ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بەرگۈچىلەر ئۈچۈن ئوتلۇق تەۋسىيە
ئالىمجان ئاتەش ئوغلى
ئالىي مەكتەپ ئىمتاھاننى بەرگۈچە ئۇچراشمىغان ماتىرىيال قالمىغاندەك كۆرۈپ كىتىپتىمەن،
ئۆزۈمنىڭ غايىسىگە ، ئاتا-ئانامنىڭ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن مەيلى باشقىلاردىن كۆرەي ، مەيلى كىتابخانىدا ئۇچىرىتىپ قالاي،ئەرزان قىممەتلىكىگەقارىماي گاھ يىغقان پۇلۇمغا گاھ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا گاھ دادام بەرگەن پۇللارغا بۇلارنى سېتىۋىلىپ جەڭگە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تەييارلىق قىپتىمەن،نەتىجەم بەك كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغان بولمىسىمۇ ئەجرىمگە يارىشا چىققاندەك قىلىدۇ،بىز بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بولدۇق ئەمدى نۇرغۇنلىغان ئىنى-سىڭىللىرىمىز بۇ جەڭگە قاتنىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ،بەلكىم بۇلارنىڭمۇ بىر قىسىملىرى تېخىچە بۇ جەڭگە قانداق كىرىشنى ، نىمە بىلەن كىرىشنى بىلمەيۋاتقاندۇ،ياكى تېخىچە ئۇيقۇسىدىن ئويغانماۋاتقاندۇ،شۇڭا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدىكى تەجرىبىللىرىمنى مۇنبەر ئەھلىگە سۇنماقچى بولىدۇم.
بىلىمەن ! ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىدىغانلار مۇنبەرگە چىقىپ يۈرمەيدۇ ياكى ۋاقتى يار بەرمەسلىكى مۇمكىن،ئەمما ئارىمىزدىكى مۇنبەرنىڭ دائىملىق ئەزالىرىدىن بىرەرسىنى چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ،ۋە ياكى مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئىمتاھانغا قاتنىشىدىغاندۇ؟
مەن 2014-يىلى6-ئايدا ئىجتىمائىي پەندىن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانغا قاتناشتىم،بۇ جەرياندا ئىشلەتكەن ماتىرىياللىرىمنىڭ ھەمدە ئۆزۈم ۋە باشقىلار قوللانغان ئۈگىنىش ئۇسۇلى ئىچىدىن ئەھمىيتى زور دەپ قارىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
تىل-ئەدەبىياتتىن:
-1ئالدى بىلەن زۆرۈردەرسلىك 5 قىسىم كىتاب
ئۈگىنىش ئۇسۇلى :ئىمتاھانغىچە ئازغىنە كەم 3 قېتىم تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيەقىلىمەن.بولۇپمۇ ئۇيغۇرتىلى قىسمىنى.
.2كىچىك تىپتىكى خاتىرە
ئۈگىنىش ئۇسۇلى:بۇنىڭغا ئۆزىڭىز ۋە مۇئەللىمىڭىز مۇھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى خاتىرلىۋىلىپ ئەتىگەن سەھەردە تەكرار كۆرىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.چۈنكى بۇ خاتىرە ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك،ئاساسەن يېنىڭىزدىن ئايرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ!
.2012-2013-2014-يىللىرىنىڭ ئۈگەن ۋە ئالتۇن كۆزنەك قاتارلىق تەقلىدىي سۇئاللار
ئۈگىنىش ئۇسۇلى:ئىمتاھاندىن يۇقىرى نۇمۇر ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سۇئاللارنى كۆپ ئىشلەش شۇنىڭ ئۈچۈن بۇماتىرىيالنى تەۋسىيە قىلدىم،بۇنىڭ ئىچىدىنمۇ 2014-يىلىنىڭ ئۈگەننىڭ تەقلىدىي سۇئالىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.چۈنكى بۇ سۇئالنىڭ ئالدى بەتلىرى مۇھىم مەزمۇنلار يىغىندىسى.
