مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2989|ئىنكاس: 4

شىخودا پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7944
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 12:51:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                   شىخودا پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشى  توغرىسىدا                                                              

                                          ئەبەي تارىم

        قەدىمىي دىيار شىخو شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان ئىنقىلابىي تارىخدىكى شانلىق ھەم قانلىق سەھىپىلەرنىڭ شاھىدى بولۇپلا قالماي تارباغاتاي ۋېلايىتى بويىچە تەنتەربىيەدە بولۇپمۇ پۇتبول تۈرىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك  نەتىجىلىرى بىلەنمۇ تەسىرى زور داڭلىق پۇتبول ماكانىدۇر . دىيارىمىزنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن كېيىنلا باشلانغان بولۇپ ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ بۈگۈنكى شانلىق نەتىجىلەرنىڭ ساھىبى بولۇپ تۇرۇپتۇ . يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان دىيارىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقىدا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىچە جانلىنىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرمەكتە .  1990 - يىلدىن 1998 - يىلغىچە ئۇدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن پۇتبولچىلىقىمىز قىسقا مەزگىل ئۈزۈكچىلىك دەۋرىنى ناھايىتى تېزلا ئاياقلاشتۇرۇپ 2000 - يىللاردىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ، ئۇدا غەلبىنى كۈتىۋېلىش قېتىم سانى يىلمۇ - يىل ئېشىپ بېرىپ تەنتەربىيە ۋە پۇتبول ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى . پۇتبولچىلىق ئىشلىرىمىز مەكتەپ ، مائارىپ ساھەسىدىن ھالقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىغا يۈزلەنگەن ، ئاممىۋېيلاشقان ، شەخسلەر مەبلەغ چىقىرىپ كۇماندا قۇرۇپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ئىنتايىن ياخشى بىر ئۆزگىچە گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا . تۆۋەندە مەن دىيارىمىزنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالماقچىمەن .             يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىخودىكى ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ، شىخو ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۆشۈگى شىخو شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ ھەقىقىي ئىشلەيدىغان ، تەنتەربىيىنى ئالاھىدە قىزغىن سۆيىدىغان مۇدىرى مەھمۇد ئابلىمىتنىڭ ( مەن ئۇنىڭ پۇتبول مەيدانىدا يىقىلىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىدىن نۇرغۇن قېتىم قاتتىق تەسىرلەنگەنىدىم .) يول مېڭىشى ، شارئىت ھازىرلاپ قىزغىن قوللىشى ،مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەكتەپ ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى  ئەڭ مۇھىم ئىشلار قاتارىغا قويۇپ كۈچ چىقىرىشى ، شۆھرەت نامان مۇئەللىم ، زاھىر مۇئەللىملەرنىڭ بېۋاستە پۇتبول مەشقىنى چىڭ تۇتۇشى بىلەن  ئۇدا بىر قانچە نۆۋەت شەھەر ، ۋېلايەت بويىچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايون بويىچە « پۇتبول مەكتىبى » دىن ئىبارەت شەرەپلىك نامنى قولغا كەلتۈرۈپ مەكتەپ پۇتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى . ( مەكتەپتىن يېتىشىپ چىققان قۇتلۇق ئابلىمىتنىڭ پۇتبول ئويناشتىكى تېخنىكىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا تەكلىپ بىلەن ۋېلايەت ۋە ئاپتونوم رايونلاردىكى سەييارە پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ تونۇلماقتا .)  نۆۋەتتە بۇ مەكتەپ پۇتبول كۇماندىسى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ساقلاپ  كەلمەكتە . بىز بۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز ...

