مېنىڭ زىيارىتىم
(ھەجۋى)
ئاپتورى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانى
موللام بىلەن موڭداشسام ساۋابتىن چۈشتى،
سازچى بىلەن سۆزلەشسەم راۋابتىن چۈشتى.
خانىم-قىزلار لەۋ، كىرپىك، قاپاقتىن چۈشتى،
دېھقان يەردىن، ئەمگەكتىن، قۇناقتىن چۈشتى.
رەسسام بىلەن موڭداشسام بۇياقتىن چۈشتى،
تازدىن ئاستا گەپ ئالسام تۇماقتىن چۈشتى.
زىيالىيدىن گەپ ئالسام كىتابتىن چۈشتى،
بىر بۇغالتىر چوت سۇقۇپ ھېسابتىن چۈشتى.
ئارتىس بىلەن سۆزلەشسەم چاۋاكتىن چۈشتى،
گەپكە سالسام بىر ئاچكۆز قورساقتىن چۈشتى.
ئىچەرمەندىن گەپ ئالسام ھاراقتىن چۈشتى،
ئاشپەز بىلەن موڭداشسام تاماقتىن چۈشتى.
مۇقامچىلار ‹پەنجىگاھ، ئۇششاق›تىن چۈشتى،
شائىر بىلەن موڭداشسام قوشاقتىن چۈشتى.
باشلىق بىلەن سۆزلەشسەم پىكاپتىن چۈشتى،
مويسىپىتلار قاينىشىپ ئىنساپتىن چۈشتى.
چارۋىچىنى ئىزدىسەم يايلاقتىن چۈشتى،
ئورمانچىلار كېسىلگەن توغراقتىن چۈشتى.
قېتىقچىدىن گەپ ئالسام قايماقتىن چۈشتى،
يۇرتۋازلاردىن گەپ ئالسام ئايماقتىن چۈشتى.
بەڭگە سۆزلەپ تاماكا، چاقماقتىن چۈشتى،
سودىگەرلەر ئالماقتىن-ساتماقتىن چۈشتى.
دوختۇر بىلەن سۆزلەشسەم بىتاپتىن چۈشتى،
ياغاچچىمىز رام-كېشەك، ئىشكاپتىن چۈشتى.
مۇئەللىملەر دەرس، تەتىل، ساۋاقتىن چۈشتى،
ساقچى جىدەل، دەتالاش، سوراقتىن چۈشتى.
ئىزدەپ بارسام پارىخور سوۋغاتتىن چۈشتى،
چۈشكەندىمۇ سەل ئەمەس يوغاندىن چۈشتى.
رادىئودىن گەپ كۈتسەم ئېلاندىن چۈشتى،
ئېلان بىلەن پۇل تاپار پىلاندىن چۈشتى.
تېلىۋېزور ئامىنە، ئىخلاستىن چۈشتى،
دورا يەڭ دەپ قىسىردىن تۇغماستىن چۈشتى.
كەپتەرۋازدىن گەپ ئالسام قونداقتىن چۈشتى،
قاسساپ ئۆچكە، قوي، كالا، ئوغلاقتىن چۈشتى.
بويتاق بىلەن موڭداشسام سىرداشتىن چۈشتى،
تورداش بىلەن سۆزلەشسەم ئىنكاستىن چۈشتى.
دېمەك ھەر كوي، ھەر خىيال بىر باشتىن چۈشتى،
بىر ھورۇندىن گەپ ئالسام ئۇخلاشتىن چۈشتى.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-24 12:06 PM