4.نەشىر قىلىش ئالدىدا تۇرغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكى ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىلارغا ئىزاھات . باھاسى 30سوم 13579308009 بۇ نۇمۇرغا تىلفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. مەن يەنە ئۇشبۇ كىتابنىمۇ سېتىۋىلىپ تەكرار كۆرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
خەنزۇتىلى:
1. خەنزۇتىلىدىن مەيلى سەۋىيىڭىز يۇقىرى بولسۇن مەيلى تۆۋەنرەك بولسۇن يۇقىرى نۇمۇر ئېلىشنىڭ ئۇسۇلى:-ياخشى سۆز-جۈملىلەرنى ، ياخشى ماقالىلەرنى كىچىكرەك خاتىرە دەپتەرگە يىزىۋىلىپ ئۇنى يادلىۋىلىش ئاندىن يادقا يېزىپ بىرىش . بۇنىڭ ۋاقتىنىمۇ ئاساسەن ئەتىگەن مىڭىزنىڭ سەگەك ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
2. سىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغان،سىزنى خۇشال قىلالايدىغان ئۆزىڭىز كۆرۈشنى ئارزۇقىلىدىغان خەنزۇچە كارتون فىلىملەرياكى باشقا فىلىملەرنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.
بۇلارنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدىمۇ ئۇنىڭ ۋەقەلىكى بىلەن ھىسابلىشىپ يۈرمەي ئاستىدىكى خەتلرىنى ئوقۇغاچ ئۇلارنىڭ دىئالوگلىرىغا دىققەت قىلىپ ماڭسىڭىز ئاڭلاش ۋە ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىز ئاشىدۇ.شۇنىسى سەمىڭىزدە بولسۇنكى : بۇنىڭ ۋاقتىمۇ مۇۋاپىق تەڭشەلسۇن چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەڭ.ئارام ئېلىشنىڭ ئورنىدا بولسا بولىدۇ.
3. بايا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇنىڭدىنمۇ سۇئاللارنى كۆپ ئىشلەش كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ،
شۇڭا كەچلەردەتاماقتىن كىيىن كونا-يىڭى سۇئاللارنى كۆپرەك ئىشلەپ بىرىڭ.
4.ئۆچۈرۋەتسە بولمايدىغان سۆزلۈكلەر قائىدىسى بۇنىمۇ كۈنلىكى 3 قېتىمدىن كۆرۈپ قويۇڭ.
ماتىماتىكا:
1. زۆرۈر دەرسلىك ۋە ئۆزىڭىز تاللىغان دەرسلىكتىكى مۇھىم فورمۇلالارنى كىچىك دەپتەرگە خاتىرلىۋىلىپ يىزىپ تۇرۇپ يادلىۋىلىڭ ھەمدى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش يولىنى مىسال بىلەن بىللەچۈشىنىۋىلىڭ.
2. فورمۇلا يازغان دەپتىرىڭىزگە مۇئەللىم ۋە ئۆزىڭىز مۇھىم دەپ قارىغان،ۋە ئۆزىڭىز ئىشلەشتەئېزىپ كەتكەن مىساللارنى تولۇق خاتىرىلىۋىلىپ قايتا ئىشلەپ بېقىڭ ، بۇ مىسالنىڭ ئۈنىمىنى بوش چاغلاشقا قەتئىي بولمايدۇ.
3. كونا-يىڭىسۇئاللارنى كۆپ ئىشلەپ بىرىڭ ، بۇنىڭ ئۈنىمى باشقا پەنلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندايۇقىرى ھەم ئۈنىمى كۆرىلىشى تىز بولىدۇ.
4. دەرسلىك كىتابنىڭ كۆنۈكمە مەشىقلىرىگە سەل قارىماڭ،شۇلارنىمۇ ئىشلەپ بىرىڭ.
