QQ دىكى تۇتقان مۇھەببەت
بىز كىيۇۋكىيۇۋدا تۇنۇشقان ئىدۇق،
مۇنبەرلەردىن قوشۇلۇپ دوستلۇق.
كىچە كۈندۈز سىردىشىپ تىنماي،
مۇھەببەتكە تۇتۇشقان يوللۇق.
سايرىمىسا بىردەم كىيۇۋكىيۇۋرىم،
نەدىدۇ دەپ تىت-تىت بولاتتىم.
تېلىفۇنغا قاراپ ھەر كىچە،
خىياللارغا غۇلاچ سالاتتىم.
تور ئالدىغا كىلىپلا شۇدەم،
پىڭگىۋىننى ئىزدەپ چىكەتتىم.
ئىنكاسىڭنى ئىزدەپ تىمسىقلاپ،
خەتلىرىڭگە تەشنا يۈرەتتىم.
سۆيدى ئاخىر كىيۇۋكىيۇۋرىڭمۇ ھەم،
كىچە كۈندۈز مۇڭغا چۆمۈشتۇق.
سۆزلىشەتتۇق خەتلەر يېزىشىپ،
بىز كىيۇۋكىيۇۋدا شۇنداق سۆيۈشتۇق.
خىياللارغا چۆمەتتۇق چەكسىز،
ئۇچرىشىشقا كېلىشتۇق بىركۈن.
لېكىن ئارلىق يىراق بولغاچقا،
كۈن پاتمايلا ئۆتەتتى ھەر تۈن.
توي قىلىشقا كىلىشتۇق ئاخىر،
ئىككى ئۆيدىن چىقمىدى زۇۋان.
سەنمۇ ئاستا چىكىندىڭ يىراق.
ئالدىمىزنى توسۇپ چاڭ توزان.
شۇندىن بىرى سەنمۇ ئۇنتۇسىز،
كىيۇۋكىيۇۋدىنمۇ يوقالدىڭ ئاستا.
مانا شۇنداق ئۈزۈلدى رىشتە،
پىڭگىۋىندىن چىقمىدى سادا.
كۆرۈشمەيلا سۆيگۈ ئۈزۈلدى،
يۈرەكلەرگە سېلىپ بىر يارا.
سۆيگىمىزگە قالدىم داڭ قېتىپ،
ئەسلى ئىكەن ئاجىز بىر تانا.
ئاداققىچە سۆيىمەن دېگەن،
گەر بولسىمۇ ھەتتا قىيامەت.
بىر تىيىنغا ئەرزىمەس بولدى،
كۆرۈشمەيلا تۇتقان مۇھەببەت.
ئاپتۇرى : ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان (قاشتېشى)
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى (خوتەن شەھىرى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-24 12:15 AM