|
|
|
|
مۇھەببەت قېنى؟
«م»مۇھەببەت باشلىدى گۈزەل بىر جايغا،
«ئۇ» ئۇ كۈنى سېنىلا ئۇچراتقان ئىدىم.
«ھ»ھەم-نەپەس بولسام دەپ ساڭىلا كۆيۈپ،
«ئە»ئەبەدىي ئايرىلماي ئۆتسەمكەن دېدىم.
«ب»بەرمىدى تەقدىرىم قوشماي رىسىقنى،
«ب»بېلمىدىم كاج تەلەي يېغلىتىپ مېنى.
«ئە»ئەبەتكە سۆيۈشكە پۇرسەت بەرمىدىڭ،
«ت»تائەبەت ئارماندا كۈتەمدىم سېنى.
«ق»قالدىمغۇ ۋىسالسىز يىراق بىر چۆلدە،
«ئې»ئېزىقىپ يېغلايمەن سۆيگۈ ئالدىدا.
«ن»نالەمنى بىر كۈنى تارتىسەن ھامان،
«ئى»ئىزىلىپ تاشلىنىپ ئالدام - خالتىدا .
ئاپتۇرى: ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان قاشتېشى
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى خوتەن شەھىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-24 12:17 AM
|
|
|
|
|
|