5. ئىجىتىمائىي پەن ماتىماتىكىنىڭ خەنزۇچە سۇئاللارنى كۆپرەك ئىشلەپ بىرىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيەقىلىمەن.
ئۈنۋېرسال پەنلەردىن:
جۇغراپىيە :
1.بۇنىڭمۇ دەرسلىك كىتابلىرىنى ئاز دىگەندە 3قېتىم كۆرۈڭ.
2.بوش قالغان ۋە ئارام ئالغان ۋاقتىڭىزداخەرىتىنىڭ ئۇزۇنلۇق كەڭلىك گىرادۇسلىرى بويىچە پىششىق كۆرۈڭ.
3.تەقلىدىي سۇئاللارنى كۆپ ئىشلەپ بىرىڭ.
2014.4 –يىلىنىڭ ‹‹ئۆگەن››تەقلىدى ئىمتاھان سۇئاللىرىنى سېتىۋىلىپ شۇنىڭ باش قىسمىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى تەكرار كۆرۈپ ئاخىرىدىكى سۇئاللارنى ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئىشلەپ بىرىڭ.(بەلكىم بۇ سۇئالنىڭ 2015-يىللىقىمۇ چىقىپ قالار)
سىياسەت:
1. بۇنىڭمۇ ئوخشاش دەرسلىك كىتابلىرىنى ئاز دىگەندە 3 قېتىم كۆرۈڭ.
2.بىزنىڭ مۇئەللىم بىزگە تارقىتىپ بەرگەن مۇھىم مەزمۇن بار بىر قوللانما بار
شۇنىمۇ كۈندە كۆرىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن،بۇماتىرىيال ئىپتىخار ۋە مىسرانىم مۇنبىرىدە بار ئەگەر خالىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3.بۇنىڭدىنمۇ تەقلىدىي سۇئاللارنى كۆپ ئىشلەپبىرىڭ.
4.بۇنىڭمۇ ‹‹ئۆگەن›› 2014-يىلنىڭ تەقلىدىي سۇئالىنى سېتىۋىلىپ ئالدىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا سۇئال ئىشلەپ بىرىڭ.
تارىخ:
1.بۇ ھەقتە شەخس ۋە كوللىكتىپنى چىقارغان مۇھىم مەزمۇنلار خاتىرىسى كۆپرەك،شۇلارنى تەكرار كۆرۈپ بىرىڭ.
2.بۇنىڭدىنمۇ دەرسلىك كىتابنى بولۇپمۇ زۆرۈر دەرسلىك كىتابلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
3. بۇنىڭدىنمۇ تەقلىدىي سۇئاللارنى كۆپ ئىشلەپ بىرىڭ.
4.بۇنىڭمۇ ‹‹ئۈگەن›› تەقلىدىي سۇئالىنى سېتىۋىلىپ ئالدىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى كۆرگەچ سۇئاللارنى ئىشلەپ بىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەمدى يۇقارقىلاردىن باشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزغا ئەرزىيدىغىنى:
1. تەكرار ۋە ئىمتاھان مەزگىلىدىكى سالامەتلىكىڭىز ۋە بىخەتەرلىكىڭىز ئىنتايىن مۇھىم شۇڭا ئارام ئېلىش بىلەن ئۈگىنىشنى تەڭشەش بىلەن بىرگە 3 ۋاخلىق تاماققا كاپالەتلىك قىلىڭ.
2.ئەتىگەندە سەھەر تۇرىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيەقىلىمەن.چۈنكى سەھەر دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى.
3.بۇ جەرياندا بىر كونكېرت پىلان خاتىرىسى تۇتۇپ ھەممە ئىشلىرىڭىزنىڭ پىلانلىق، ئەتراپلىق يۈرۈشتۈرىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيەقىلىمەن.