     دىيارىمىزنىڭ پۇتبول ئىشلىرىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېلىۋاتقان يەنە بىر ئورۇن بولسا شەھىرىمىز مىللىي مائارىپىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان ، « ئاپتونوم رايون بويىچە پۇتبول مەكتىبى » نامىغا ئېرىشكەن شۇنداقلا « ئاپتونوم رايون بويىچە ئەنئەنىۋېي پۇتبول مەكتىبى » بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ، شەرەپلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئەلنى سۆيۈندۈرگەن مەرىپەت ماكانى شىخو شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق ئوتتۇرا ، تولۇقسىز ئوتتۇرا پۇتبول كۇماندىلىرىدۇر .  شەھىرىمىزنىڭ پۇتبولچىلىق تارىخىنى شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ بېسىپ ئۆتكەن پۇتبول نەتىجىلىرىدىن ئايرىپ ۋاراقلاش مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى يىللاردىن بېرى بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا پۇتبول كۇماندىلىرى ئەڭ ئالي شان - شەرەپ ، شانلىق نەتىجىلىرى بىلەن ئۇنىڭ بەتلىرىنى غەلبە تەنتەنىلىرى ، ھۇررا سادالىرى بىلەن بېزەپ كەلدى . بۇنىڭغا تارىخ گۇۋاھ ، شىخو خەلقى گۇۋاھ ...   يوقىرقى نەتىجىلەرنى مەكتەب رەھبەرلىگىنىڭ قىزغىن قوللىشىدىن ، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ، ئۆزىنى كەسپكە بېغىشلاپ ئىشلەش روھىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز ، - ئەلۋەتتە . .

      دۆلەت 1 -دەرىجىلىك تېرىنېر ، ماھىر تەشكىلاتچى ، تۆھپىكار تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى شۆھرەت سەلەي مۇئەللىم ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر . شۆھرەت مۇئەللىم تۇتۇپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن تولۇق ئوتتۇرا پۇتبول كۇماندىسى ئۇدا بىر قانچە نۆۋەت شەھەر ، ۋېلايەت بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ مەكتەپكە ، شەھىرىمىز پۇتبولچىلىقىغا ئالي شەرەپلەرنى كەلتۈردى .دىيارىمىزنىڭ پۇتبول تارىخىدىكى تۆھپىكار مۇئەللىم !.. تېرىشىڭ يۇرت ئوغلانى ...

     2 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز ئوتتۇرا پۇتبول كۇماندىسىنىڭ تېرىنىرى ، پۇتبول ھەرىكىتىگە بارلىقىنى بېغىشلاپ ئىشلەپ تولۇقسىز ئوتتۇرا پۇتبول كۆماندىسىنىڭ يېپيېڭى غەلبە سەھىپىسىنى ئۇدا نەچچە يىللاپ يېڭىلاپ  شەرەپ قۇچۇۋاتقان يەنە بىر تۆھپىكار تەنتەربىيە مۇئەللىمى ئابابەكرى سىدىق مۇئەللىممۇ دىيارىمىزنىڭ پۇتبول تارىخىدىكى تۆھپىكار تەنتەربىيە مۇئەللىمىدۇر . ئامەت سىزگە مەڭگۈ يار بولغاي يۇرت ئوغلانى ...

    2 -ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۆھپىكار تەنتەربىيە مۇئەللىمى تۇرغۇن مەممەت مۇئەللىممۇ مەكتەپ پۇتبوچىلىقىغا زور ھەسسە قوشۇپ ئىشلەۋاتقان ، ئىجتىھاتلىق ، ئەستايىدىل تىرىشچان ، تۆھپىكار تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىدۇر .

     ئۇندىن باشقا ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ، تىرىشچان ، تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ ئىشلەيدىغان ، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان ، جاسارەتلىك ، « شىنجاڭنى ۋېلسىپىت بىلەن ئايلىنىپ چىققان » دىيارىمىزنىڭ پەخرلىك ئوغلانى ، بىرگە ماھىر ، كۆپكە قادىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى خېلىل مۇئەللىم ، تالانتلىق تەشكىلاتچى ، پېداگوك تەنتەربىيە مائارىپى سېپىدىكى تۆھپىكار ئۇستاز قەلبىنۇر مۇئەللىم قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن پەخرلىنىپ تىلغا ئالىمىز . ھەممىڭلارغا مۇۋەپپەقىيەت يار بولسۇن ...

