجىمە ئىنتايىن مۇھىم، خاتاتەرجىمە قىلىپ قويسا چوڭ بالاغا قالىدىغان گەپ. ئالدىنقى يىلى بىز باشقىلارغا مەھسۇلاتنىڭ ئورالمىسىنى تەرجىمە قىلدۇرغانىدۇق، تاجىكىستان بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىندى ھەمدە مېنى ئۈچ كۈن قاماپ قويدى. مەھسۇلاتنىڭ ئورالمىسىدىكى روسچىدا زۇڭتۇڭنى تىللايدىغان خەت بار ئىكەن دەمدۇ ئىشقىلىپ، 1000دوللار خەجلىگەندىن كېيىن، ئاندىن قويۇۋەتتى.

لى دىرېكتور ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي گەپ قىستۇردى:

ـــ ئۇزۇن يىل بۇرۇن، مەن شىركىتىڭلارغا بېرىپ «سۈنئىي ھەمراھ ئانتېننىسى» غا ئائىت ماتېرىيال تەرجىمە قىلدۇرغانتىم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن شىركىتىڭلاردىكى بىر قىز ماڭا تېلېفون ئۇرۇپ:«ئىراق تېلېۋىزىيە ئىستانسىنى ئامېرىكا ۋەيران قىلىۋېتىپتۇ، خەلقئارالىق تېلېۋىزىيەنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىراق ناھايىتى كۆپ «سۈنئىي ھەمراھ ئانتېننىسى» غائېھتىياجلىقكەن،دەپ ماڭا ئىراقلىق سېتىۋېلىش كوللېكتىپىنى تونۇشتۇردى، بۇ سودىدامەن نۇرغۇن پايدا ئالدىم، مېنى بۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگىنى سىلەر.- ئۇ شۇنداق دەۋېتىپباش بارمىقىنى چىقاردى.


ماختاش ۋە خۇشامەتلەرگە سالماقلىقبىلەن مۇئامىلە قىلىشقا كۆنۈپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە دائىم قارشى پىكىرلەرنى ئاڭلاپتۇرسا ئىشلارنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاشقا ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق ئىدى.  كۆپچىلىك ئۆزئارا تېلېفون نومۇرلىرىنى قالدۇرغاندىن كېيىن، مەن باھانە كۆرسىتىپ خوشلاشتىم، بارىس ۋە دالىجانلارنى ئېلىپ ياتاققا قايتتىم.

كەيپىياتىم ياخشى ئىدى. مەن ئازادە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىككىسىگە:«يۈرۈڭلار، كۆڭۈل ئېچىپ كېلەيلى! ئەتىدىنباشلاپ چوڭ ئىشقا تۇتۇش قىلىمىز.» ئىككىسى خۇشاللىقىدىن سەكرەپ:«ياخشى، ياخشى،ياخشى!» دېيىشىپ كەتتى.


تاكسى شوپۇرىغا ئېنىق ئېيتىمىغانلىمىز ئۈچۈنمۇ، ئۇ بىزنى سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئالدىدىكى تانسىخانىغا ئاپىرىپ قويدى. بىز ئىچىگە كىردۇق، ئىچىدە بىر توپ 40~30 ياشلار چامىسىدىكى غېرىب تۇل خۇتۇنلار ئويناۋاتقانىكەن. توققۇز يىل ئىلگىرى تاجىكىستاندا ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغانبولۇپ، بىر تەرەپ ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن، يەنە بىر تەرەپ دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن، بەش يىل ئۇرۇش قىلغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا دېموكراتىك تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار غەلبە قىلغانىكەن،ئۇرۇشتا 500 مىڭغا يېقىن ئەر كىشى قازا قىلىپ، بۇ يەر «تۇل خۇتۇنلار دۆلىتى»گە ئايلىنىپ قالغانىكەن. بارىسنىڭ ئاكىسى دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇش يولىدا ئۇرۇش قىلىپ قۇربان بولغانىكەن.

تۇيۇقسىز دالىجان بىلىكى بىلەن مېنى ئىتتىرىپ تىكىلىپ قارىغىنىچە:«دامىڭ، قاراڭ! بودەك چوكان كەلدى.»دېدى.-پاھ،ھەقىقەتەن سېمىز ئىكەن، كۆكسىلىرىمۇ ئىنتايىن تولغان بولۇپ، بىز تەرەپكە قاراپ كەلدى دە، قولىنى سوزۇپ بارىسنى تانسىغا تارتتى، بارىس ئۆزىنىڭ ئوينىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى كۈشكۈرتىپ قويدى.

