كۈندۈز پارچىسى
شاماللار ئوينايدۇ بالىلار بىلەن ،
كوچىلار ناخشىدا چىقىرار ساۋات .
گۇگۇملار تامچىلاپ چۈشكەن بۇلۇڭلار ،
سەبىيلەر قولىدا بولماقتا ئاۋات .
ئاسماننىڭ يېڭىگە كىرمەكتە قۇياش،
قاپقارا بۇلۇتلار چۇچقاق چۈشىرەر.
تولۇنئاي ئاچىدۇ دەرىزىسىنى ،
دەرەخلەر يېيىلغان گۇگۇمنى كۆرەر.
پاشىلار قەلئەگە قىلماقتا ھوجۇم ،
گۈللەرنىڭ بەرگىدىن قاچار بىر ئاھاڭ .
تار ھاۋا كوچىدا تارار چېچىنى ،
تېرەكلەر ئۆز ئارا قىلماقتا پاراڭ .
بىنالار تۈۋىدە تونىشار ۋاقىت ،
ئادەملەر ئۈزۈلگەن ۋىسال ئۇلىشار .
دەز كەتكەن ئۈمۈدنىڭ قېپىنى ياماپ ،
رەسمىيەت قېپىغا كۆڭۈل قۇيىشار .
زارىقىش يىقىنلار شېئىر قىرىغا ،
بىر سىقىم شىمىشكا تۆكتى كۆز يېشى .
بىر تاۋاق سېغىنىش تۇتالماي قايماق ،
خۇرسىنىش بولماقتا ئابىدە تېشى .
يىرتىلغان كۈندۈزنىڭ ۋاراقلىرىدا ،
تۆنۆگۈن قالدۇرغان ھېكىمەت تۇرار .
توموزغا سائەتنى يىغار كوزىغا ،
پەرۋانە چىراغقا ئىسمىنى ئويار .
بۇلۇتلار يۇلتۇزغا يازىدۇ ئۇچۇر ،
بىر <ئۆھۈ> ئاۋازنى كۈتەر زارىقىپ .
ئاسماننىڭ ئېكرانى بەرمەكتە ئېلان ،
كەچقۇرۇن يۈرمەكتە ئۇيقۇ تارقىتىپ.
كۈندۈزدىن قاڭقىغان ئادەمگەرچىلىك ،
ۋاز كېچىش قىلماقتا ۋاقىتنى سۈڭەك .
شاۋقۇنلار شەربىتى شېكەرسىز بولغاچ ،
ئۇيقىغا چىلىشار تىرەلگەن ئېڭەك .
بىر پارچە ھاياتنىڭ ھۆجەيرىسىدە ،
چىڭقىلىش يىغىلغان ئۈمۈد پارتىلار .
ئىنتىلغان نىيەتكە بەرمىسەك ئورون
بىر ئەخلاق تۈرىدىن نومۇر تارتىلار .
ئاپتۇرى :ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن