تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ ئېشىشى بىلەن بوش ۋاقىتلىرىمىزدا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ساياھەتلەرگە چىقىش بىرخىل يېڭىچە ئارام ئېلىش شەكىلىگە ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ساياھەت ۋە ساياھەت خىز مەتچىلىرىگە بولغان كۆز قارشىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولماقتا.مەن ئۆزۈم بىر ساياھەت كەسپىنى ئۈگەنگەن ھەم ساياھەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولغنىم ئۈچۈن بۇ ھەقتە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.چۈنكى ساياھەتچىلىك ۋە بۇ خىزمەتنى قىلىدىغانلار ۋە ساياھەتچىلەر ئارسىدا نۇرغۇن ئېنىق بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت.مەن ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسنى تۆت يىل ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇدۇم،ئۇنىڭدىن باشقا تەتىللەردە ساياھەت ئۆمەكلىرىنى ئېلىپ ماڭدىم.بۇ جەرياندا ھەرخىل ساياھەتچى،ھەرخىل ساياھەت يىتەكچىلىرىنى كۆردۇم.ساياھەت بولۇش ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئۈچ ئامىل بولىشى كىرەك.بىرى ساياھەت مۇددىئاسى،ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىم مەنبەسى،ساياھەتكە چىقىدىغانغا ۋاقتى بولۇشى كىرەك.بۇ تەرەپلەردىن قارىغاندا ھازىرخېلى ساندىكى كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىدىغانغا شەرتلىرى ئاساسەن ھازىرلانغان. بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئەھۋال.لىكىن ساياھەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ساياھەتچىلەر ئوتتۇرسىدا مەلۇم ئۇقۇشماسلىقلار بار.ئۇلارنى يىغىپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1-ساياھەتچىلەر ئويلايدۇ،بىز تاپشۇرغان پۇلدىن ساياھەت شىركىتى بەك كۆپ پايدا ئېلىپ كەتكەندىمۇ؟ بۇنداق قاراش كۆپىنچە ئانچە كۆپ ساياھەتكە چىقمايدىغان ساياھەتچىلەردە بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.چۈنكى ئۇلار ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى بىر يىلدا ساياھەتكە چىقىدىغان قېتىم سانى ئادەتتە بەش قېتىمغا يەتمەيدىغانلار(ئاددىيسى،ئائىلە ماشىنىسى بىلەن تۇرپان ياكى بوغدا كۆلى ياكى تەڭرىتاغ جلغىسىغا چىقسىمۇ بىر قېتىملىق ساياھەت ھىساپلىنىدۇ).ئۇلارنىڭ ساياھەتكە چىقىدىغان قېتىم سانى ئادەتتىكى ساياھەتكە چىقىدىغانلار بىلەن سېسلىشتۇرغاندا كۆپ ئاز.شۇڭا نۇرغۇن ھالقىلاردا ساياھەت شىركىتى ۋە ساياھەت يىتەكچىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ساياھەتنى ئوڭۇشلىق ئېلىپ بېرىش قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.لىكىن ئادەتتە ساياھەتكە چىقىدىغان قېتىم سانى بەش قېتىمغا تەڭ ياكى بەش قېتىمدىن كۆپ ساياھەتكە چىقىدىغانلار ئۆزىنىڭ خەجلىگەن پۇلىدىن ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇنچە كۆپ پايدا ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.شۇڭا ئادەتتە ساياھەتكە كۆپ چىقىدىغان ساياھەتچىلەر بىلەن ئانچى-مۇنچى ساياھەتكە چىقىدىغانلانى ساياھەت يىتەكچىلىرى بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ دىسەم ھەرگىزمۇ ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ.سۇئالنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كەلسەك،ساياھەت شىركەتلىرى ساياھەتچىلەردىن يىغقان ساياھەت ھەققىنىڭ ئىچىدىن ئالىدىغان دارامىتىنى ساياھەتچىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق كۆپ دىگىلى بولمايدۇ.ھىساپلاپ كۆرسەك بولىدۇ،مەسلەن ھازىر كۆپىنچە ساياھەت شىركەتلىرى بۇغدا كۆلىگە بىر كۈنلۈك ساياھەت ھەققىنى240يۈەندىن ھىساپلاۋاتىدۇ.بۇغدا كۆلى بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى ئۈرۈمچىگە ئەڭ يېقىن بەش ئا دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسىنىڭ بىرى.ئۈرۈمچىدىن بۇغدا كۆلىگىچە بولغان ئارلىق110كىلومىتىر كىلىدۇ.ئىشىك بىلىتى100يۈەن،ئىشىكتىن كىرىپ بولغاندىن كىيىن يەنە 40مىنۇتلىق مۇساپە بار،بۇنىڭغا شۇ ساياھەت رايونىنىڭ ساياھەت ئاپتىبوسىغا ئولتۇرۇپ چىقىدىغان گەپ،بۇ 80يۈەن.ئىشىكتىن كىرىشىڭىزلا180يۈەن دىگەن گەپ.ساياھەت شىركىتى يەنە ساياھەت يىتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.ئادەتتە ئۈرۈمچى ئەتراپىغا ئۆمەك ئېلىپ ماڭىدىغان ساياھەت يىتەكچىلىرىنىڭ كۈنلۈكى100-150يۈەنگىچە بولىدۇ.ساياھەت ئاپتىبوسى17كىشلىك ئاپتىبوس ئادەتتە1000يۈەندىن يۇقىرى بولىدۇ.ساياھەتچى تاپشۇرغان240يۈەننىڭ ئىچىدە تاماقمۇ بار .مۇشۇنداق ھىساپلاپ كەلسىڭىز ساياھەت شىركىتىگە قالىدىغان دارامەتنىڭ ھېچقانچە ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس.يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا،يېڭى ساياھەت قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن ساياھەت بازىرى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان باشقۇرۇلۇش ئەندىزىسىگە چۈشتى دىيىشكە بولىدۇ.شۇڭا ساياھەتچىلەرنىڭ تاپشۇرغان ساياھەت ھەققىدىن ساياھەت شىركەتلىرى كۆپ پايدا ئالىدۇ دىيىش بىر تەرەپلىمە قاراش دىيىشكىمۇ بولىدۇ.