ئاددىي تانسىخانىدا يېقىملىق روسچە مۇزىكا قويۇلدى، مەن بودەك چوكان بىلەن بىر مەيدان تانسا ئوينىغاندىن كېيىن،ئالدىراپ كېتىپ قالدۇق. بىز تاكسىغا ئولتۇرۇپ«دوست» ناملىق دېسكوخانىغا باردۇق. بۇيەردە كېلىشكەن يىگىتلەر ۋە گۈزەل قىزلار ساماندەك ئىدى، دېسكو مۇزىكىسىنىڭ ئاۋازى قولاقنى يېرىۋەتكۈدەك ئىدى، بىز بىر كېچە قانغۇدەك ئوينىدۇق.


ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە يۇيۇنغاندىن كېيىن، مەن كاستۇم-بۇرۇلكامنى كېيىپ گالىستۇكۇمنى تاقاپ، خۇرۇم ئايىغىمنى پاك-پاكىز سۈرتۈپ پارقىرىتىپ، سومكامنى ئېسىپ بارىس ۋە دالىجانلارنى ئېلىپ «كاراپورو ئۇنىۋېرىسال دوختۇرخانىسى»غا كەلدىم.

ئىنتايىن گۈزەل بىر روس كاتىپ قىزبىزنى دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى. ئىشخانىنىڭ قۇرۇلمىسى «T» شەكىللىك ئىدى، دوختۇرخانا باشلىقى تۆردە ئولتۇردى، بىز ئۈچىمىز، دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، كاتىپى ئىككى قاتار بولۇپ ئولتۇردۇق.

ـــ ياخشىمۇسىلەر، دوختۇرخاناباشلىقى ۋە ھەرقايسىڭلارنى كۆرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەن جۇڭگولۇق، مەندە«رۇسىيەنىڭ داۋالاش بۇيۇملىرى» بار. سىلەر قانچىلىق ئالىمەن دېسەڭلار، مەن شۇنچىلىك تەمىنلىيەلەيمەن.-شۇنداق دەۋېتىپ سۆلەت چىقىرىپ مۆتىۋەرلەرچە سومكامدىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال، تۈرلۈك مەھسۇلات رەسىمى، باھا،تىپ نومۇرى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ بىر قۇر كۆرسەتتىم.

دوختۇرخانا باشلىقى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ياردەمچى ۋە كاتىپقا سۇنۇپ ئەجەپلەنگەن ھالدا:

ـــ بىزنىڭ رۇسىيەنىڭ داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىۋاتقىنىمىزنى سىز قانداق بىلىسىز؟ سىز جۇڭگولۇق تۇرۇپقانداقسىگە سىزدە رۇسىيەنىڭ ماللىرى بولىدۇ؟

ـــ سودىگەر دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ،دوختۇرخانا باشلىقى جانابلىرى، باشقىلىرىنى سىزگە ئېيتشقا ئامالسىز مەن.-دېدىمسىرلىق قىياپەتتە.

دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى ۋەباشقىلار كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ماتېرىياللارنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىپ كەسكىنھالدا:

ـــ باھاسى ھەقىقەتەن ئەرزان ئىكەن،لېكىن بىز ئىشلىتەلمەيمىز، بارلىق داۋالاش بۇيۇملىرىنى سەھىيە مىنىستىرلىقى بېكىتكەن دورا شىركەتلىرى تەمىنلەيدۇ، سەھىيە مىنىستىرلىقى ھەر ھەپتىدە كېلىپ تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.

ـــ سىلەر ئوغرىلىقچە كىرگۈزسسەڭلاربولمىدىمۇ، بەرىبىر ئوخشاش ئەمەسمۇ؟-مەن ئىختىياسىزلا شۇنداق دېدىم. قارشىتەرەپتىكى بىر نەچچەيلەن كۈلۈپ كەتتى، بېشىنى لىڭشىتىپ دوختۇرخانا باشلىقىغاقارىدى.

ـــ مەن بىر يىغىنغا قاتناشماقچى،سىلەر تېلېفون نومۇرۇڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار! -دوختۇرخانا باشلىقى شۇنداق دېگىنىچە چىقىپ كەتتى.


تاجىكىستان بىر كىچىك دۆلەت، يەتتە مىليون نوپۇسى بار، پايتەخت دۈشەنبىدە پەقەت تۆتلا دوختۇرخانا بار، بىز يېرىم كۈندىلا ھەممىسىگە بېرىپ بولدۇق. ئەھۋال ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش: ئاشكارە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان يەرگە ئوغرىلىقچە كىرگىلى بولىدۇ.


