ئادەتتىكى ئەزا
دەمسەن
(غەزەل) ئۆچۈشكە باشلىغان ئوتنى يېنىشلاپ كۆيدۈرەي دەمسەن، نىتاڭ مەھزۇن قەلبلەرنى مۇشۇنداق سۆيدۈرەي دەمسەن. سېنىڭ ئىشقى-پىراقىڭدا كېچە-كۈندۈز ئازاپلاندىم، خەۋەرسىز دەرت، پىغانىمدىن پىراقتا ئۆلتۈرەي دەمسەن. مۇھەببەتتىن سوئال تاشلاپ سىناپ كۆرمەكچى بولدۇڭمۇ، ۋە يا قىيناپ مېنى دائىم ئازاپقا كۆندۈرەي دەمسەن. ۋە يا بىر جاي بېرىپ قەلبىڭ ئاراسىدىن ماڭا مەخسۇس، سۇنۇپ بىر كەۋسەر سۆيگۈڭدىن بەخىتكە چۈمدۈرەي دەمسەن. ۋەيا سەرسان قىلىپ سۆيگۈ-مۇھەببەت دەشتىدە ھەرئان، قەلەندەرلىك كۇلاسىنى بېشىمغا كەيدۈرەي دەمسەن. ئەگەر چاڭقاپ يېتىپ قالسام بىگانە، تەشنەلەپ نىمجان، كۆزۈڭدىن ئاققۇزۇپ شەبنەم لېۋىمغا تامدۇراي دەمسەن!.. مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
پاش قىلىش
يېتىلىۋاتقان ئەزا
تىرىشچان ئەزا
ئۇلۇغ اللاھتىن ك
ئالىي ئەزا
يىـڭى ئــەزا
rahiyma يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 12:54 PM «نىتاڭ » دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