بىــــر-قىـــزغــــا....
<<ئـاسـرىـسـۇن>> ئىـجــادىـيـىـتــى.....
...ئاچچىـق-تۇيغـۇ...
نــەئـۈچـۈن تـەلـمـۈردۇم يـولـۇڭـغـا شـۇنـچـە
نــەئــۈچــۈن ئـوتــۇڭــدا كـۆيـىــدۇ قــەلـبـىــم.
ھـىـجـرانىـڭ ھـەركـىـچـە قىــنـايـدۇ دىـلـنـــى
مـەن شۇنداق كۆيـۇشـكـە يـارالـدىـم بەلـكـىـم.
سـەن بىر گۈل بـەرگىڭـگـە سـۆيىـدۇ شـەبـنـەم
مـەن كـەچ كـۈز كىچىسـى ئـۈششىـگـەن يـاپـراق.
ئـۇنـتـۇلـغـان كـەشـمىـشىـم سـۆيـۈپ بـىـر سـنـى
سـەن لىكـىـن ئۇنـتـۇش ھـەم سـۆيـۈشـتـىـن يـىـراق.
مـــەن دۇنــيــا قــەلــبــىــدە يـوقـالـغـان كـۈيـچــى
سـەن ھەمـمـە يـاقـتـۇرغـان سـۆيـۈمـلـۈك مـىـھـمـان.
چـىــن سۆيـگـۈم قـەلـبـىـڭــگــە سـالالـمـايـدۇ ئـىـــز
مـومـكـىـنســـىـز ۋىـسـالــسـەن مـەڭـگـۈلــۈك ھـامــان.
<<ئـاسـرىـسـۇن>> ئىـجــادىـيـىـتــى.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا asrisun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-23 08:38 PM