ئاتام كەتتى
يۈرەكلەرنى داغلاپ قويۇپ ئاتام كەتتى ،
يېرىلغاننى ياغلاپ قويۇپ ئاتام كەتتى ،
باغقا ئۈمۈد باغلاپ قويۇپ ئاتام كەتتى ،
شەجەرىنى ساقلاپ قويۇپ ئاتام كەتتى ،
تىلەكلەرنى ئاقلاپ قويۇپ ئاتام كەتتى .
يېلىنجار ئوت ئانام تۇتقان ئوچاقلاردا ،
تەببەسسۇم بار بۇغداي -قوناق ، پۇرچاقلاردا ،
ھېكايەت بار لاي چاپلاشقان پۇچقاقلاردا ،
تاڭلار ئېرەر ئاتام ئاچقان قۇچاقلاردا ،
ئوتقا كاۋاپ قاقلاپ قويۇپ ئاتام كەتتى .
كۈچىيىدۇ قېرىنداشلار ئانتىنىسى ،
باشلىنىدۇ مەناسىدا سۆھبەت بېشى ،
ھۆججىتىدە ئالمىشىدۇ نەق يا نېسى ،
بەرىكەتلىك بوپ كېتىدۇ سۆيگۈ ئېشى ،
دات مېھىرنى چاقلاپ قويۇپ ئاتام كەتتى .
قىشتا باھار بىخلىنىدۇ ئىخلاسىدا ،
يېشىلىدۇ تۈگۈنلىرى سىرداشىدا ،
بار ھارارەت ئۇ ساقلىغان قۇياشىدا ،
روھى كۆكلەر ئەل -ئاۋامنىڭ باھاسىدا ،
شەيتانلارنى قوغلاپ قويۇپ ئاتام كەتتى .
يارالمىشنىڭ ھېكمىتى مېھمان سىياق ،
ھۆكۈم كەلمەس قۇرىمايدۇ بىر تال قىياق ،
بۇ ھاياتلىق ئالمىشىدۇ پەسىل سىياق ،
شەرھى ھۆكۈم قىيامەتتە باردۇر سوراق .
ئېتىقادنى چوغلاپ قويۇپ ئاتام كەتتى .
بىر ئەسىرنى خامىنىغا يايغاندا ئۇ ،
ۋايسىمىدى پۇچقاق تۈرۈپ تايغاندا ئۇ ،
ھاسا بىلەن بىر ئىشىككە بارغاندا ئۇ ،
بەكلا ئاددىي كۆزنى يۇمدى ھارغاندا ئۇ ،
بىرەر كېچە ئۇخلاپ قويۇپ ئاتام كەتتى .
ساقىلىغا ئاپئاق يىپلار ياماشقاندا ،
چاچلىرىنى تاڭ تارغىقى تاراشقاندا ،
تاڭ سەھەردە بۇلبۇل مۇڭلۇق سايراشقاندا ،
بۆشۈكتىكى ئەللەي بارماق ساناشقاندا،
باغرىمىزنى پۇراپ قويۇپ ئاتام كەتتى .
يېزىلغاندا بىر قەۋمنىڭ جەڭنامىسى ،
رەڭ ئىچىدۇ ھەر بىر يۇرتنىڭ سالنامىسى ،
ئۈزۈلگەندە ئەركەك يىللار كۈي تارىسى ،
ئۆزگىرىدۇ دەقىقىنىڭ ھەر خانىسى ،
جان بۇۋامنى دوراپ قويۇپ ئاتام كەتتى .
ئانا يۇرتى ئالقىنىغا قويغاچ ئىمزا ،
مەرىمەيدۇ قورسىقى توق يېتىم قوزا ،
ئەل قەلبىدە يۈزى يورۇق تارتماس ئىززا،
جىنازىغا ئەگىشىدۇ كەنت-يېزا ،
سۆيگۈ زەم زەم ئوتلاپ قويۇپ ئاتام كەتتى .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن