قەلبىمدىكى قىز
مەجنۇن ئۆزى سۆيگۈ-ھىجراننىڭ،
قۇلى بولغان،شاھىت،پىشۋاسى.
شۇمەجنۇننىڭ دەردى قانچىلىك-
بولسا مەنكى ئۇنىڭ ھەقداسى.
مەيلى كىچە،كۈندۈزۈم ئوخشاش،
ھىجرانلىرىم قاقىدۇ قانات.
كۆزدىن ئاققان ياشلىرىم ئەمەس،
ئاققىنى قان،دەريالار ياساپ.
كۆرۈنىدۇ جانان سىماسى،
چۈشلىرىمدە شۇنچىلىك مىسكىن.
يوقىلىدۇ دەقىق ئىچىرە،
بىرەلمەيمەن قەلبىگە تەسكىن.
ئۆزۈم سۆيۈپ تاشلىغانمۇ مەن،
دەرت تارتىشقا ھەقلىقمەن، بۇئاز.
مەندەك باغرى تاشقا لەنەت دەپ-
يىغلامسىراپ يۈرەمدىكىن يار.
ئۆتۈلگەندە نىگارىم قەدرى،
چاچلىرىمغا سانجىلغاندۇر ئاق.
ۋىسال ئىزلەپ، بولۇپ ئاۋارە،
بولۇپ قالدى ئون بەش يىلمۇ ساق.
كىتىپ قالغان يالقۇنلۇق ياشلىق،
بالام بويى مەن كەبى تەڭداش.
ئەمما سۆيگۈم ئۆچمىدى ئەسلا،
بولماس يارسىز ماڭا بىر مۇڭداش.
پۇشايماننىڭ قامچىسى ساۋار،
ئەمما ئارزۇ بولمايدۇ تەسلىم.
بىرلاسۆزنى پىچىرلاريۈرەك-
«قايتىپ كەلسە شۇياشلىق پەسلىم».
كەلمىسىمۇ مەيلىتى ياشلىق،
كەلسە ئىدى شۇجانان بىر رەت.
ئېيتارئىدىم تۇتۇپ قۇلىنى-
«سەنسىز ھايات دوزاقتۇر پەقەت».
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)