ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
پەرزەنت مىسكىن، كۆزلىرى ئەنسىز،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
پۈتۈن دۇنيا كۆرۈنەر رەڭسىز،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
سۈكۈت كەبى ئېغىر تىنىقلار،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
كۆلچەك قۇرۇپ ئۆلگەن بېلىقلار،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
تائام يىسەڭ زۇقۇم تېتىيدۇ،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
چېھىرلەرگە ئازاپ بېكىيدۇ،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
ئېچىلمايدۇ ئەرنىڭ قاپىقى،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
ھەم چىقمايدۇ ئايال ھاردۇقى،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
خۇشياقمايدۇ بالىغا ئوقۇش،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
ئايۋىنىدا ھۇۋلايدۇ ھوقۇش،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
بەركەت قېچىپ،تاپمايدۇ روناق،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
پەرزەنتلەرمۇ ئۆتمەيدۇ ئىناق،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.
ئۆتسە ئۆمۈر ئەرزىمدۇ دوستلار،
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە؟
چېچەكلەمدۇ جان دېگەن كۈندە؟
ئۇرۇش-جېدەل قۇرىماس ئۆيدە.