   بىزنىڭ يەنە بىر تۆھپىكار تەنتەربىيە مۇئەللىمىز بولسا شىخو شەھەرلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۇنجى تەنتەربىيە مەخسۇس كەسپىنى پۈتتۈرگەن يېتىلگەن تەنتەربىيە مائارىپى سېپىدىكى پېداگوك ، قابىل تېرىنىر ، ئەينى يىللاردىكى شەھىرىمىزنىڭ ئېگىزگە سەكرەش رېكورت تارىخىنى يېڭىلىغان ئېگىزگە سەكرەش ماھىرى ، يېتىلگەن ۋاراتار ، مەكتىۋېمىزنىڭ پۇتبول تارىخىنى شانلىق سەھىپىلەر ، يوقىرى نەتىجىلىرى بىلەن بېزىگەن ، « ئىزچى » تەنتەربىيە مۇئەللىمىز ، ئۇدا بىر قانچە نۆۋەت شەھەر بويىچە چېمپىيون كۆماندىنىڭ قابىل يېتەكچىسى ئەسەيدۇللا ئابدۇرېشىت مۇئەللىمدۇر . غەلبە سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن ئەسەيدۇللا مۇئەللىم ، ئىزىڭىز مەڭگۈ داۋاملاشقۇسى ...

    دىيارىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بۇ يولدا مېھنەتسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقان ، خالس كۈچ چىقىرۋاتقان ،تەنتەربىيە سېپىدىكى شۇنداقلا دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىدىكى تۆھپىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ، يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بېرى پۇتبول ئىشلىرىمىزنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ كېلىۋاتقان يەنە بىر ئەزىمەت ئوغلانىمىز بار . ئۇ بولسىمۇ تالانتلىق تەشكىلاتچى ، دۆلەتلىك 2 -دەرىجىلىك تېرىنېر ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىقتىساسلاشقان تىرىشچان ئوغلانىمىز ئىسمايىل يۇنۇستۇر . ماڭغان ئىزلىرىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن ، تىرىشچان ئوغلانىمىز ...

    بىزنى 7 يىلدىن بېرى سۆيۈندۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ، جاسارەتلىكلىكى ، جاپادىن ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي دادىل ئىلگىرلەپ يول ئېچىپ شەھىرىمىز يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ ئۆگېنىش ئۈلگىسى بولۇۋاتقان ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئەلچىسى ، دىيارىمىزنىڭ پۇتبۇل تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىپ خەلقىمىزنى ئويغاتقۇچى ، ئائىلىسىنىڭ قوشۇمچە ئېگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغاندىن كېيىنكى تاپقان پۇللىرىنى خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق ، ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشقا ئىشلىتىپ « خەلق ئارزۇسى » نى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ، خەلقىمىزنى كۈلدۈرگەن ، قايىل قىلغان ، دىيارىمىزدىكى تۇنجى شەخسلەر قۇرغان « گۈلباغ پۇتبول كوماندىسى » نىڭ قۇرغۇچىسى ، تۆھپىكار پۇتبول ماھىرى ، تالانتلىق تەشكىلاتچى ئەخمەتجان ئەسئەتنى زور ئىپتىخار ، چۇڭقۇر قايىللىق بىلەن تىلغا ئېلىشقا ھەقلىقمىز .  « گۈلباغ پۇتبول كۇماندىسى » 2008 - يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى قەرەللىك ھالدا مايتاغ ، قاراماي ، چۆچەك ، ساۋەن قاتارلىق شىمالي شىنجاڭدىكى ناھىيە شەھەرلەر ئارا سەييارە دوستلۇق مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەپ ئۆتكۈزۈپ كېلىپ دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان « پۇتبول قىزغىنلىقى » نى بارلىققا كەلتۈردى . مۇسابىقىدە ئېرىشكەن ئىقتىسادنى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا ھېچقانداق داۋراڭسىز ئىئانە قىلىپ « پۇتبول ئارقىلىق مېھىر - شەپقەت » يەتكۈزۈش ئەلچىسى بولۇپ قالدى . ئۇنىڭ قۇرغان « گۈلباغ » پۇتبول كۇماندىسى ھەقىقىتەن ئىسمى - جىسمىغا لايىق « گۈلباغ » قا ئايلانغۇسى ...   يارايسىز يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئەخمەتجان ئەسئەت ، شۇنداقلا سىزنى قوللاپ تۇرۇۋاتقان بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىڭىز بولغان ئاتا - ئانىڭىزغا ، كوماندىڭىزدا پۇتبول تېپىۋاتقان بارلىق ئوغلانلارغا ئالي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن . يارايسىلەر يۇرتىمىزنىڭ پۇتبول تارىخىدىكى ئەزىمەت ئوغلانلىرى ...