بۇنىڭ پايدىسىنى شەخسەن مەن كۆرگەن ، يەنى پىلان تۈزۈپ شۇ بويىچە ئىش قىلغان ۋاقتىمدا ئۆزۈمنىڭ كۈنلىرىمنى ئالدىراشلىق ئىچىدە تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزگەندەك ھىس قىلغان،ئەمما پىلانسىز ئىش قىلغان ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى خۇددى يۈگەنسىز ئاتقا ئوخشاش ھەر ياندا چېپىپ يۈرگەندەك، كۈنلىرىمنى تولىمۇ مەنىسىز ئۆتكۈزگەندەك ھىس قىلغان.
4.ئەڭ مۇھىمىنىڭ مۇھىمى تەكرار مەزگىلىدىكى ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرسلەرگە بەك دىققەت قىلىڭ.مەن بەزى ساۋاقداشلىرىمىنىڭ ئۆزۈم ئۈگەنسەم ياخشى ئۈگىنىدىكەنمەن دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغان، دەسلەپ ئۆزۈممۇ بۇ خىل خاتا تۇيغۇغا بىرىلىپ ھەتتا دەرس تاشلىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ئەمما شۇ ئىسىڭىزدەبولسۇن سىز ئۆزىڭىز ئۈگىنەلەيدىغان ئىش بولسا مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى،ئۇستاز دەيدىغانلار بولمىغان بولاتتى شۇڭا ماڭا ئوخشا خاتا تۇيغۇغا ئەسرار بولۇپ ئاقىۋەت پۇشايمان قىلىپ قالماڭ.
5 .ھەر بىر پەنگە ئۆزىڭىزنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ نىشان نۇمۇرى ۋە نىشانلىق كەسىپ ھەمدە ئارزۇيىڭىزدىكى مەكتەپنى تۇرغىزىۋىلىڭ،بۇنىڭ ئۈگىنىشىڭىزگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى شەكسىز ھەقىقەت،ئەمما تەۋسىيەقىلىدىغىنىم مەيلى يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇڭ،مەيلى تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇك نىشانىڭىزيۇقىرىراق بولسۇن ،چۈنكى ئادەمنىڭ قۇدرىتى چەكسىز،كىم بىلىدۇنىشانىڭىزدىنمۇ يۇقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ قالامسىز تېخى.
6.ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانغا قاتنىشىشقا بەل باغلىغان ئىكەنسىز، تىلفون،كومپىيۇتىر،ۋەباشقا ھەر قانداق تاشقى تەسىرلەرنىڭ ئۈگىنىش مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يولقويماڭ،بۇزغۇنچىلاردىن خالىي ھالدا ئۈگىنىش قىلىڭ،دىققىتىڭىزنى ئەرزىمەس ئىشلارغابۆلمەڭ.
7.ئامال بار ئەڭ كۆپ دىگەندە 4 ئادەمدىن تۈزۈلگەن ئۈگىنىش گۇرپپىسى تەشكىللەپ مۇنازىرە تۈسىنى ئالغان ئاساستا ئۈگىنىڭ،بۇ جەرياندا دوسلار بىرلىشىپ ئائىلىۋى ئۈگىنىش مۇھىتى ھازىرلىسىڭىز ئۈنىمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.
8.ئىمتاھان بىرىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››،‹‹بىلىم-كۈچ››،‹‹تەرمىلەر ››
قاتارلىق ژۇرناللارنى كۆرۈپ قويۇڭ،دەرسلىرىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ماقالىلەرنى بوش قويماي ئۇقۇڭ.
9.رەسمىي تەكرار باشلىنىشتىن بۇرۇن دەرستىن سىرتقى ۋاقتىڭىزدا دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆپ ئوقۇپ بىرىڭ.
10.خەنزۇچە توربەتلەردىن 2015-يىللىق ئىمتاھان ئىزاھاتىنى ئىزدەپ ئەدەبىياتتىن باشقا پەنلەرنى شۇ ئىزاھاتقا ئاساسەن تەكرار قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەڭ ئاخىرىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆزىڭىز ۋە سىزگە ئۈمۈد باغلىغانلارنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alimjan705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-23 07:11 PM