يەتتىنچى ئاينىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى ئىدى. چۈشتىن كېيىن بىز ئۈچىمىز «شاخوۋات بازىرى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى يايمىدا ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچكەچ ئەتە دورىخانىغا بېرىشنى پىلانلىدۇق. مەيىن شامال ئۇرۇلۇپ مەندەمەمنۇنلۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. دەل بۇ ۋاقىتتا قىسقا پادىچىلار شىمى كېيىۋالغان ئۇزۇن چاچلىق چىرايلىق بىر قىز قولىدا تاماكا تۇتقىنىچە كېلىپ مەندىن ئوت سورىدى.

چىرايلىق قىز تاماكىنىڭ ئىسىنىكۈچلۈك ئىچىگە تارتىپ:« كېلىشكەن يىگىت، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بولامدۇ؟» دېدى.

مەن ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا بارىستېزلا:«كەچۈرۈڭ، يەنە بىر چىرايلىق قىز ھازىرلا كېلىدۇ» دەپ باھانە كۆرسىتىپ رەتقىلدى.


بۇ ۋاقىتتا تېلېفون تۇيۇقسىز سايراپكەتتى...

ـــ ياخشىمۇسىز؟ جوۋ دىرېكتورمۇ؟-ئاۋازىدىنلا سودا شىركىتىدىكى لى دىرېكتور ئىدى.

ـــ ھەئە، مەن! لى دىرېكتورياخشىمۇسىز؟

ـــ جوۋ دىرېكتور، كەچتە باش ئەلچىخانىدىكى جاڭ مۇدىرنى «دۈشەنبە-شاڭخەي رېستۇرانى»غا تەكلىپ قىلىپ قويدۇق،سىزمۇ كېلىڭ! دۈشەنبە ۋاقتى كەچ سائەت 6:00 دە.-دېدى لى دىرېكتور تەمكىنلىك بىلەن.


مېنىڭ كېلىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان دالىجان 300 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى «شاشكەن» دېگەنيەردىن دۈشەنبىگە كېلىپ مەن بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى «دۈشەنبە-شاڭخەيرېستۇرانى»غا بىللە ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى. دالىجان «تاجىكىستان تېخنىكائۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش كەسپىدە ئوقۇۋاتاتتى.

بىر كۈن ئالدىراشچىلىقتا پۈتۈن بەدىنىم تەرگە چۆمۈپ كەتكەنىدى، مەن يۇيۇنۇپ كۆڭلىكىمنى ئالماشتۇرۇپ گالىستۇكۇمنى تاقىدىم. دالىجانمۇ يۇيۇنۇپ قارا رەڭلىك تار مايكىسىنى كەيدى، مۇسكۇللىرى كۆپۈپتۇراتتى، ئاپئاق تېرىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كەيگەچكە ئىنتايىن كېلىشكەن كۆرۈنەتتى،تاجىكلار ياۋرۇپا ئېرىقىغا تەۋە بولۇپ، ساپ ئاق تەنلىكلەر ئىدى.


«دۈشەنبە-شاڭخەي رېستۇرانى»نىڭ خوجايىنىنىڭ ئىسمى جىن سىجۈن بولۇپ، تاجىكىستاندا ئۇنىڭ يەنە پولات زاۋۇتى بارئىكەن. ئالدىنقى يىلى مەن قەشقەر شۆبە شىركىتىدىكى ۋاقىتىمدا ئىككى ناتۇنۇش كىشى كېلىپ «قازا قىلغانلىق ئىسپاتى» تەرجىمە قىلدۇرغان ئىدى، ئەسلىدە جىن سىجۈننىڭ ئىكەن، مەن چۆچۈپلا كەتتىم، نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق! ئۇ تاجىكىستاندا ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلغانىكەن، ئىشلىرى تازا روناق تېپىۋاتقان ۋاقتى بولۇپ، شۇ يىلى ئۇ 41 ياشتا ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا مەن ئىنتايىن مەيۈسلەندىم.


ئايرىمخانىدا تاجىكستانغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى، دالىجان ئىككىمىز تاماق يېگەچ قۇلاق سېلىۋاتاتتۇق. باشئەلچىخانىنىڭ مۇدىرى تۆرىدە ئولتۇردى، سودا شىركىتىدىكى لى دىرېكتور ئۇنىڭ يېنىدائولتۇردى، يەنە ئون نەچچە ئادەم چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقانىدى.