     - ھەي ، نېمىسىنى ئېيتاي ، يازىدىغانلىرىم تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى . يوقىرقىلار ھەقىقەتەنمۇ دىيارىمىز پۇتبولچىلىق تارىخىغا يېزىلىشقا تېگىشلىك تۆھپىكارلاردۇر . مەن ئۇزۇندىن بېرى بۇلارنىڭ ئەجىر - مېھنەتلىرىگە شاھىد بولۇپ كېلىۋاتقان ، مۇشۇنداق ئەزىمەت ئوغلانلىرىمىز بىلەن بىر سەپتە خىزمەت قىلىپ ، يۇرتىمىزنىڭ ھاۋاسىدىن ئورتاق نەپەسلىنىپ ، مۇشۇلار بىلەن بىرگە ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك دەپ ھېسابلايمەن . بۇ مېنىڭ سىلەرگە چىن قەلبىمدىن سۇنغان بىر دەستە گۈلۈمدۇر . ( ئەلۋەتتە سەھىپە ئېتىبارى بىلەن تەپسىلىي يېزىشقا بولماي قالدى . مېنىڭمۇ پۇتبول تارىخىنى يازغۇدەك ئۇنچە كۆپ بىلىمىم يوق ، يازمىغاندىن يازغان ياخشى ، ئاددىي بولسىمۇ بىر باشلانما بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . قىممەتلىك تەنقىدىي پىكرىڭلارنى قۇبۇل قىلىشقا تەييارمەن ، ئەلۋەتتە يۇرتىمىزنىڭ پۈتۈل پۇتبولچىلىق تارىخى بۇنداق بىر ئاددىي يازما بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ ، مەن پەقەت ئازراق ئىز سېلىپ قويدۇم ، خالاس . كەسىپداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .)   

             ئەبەي تارىم .   شەھىرى شىخو .   2014 -يىل 6 - 23 - كۈنى .  

            مەنبە :  پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە بولغان قايىللىقىم . 2.jpg

   

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# Y! M1 G& g; e, q8 d4 Y: T( x

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 867
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5675
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 01:50:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىكى تۇنجى پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلۇپ تەخمىنەن يىگىرمە يىللاردا ئۇيغۇر پۇتبۇل كوماندىسى قۇرۇلغان ۋە خېلى زور شەرەپلەرنى قۇچقان،  ھازىر ئۇيغۇر پۇتبۇلىغا پەقەت پۇل كەم بولىېاتىدۇ

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7944
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 09:52:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھىم تولۇقلاش : شىخو شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆھپىكار تەنتەربىيە مۇئەللىمى مېھرىبان قادىر مۇئەللىممۇ دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ئۇستاز تەنتەربىيە مۇئەللىمىدۇر . دىيارىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگەن پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا مېھرىبان مۇئەللىمنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بار . شۆھرەت نامان مۇئەللىم شىنجاڭنى ۋېلسىپىت بىلەن ئايلىنىپ چىققان جاسارەتلىك تەنتەربىيە مۇئەللىمىدۇر .

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 04:57:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ بىزنىڭ باللامۇ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا قاتناشسا ھە ؟؟؟؟؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ [3 G2 ~3 q% B
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 P8 k# \% i* L6 ]) I# ], [

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100234
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 886
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 08:50:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىخودا ئۇيغۇرلار خىلى جىقمۇ؟ھىلىقى ئىلى خەلىق ناخشىلىرىنى پەيزى ئىيتىدىغان ئايشىگۇل مەھەمەت دىگەن چوكانمۇ شىخودىن چىققان ھە؟

ئۆچكە جاڭگال  چۇشەيدۇ ،توخۇ داڭگال..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش