مەن ھامان پارتىلايمەن!
ئۈمىدلىك ئەزا
خوش بولدۇم(ساتىرا) بىلمەي تۇرۇپ چۈشۈشنى،باشلاپ كەتتىم ئۇچۇشنى، شۇندىمۇ ساق-سالامەت چۈشكىنىمگە خوش بولدۇم ئىشىنىپ ئۆز-ئۆزۈمگە،ئويلاپ شەرەپ قۇچۇشنى، ئۇچۇپ كەلگەن ئامەتكە ئۈسكىنىمگە خوش بولدۇم. يۆلىمەستىن بىر كىشى يىقىلسا چوڭ كوچىدا، ئويۇن بىلىپ ھىجىيىپ تۇرغىنىمغا خوش بولدۇم. زامان زورنىڭ دەپ بىلىپ نوچى بولۇش كويىدا، يۇۋاشلارنى ئانى تېپ ئۇرغىنىمغا خوش بولدۇم. پۇلى بارنى دوستۇم دەپ ئارقىسىدىن پايپاسلاپ، كۈندە خوشال يەپ-ئىچىپ يۈرگىنىمگە خوش بولدۇم. كۈن چۈشكەندە بېشىغا ئىزدەپ كەلسە قېشىمغا، كىمۇ سەن دەپ قاپاقنى تۈرگىنىمگە خوش بولدۇم. خەلقىم ماتەم كويىدا كۆيسە ئەلنىڭ ئىشقىدا، ياشلىق بىلىپ قىزلارغا كۆيگىنىمگە خوش بولدۇم. شەرەپ قۇچسا بىرەسى مىت قىلماستىن ئۇنىڭغا، چەتئەللىكنى ئۆز بىلىپ سۆيگىنىمگە خوش بولدۇم. دىبا قاۋاق ماكانىم ئاتام كەبى كانىم بار، بۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرگىنىمگە خوش بولدۇم. ئۆلمىسەملا تاماشا بۇ ئۆزگەرمەس نىشانىم ، كىچىك تۇرۇپ ھەممىنى كۆرگىنىمگە خوش بولدۇم. ساراڭمىكىن دەپ قالدىم كىشىلەرگە نەزەر سېپ، مەن سۆزلىسەم جار سېلىپ كۈلگىنىمگە خوش بولدۇم. ئۇلار دەيدۇ خۇدايىم پاناھ بەرسۇن بۇلاردىن، شۇنداق بولسا نۇمۇستىن ئۆلگىنىمگە خوش بولدۇم. مەنبەسى:ئەپچىلەم
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
تىرىشچان ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
سۆز چەكلەندى
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