2-ساياھەت يىتەكچىسى ئېلىپ چىققان بىلەن ئۆزى چىققاننىڭ نىمە پەرقى .ئادەتتە نۇرغۇن ساياھەتچىلەر يىتەكچى ئېلىپ چىققان بىلەن ئۆزى چىققاننىڭ پەرقىنى تولۇق بىلمەيدۇ.بەزى ساياھەتچىلەر ئويلايدۇ،ئەگەر ساياھەت يىتەكچىسى بىلەن بىللە چىقسا ياتاق،تاماق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.ساياھەت يىتەكچىسى پۇلنى يوناپ ئۆزىنىڭ چۆنتىكىگە سالىدۇ دەپ ئويلايدىغانلامۇ بار.يەنە بەزىلەر ئويلايدۇ ساياھەت يىتەكچىسى ئېلىپ چىقسا خۇددى يول كۆرگىلى بارغاندەك ساياھەتكە چىققاننىڭ ھېچقانداق پەيزى بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ.يەنە بەزىلەر ياخشى تەرەپتىنمۇ ئويلايدۇ.ساياھەت يىتەكچىسى بىلەن بىللە چىقسا ياتاق تاماقتىن غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ،ھەممىنى يىتەكچى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدۇ دەپ ئويلايدۇ.يىتەكچى بىلەن بىللە چىقساق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن جايلارنى كۆرەلەيمىز دەپ ئويلايدۇ.ئەمدى مەن ئۆزۈمنىڭ تۆت يىلغا يېقىن ساياھەت يىتەكچىكىك خىزمەت تەجىرىبەمدىن قارىغاندا بۇنىڭ مۇتلەق ياخشى ياكى مۇتلەق يامان تەرىپى بولمايدۇ.ساياھەت يىتەكچىسى بىلەن بىللە چىقسا ياخشى ئەمەس دەپ قارايدىغانلارنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى،ئۇلارنىڭ ۋاقىت قارشىنى تازا ياخشى دەپ كىسىپ ئېيتالمايسىز.چۈنكى ساياھەت يىتەكچىسى ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ مېڭىشتىن بۇرۇن ساياھەتچى ۋە يىتەكچىنىڭ قولىدا ئوخشاش بولغان ساياھەت پىلانى بولىدۇ.شۇ پىلان بويىچە ماڭىدىغان گەپ.لىكىن نۇرغۇن ساياھەتچىلىرمىز بار،دىگەن ۋاقىتتا ماشىنىنى تېپىپ بولالمايدىغان،تاپالىسىمۇ يىتەكچىگە قاقشاپ بىز يول كۆرگىلى كەلگەنمۇ دەپ يىتەكچىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.گەپنى يىغسام،ئەگەر ۋاقىت يىتەرلىك كەڭتاشا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ساياھەت ئۆمەكلىرى بىلەن يىتەكچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ساياھەتكە چىىقسا بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.ئەگەر ۋاقىت كەڭتاشا ،ئالدىرايدىغان ئىشلىرى بولمىسا ئۆزى ماشىنا بىلەن قانچىلىك تۇرغۇسى،قانچىلىك ئايلانغۇسى بولسا خاتىرجەم ئايلىنىىغانغا ئۆزى چىقسا بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.لىكىن ھەممە ئادەمنىڭ شارائىتى بۇنىڭغا يار بىرىشى ناتايىن .چۈنكى ساياھەت بىرخىل يۇقىرى ئىستىمال تۈرىگە كىرىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ئالدىراشلىقى دىگەندەك سەۋەپلەر تۈپەيلى ساياھەت ئۆمەكلىرى بىلەن ساياھەتكە چىقىش كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
3-ساياھەت يىتەكچىلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش.ساياھەت شىركىتى ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەت توختىمى ئىمزالاپ بولغاندىن كىيىن ساياھەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتى ئەك كۆپ بولدىغىنى ساياھەت يىتەكچىسى.ساياھەت يىتەكچىسى ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەت شىركىتى ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغاندىن باشقا پۈتۈن ساياھەت جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم ھىساپلىنىدۇ.چۈنكى ساياھەت باشلانغاندىن كىيىن پۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ساياھەت يىتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.ساياھەت جەريانىدا يىتەكچى بىلەن ساياھەتچى ئوتتۇرسىدا سۈركىلىشلەر بولۇش دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىش دىيىشكە بولىدۇ.