يىـڭى ئــەزا
مۇخەممەس ئا . ھەققاني ... 2014. يىل 20.ئىيۇن ھەق نىداسى ماڭا ھەمراھ ھەر بىر نەپەستە ، بىگان قەلبىم تىنىم تاپماس ئاڭا ھەۋەستە . لىكىن سۆزمەن شاتۇتىمەن تۆمۈر قەپەستە ، ئامالىم يوق بۇ قەپەستىن چىقىپ كەتمەككە. سەبىر قىلىپ ئۆتمەكتىمەن سابىر سۈپەتتە . ھايات چاقنار ، تىرىشساڭ گەر نۇر زىيا بولۇپ ، ئان شۇندىلا ئىنسان ئۆرلەر ئىشەنچكە تولۇپ . دۇنيا قانداق چۈشەنمەسلىك بىر روھى قۇلۇپ ، ھەم شۇنىڭغا ئامال قىلماق ئىنسانىي خۇلۇق . سەبىر قىلىپ ئۆتسەڭ دەيمەن سابىر سۈپەتتە . دۇنيا نېمە دەپ سورىسام تىلىڭ چاينايسەن ، سەنلا ئەمەس بىزلەرمۇ ھەم تويۇپ قانمايسەن . پايدا كەلسە دۇنيا مۇشۇ ئەجەپ ناينايسەن ، زىيان كۆرسە قاپاق تۈرۈك ئەجەپ قاينايسەن . سەبىر قىلىپ ئۆتكەن بولساڭ سابىر سۈپەتتە . روھىم سورار ! سەن ھاياتقا كۈلۈپ باقتىڭمۇ ؟ ئىشەنچ بىلەن قوللىرىغا سۈيۈپ باقتىڭمۇ ؟ يامان گېپى قىلىنغاندا قۇلاق قاقتىڭمۇ ؟ سەن بۇنىڭدا بىمارلاردىن ياكى ساقتىنمۇ ؟ سەبىر قىلىپ ئۆتسەم دەيمەن سابىر سۈپەتتە. ھەممە يېرى بۇ ھاياتنىڭ ئەجەپ ئوچۇقتۇر ، چۈشەنمەسلىك سىز بىزدىكى نوقسان يوچۇقتۇر . ئىشەنمىسەڭ قاراپ. باققىن كەڭرى ئوپۇقدۇر ، ئنتىزاملىق ھەم تەرتىپلىك مىسلى ھەم يوقتۇر . سەبىر قىلىپ ئۆتكەن بولساڭ سابىر سۈپەتتە . گۈزەل ھايات , گۈزەل تارىخ , گۈزەل ئەسلىمە ، بەزى ئاچچىق بەزى تاتلىق ئارتۇق غەم يېمە . پۈتۈلگەندۇر . نىچۈك بولۇر ؟بۇنى دەپ يۇرمە، خوشاللىقنى تۇرمۇشىڭدىن ئايرىم ھەم كۆرمە . سەبىر قىلىپ ئۆتكەن بولساڭ سابىر سۈپەتتە . ھەر بىر كىشى ئايرىم دۇنيا قەلبى ھەم ئايرىم ، لىكىن ھەممە بۇ ھاياتتا يولۇچى دائىم . ئۆزگەرمەيدۇ ' پەقەت تىرىش بولغىن ھەم قائىم . شۇندىن ئىزدە خوشاللىقنى , كۈلۈپ باق ! دائىم ، سەبىر قىلىپ ئۆتەيلى بىز سابىر سۈپەتتە .
پاش قىلىش
ئاكتىپ ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
تىرىشچان ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
yaxawargin totkun bolsimu
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