يىـڭى ئــەزا
تەكلىماكان ئا. ھەققانى 2014.يىل 27.ماي ... تەكلىماكاندىن ئۆتكەندە ... ئەجەپمۇ بىپايان كۆزلەر يەتكۈسىز ، قۇم بىلەن بېزەلگەن بىر ئېسىل ماكان . نېمىلەر يوشۇردۇڭ ناگان تەكتىڭدە ، قىزىقىپ قارايمەن ئې تەكلىماكان . دۆڭلىرىڭ ئەسلەتتى ئېسىل - ساراينى ، ئۇندىكى باي - چۆرە ھەمدە مالاينى . بايلىق چۈن قان تۆككەن ئاشۇ چىراينى ، سەندە كۆپ دەرس بار ئې تەكلىماكان . يەنە بىر قارىسام كۆرۈندى بوستان ، تولۇقكەن ئۇنىڭدا ھەممە خالاستان . باغلىرى ئىچىدە بىر گۈزەل رەيدان ، بوپتۇغۇ بەئەينى باغ ھەم گۈلىستان . ئېلىم مەرىپەت بۆشۈكى بۇ باغ ، ياخشىنى يېغارمىش ئۆزىگە ھەر چاغ . بىر دەۋر ئۆتۈپتۇ گۈللەپ چاھارباغ ، ئويلاپتۇ ھەر كىشى قۇرىماس بۇ باغ . كىبىرلەر ئېشىپتۇ ئالىملار ئارا ، ئۆز - ئارا فىتنىلەر سۇغاردى قانا . بىلىملىك خار بولۇپ دىللىرى يارا . زالالەت باشلاندى بوستانىم ئارا . ئىلىمسىز بولۇرمۇ بۇ مىللەت مەۋجۈت ، قېلىپتۇ شۇن بىلەن ئاراسى ھەم جۇت . بىر - بىرلەپ يېقىلدى ئۆرتەندى ۋۇجۇت، يوقىلىش باشلاندى ئەڭ ئۇلۇغ شاندىن . يېمىرلىش باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ، ھۇجۇملار باشلاندى ئاجىز نىمجانغا . ھەر كىشى تارتىدۇ ئۆزى ھەر يانغا ، خاراپلىق يۇلتۇزى كەلدى ھەر ياندىن . قارىسام ھەر تەرەپ نۇرغۇن تۇيغۇلار ، قەلەملەر ئاجىزدۇر ئۇنى ئىزدەشكە . ئېنىقكى بىلگىنىم جەزمىيەت بىلەن ، دۇنيادا ئېسىلماڭ ھېچبىر قىممەتگە . ھەممىسى تۈگەيدۇ ، پارچىسى قالماس ، بۇنى بىل ئې دوستۇم ئارقىغا يانماس . قىلمىغان ھېچ ئەمەل ئۇتۇق قازانماس ، خاراپلىق كەلگەندە نەدەم ئەسقاتماس . رەببىمىز بۇيرىغان زىمىننى كۆرگىن ، باغىيلار ئاقىۋەت قانداق ؟ قارىغىن . شۇن بىلەن ئەتراپقا باشقا قارىغىن ، ئۇستازسەن ، تەشەككۈر ئې تەكلىماكان .
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