ئادەتتە بۇنداق سۈركىلىشلەرنىڭ سەۋەبىنى ئالدىدىكى بىرىنجى مەزمۇندىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.يەنە بىر سەۋەب شۇكى ساياھەتچىلەر ئىچىدە بەزىدە بەكمۇ ئادەم قېينايدىغان ساياھەتچىلەرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ.مەسلەن،ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش،تۇرپان بۇيلۇق ساياھەت رايونىنى ئايلىنىش جەريانىدا بىر ساياھەتچىم چۈمۈلە ئۇۋىسى ئەتراپىدىن كەتمەي چۈمۈلە ئۇۋىسىنى بۇزۇپ بۇنىڭ چۈمۈلە ئۇۋىسى ئىكەنلىكىنى ھەققى پاكىتى بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن ۋاقتىمدا ماشىنىغا چىقىپ ماڭغان.ھازىر ئويلىسام بەزىدە كۈلۈپمۇ كىتىمەن.يەنە بەزى سۇئاللىرىنى ئويلاپ خۇددى بىر توپ يەسلى باللىرىغا دەرس ئۆتىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىم بەكمۇ كۆپ.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار.يەنە مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ساياھەت يىتەكچىلىرىگە قويۇلىدىغان پىسىخىكىلىق تەلەپ ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى.چۈنكى ساياھەت پەقەت تەبىئەت بىلەنلا ئۇچىرىش بولماستىن، ئادەملەر بىلەن ئۇچىرىشش،تەبىئى مۇھىت بىلەن ئىجتىمائى مۇھىتنىڭ ئارلاشما گەۋدىسى بىلەن ئۇچىرىش دىيىشكە بولىدۇ.شۇڭا ساياھەت جەريانىدا كۆپىنچە ۋاقىتتا ساياھەتچىنىڭ خاتالىقى بولغان تەقدىردىمۇ ساياھەت يىتەكچىسى خاتالىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان چاغلار كۆپرەك ئۇچرايدۇ،لىكىن ساياھەتچىلەر بۇنى توغرا چۈشەنمەي بۇ ئەسلىدىنلا يىتەكچىنىڭ خاتالىقى دەپ داۋاملىق ساياھەت يىتەكچىسى بىلەن ئېتىشىپ،جىدەل-ماجرادىن قۇتۇلغىلى بولماي قالىدۇ.ئەمىيەتتە بىر قېتىملىق ساياھەتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىدا ساياھەت يىتەكچىسىنڭ رولى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دىسەك ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ.شۇڭا ساياھەتنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشى ئۈچۈن ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت يىتەكچىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بەكمۇ مۇھىم.مەسئۇلىيەتچان ساياھەت يىتەكچىسى،ئاڭلىق ساياھەتچى بىللە چىققان ساياھەت ئەڭ كۆڭۈللۈك بىر قېتىملىق ساياھەت بولىدۇ.
ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار بەكلا ئاز بولسا كىرەك.لىكىن ساياھەت كۆڭۈلدىكىدەك بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كىشىلەرگە ھىس قىلدۇرالايدۇ.ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش شارئىتى بولماسلىقى مومكىن.شۇڭا كۆپىنچە ساياھەت شىركىتى ۋە ساياھەت يىتەكچىلىرى بىلەن ساياھەتكە چىقىشقا توغرا كىلىدۇ.ئۆمەك بىلەن ساياھەتكە چىقىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇن يېڭى دوستلار بىلەن دوستلىشىپ قېلىشىمىزمۇ مومكىن.ئەلۋەتتە ساياھەت يىتەكچىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.ئاخىرىدا مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم،ھەر ئىككىلى تەرەپ ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلسا ساياھەتنىڭ كۆڭۈللۈك بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.بەلكىم بەزى تەرەپلەردىن تارزا كەڭ دائىرلىك يېزىپ بولالماي قالغان بولىشىم مومكىن.تورداش دوسلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلەر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبەسى :ئۆز قەلىمىم