ـــ تاجىكىستان نامرات، كىچىك دۆلەت،داۋالاش بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدۇ، ئۆزى ئىشلەپ چىقارمايدۇ،ھەممىنى سەھىيە مىنىستىرى كونترول قىلىۋالغان.-جاڭ مۇدىرنىڭ سۆزلىرى شۇنچىلىك جانلىق ۋە روھلۇق ئىدى.

بۇنى ئاڭلاپ، مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلىدىم:«ھەي، ھەقىقەتەن شۇنداق!»-جاڭ مۇدىر تۇرۇپلاقالدى، لى دىرېكتور ئالدىراشلا:«بۇياق ت ر گ تەرجىمە شىركىتىدىكى جۇ دىرېكتور!»

ـــ ھە جۇ دىرېكتوركەندە، بىزتاپشۇرۇۋالغان نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ ماتېرىيالىنىڭ ھەممىسىنى سىلەر تەرجىمەقىلغان، ناھايىتى ياخشى تەرجىمە قىلىنغان، ئاڭلىسام « قەلەمگىمۇ، ئەلەمگىمۇ ماھىر» ئىكەنسىز، تاجىكىستاندا «جۇڭگوسودىگەرلەر بىرلەشمىسى» قۇرۇشقا تېگىشلىك، كۆپچىلىك سىزنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ، سىزقانداق قارايسىز؟

جاڭ مۇدىر سۆزلەۋاتقاندا توساتتىن ئىشىك چېكىلىپ مۇلازىمەتچى كىرىپ جىددىيلەشكەن ھالدا:«قايسىڭلار دامىڭ؟ سىرىتتابىرسى سىزنى ئىزدەيدىكەن».

غەلىتە ئىش، بۇ كىمدۇ ئەمدى؟دالىجان ئىككىمىز ئالدىراش رېستوراندىن چىقتۇق، ۋاي تەڭرىم! ئىشىك ئالدىدا بارىس پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلەنگەن ھالدا تۇراتتى.

ـــ نېمە بولدى؟ نېمە ئىش بۇ بارىس؟-دالىجان بىلەن ئىككىمىز تەڭلا سورىدۇق.

ـــ ساقچىغا مەلۇم قىلايلى!- دېدىممەن بىر ئاز ھولۇقۇپ.

بارىس كىيىم-كېچەكلىرىنى تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن، تەمكىنلىك بىلەن: « ساقچىغا مەلۇم قىلغاننىڭ پايدىسى يوق! ئۆيگە قايتىش يولىدا ئىككى لۈكچەككە يولۇقۇپ قېلىپ، ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ قالدىم،بۇرنۇمدىن ئازراق قان چىقتى-شۇ، ھېچقىسى يوق! دامىڭ، مەن سىلەرگە دىققەت قىلىشىڭلارنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېدى.

ـــ مەن جۇڭگو شىنجاڭدا چوڭ بولغان،قاپلاندەك يۈرۈكۈم بار!- دېدىم، كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بۇ چاغدا دالىجان چاقچاق قىلىپ: « مەن ئافغانىستاندا چوڭ بولغان، يولۋاستەك يۈرۈكۈم بار!» دېدى، كۆپچىلىك تېخىمۇ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.


بارىسنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش يولىدا، مەن 100 سومۇننى بارىسقا بېرىپ: «ئەتە ئەتىگەن سىز بۇنىڭغا بىر كۆڭلەك سېتىۋېلىڭ، كېچىكىپرەك كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ!» دېدىم، سۆزۈم تېخى ئاياقلاشمايلا ئۇ ئىككى قولىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ: «ياق! مېنىڭ كۆڭلىكىم بار! ئەتە سەھەر مەن ئۆز ۋاقتىداسىزنى ئىزدەيمەن، رەھمەت سىزگە، تۈزۈت قىلماڭ!» دېدى.

دوستلۇق دېگەن نېمە؟ ئۇ خۇددى بارىسقا ئوخشاش ئالىيجانابلىقى ۋە قېرىنداشلىق مېھرى ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش دېمەكتۇر.


ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ، بىز ئىككى كۈن دورىخانىلارنى ئايلاندۇق، پۈتۈن دۈشەنبە شەھىرىدە 20 نەچچە دورىخانا باربولۇپ، ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش دېگۈدەك ئىدى، ئۇلار ئاشكارا مال كىرگۈزۈشكەپېتىنالمايتتى.

ناتونۇش بىر دۆلەتتە سودا قىلىشتا نۇرغۇنلىغان كۈتۈلمىگەن خەۋپلەرگە دۇچ كېلىمىز. گەرچە پۇل خەجلەپ تاموژنىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مالنى دۈشەنبىگە ئېلىپ كىرگەن تەقدىردىمۇ، دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلار يەنىلا يوشۇرۇنچە مال كىرگۈزىدۇ، «ئادەم كۆپ بولسا، گەپمۇ كۆپ بولىدۇ»، ئەگەر«سەھىيە مىنىستىرلىقى» بايقاپ قالسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.



بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىز ئوڭ قولىدا ئالتۇن كالتەك تۇتۇپ تۇرغان، ئىككى تەرىپىدە شىر ئوڭدىسىغا ياتقان «سومۇنھەيكىلى» نىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدۇق، تاجىكلارنىڭ ئاتىسى، ياسىماندى پادىشاھلىقىنى قۇرغۇچىسىنىڭ بۇ ھەيۋەتلىك ئوبرازى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەن ئىختىيارسىز ھالدا بېشىمنى  كۆتۈرۈپ، قۇياشقا يۈزلەندىم،چاچلىرىم شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى، مەن بىر تەرەپتىن ھەربىيچە سالام بېرىپ، بىرتەرەپتىن تاجىك تىلىدا:«ئەي، مېھرى –شەپقەتلىك سومۇن ئالىيلىرى، مەن قوشنا دۆلەتجۇڭگودىن كەلدىم، مېنىڭ تاجىكىستاندا 3 مىليونلۇق سودىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمغا مەدەت بەرگەيلا!» دېدىم.

بارىس، دالىجانلار «ھى ھى ھى ....»دەپ پىخىلداپ كۈلدى ھەمدە چاقچاق قىلىپ: «قاراڭە دامىڭ، بىزنىڭ دۆلەت ئاتىمىزسىزگە ئالتۇن بېرىۋاتىدۇ.» دېدى.

ــ ئەپسۇس، بەك ئېگىزدىدە، بويۇم يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەگىلا قارىسا ساقچى تۇرسا» دېدىم مەن ئۇلارنىڭ سۆزىگەقارىتا رەدىيە بېرىپ. بىز بىردە كۈلۈشۈپ، بىردە پاراڭلاشقاچ خەلق مەيدانىدىن ئايرىلدۇق.


بىز پىيادە ماڭغاچ غېنى كوچىسىغا كېلىپ، بىر دورىخانىغا كىردۇق. بارسىنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا، دورىخانا خۇجايىنى غەزەپ بىلەن يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ:«يوقۇلۇڭلار! تاجىكىستان سىلەرنىڭ ساختا مېلىڭلارغا خۇشتارئەمەس! مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، بىزنىڭ سودىمىزغا چاڭ سالماڭلار» دەپۋاقىرىدى.

ۋاي .... تەڭرىم! بۇ ئىش بەكلا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەچكە، بىز نېمە قىلارىمىزنى بىلمەيلا قالدۇق. بۇ نەچچە كۈندىن بېرى، مەن بىلەن بىللە ئايلىنىپ يۈرگەن سەپداشلىرىممۇ مېنىڭ سەۋەبىمدىن تىل –ئاھانەت ئىششىتتى، كەيپىياتىم ئىنتايىن چۈشكۈن ئىدى. گەرچە نۇرغۇنلىغان دورىخانىلار بىزنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، دۇكان خۇجايىنىنىڭ بىنورمال يۈرۈش–تۇرۇشلىرىنىڭ كەينىگە ناھايىتى زور بىر سۈيقەست يۇشۇرۇنغانىدى!



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zumrettash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 12:45 PM  


مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1013 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 01:18:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرىيلا بولۇپقالدىم.لېكىن يامان ئەمەس يېزىلغان ئەسەركەن.تەرجىمىنى جانلىق قىپتۇ.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 01:23:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغداشتا ئوقۇغان ئىدىم بۇ ئەسەرنى...

داۋامى يوللانماپتۇ ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 01:30:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 01:23 PM
باغداشتا ئوقۇغان ئىدىم بۇ ئەسەرنى...

داۋامى يوللانماپت ...

يوللىغانتىم، تۇزجان تېخى تەستىقلىمىدى، تەكشۈرۈپ تەھرىرلەپ قىلىۋاتامدىكىن ھەقىچان...

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 01:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇستەم ئىسىملىك كىلىشكەن تاجىك يىگىت،،،مۇشۇ خەتنى ئوقۇپ بىر قىسما بوپ قالدىما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103728
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2014-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 02:14:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاللا بەندىللىرىڭنىڭ گۇنايىنى ئوزۇڭ كەچۇر (ئامىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107541
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-11-15
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 04:36:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
佩服你,能发这么好的帖子,厉害












深圳12V9A电源适配器

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش