سەن ياشىغان كونا زامان قالمىدى ھازىر
مەدىنيەتكە يۈزلەندۇق بىز ئالماشتى دەۋىر ،
رەنجىمىگىن زامانغا باق، قىلغىن سەن سەۋىر،
زورلىمىغىن بولدى، ئەرگە تەككۈم يوق دادا .
ياشلىقىم-پاشالىقىم ئويۇنغا ھېچ قانمايمەن،
دىبالاردا شوخ ئويناپ يۈرمەي قانداق چىدايمەن،
كېتىپ قالسا ياشلىقىم زادى قاچان ئوينايمەن،
زورلىمىغىن بولدى، ئەرگە تەككۈم يوق دادا.
ئەرگە تەگسەم ئوينايدىغان ئويۇنلار نەدە؟
ئويناپ يۈرسەم ئېرىم ماڭا قىلمامدۇ زەردە،
چىدالامسەن كۈندە يۈرسەم قايغۇ-ئەلەمدە ,
زورلىمىغىن بولدى، ئەرگە تەككۈم يوق دادا .
ۋىجدانلىق يىگىتلەر ئازىيىپ قالدى،
قىزلار ئۇلار قولىدا قونچاق بوپ قالدى،
بۇ تۇرمۇشنىڭ كۈلگۈدەك نەرىمۇ قالدى،
زورلىمىغىن بولدى، ئەرگە تەككۈم يوق دادا.
دادا بولدى مەندىن ئارتۇق غەم قىلما،
پۇل بولسىلاا ھەممە ئىش بولۇر جايىدا،
تۆۋە قىلسا يۇيىلىدۇ قىلغان شۇ گۇناھ ،
زورلىمىغىن بولدى، ئەرگە تەككۈم يوق دادا.
‹‹ياشلىقىم پاشالىقىم›› كەلتۈرەيمەن گۈل،
ئەرگە تېگىپ ئائىلىدە بولۇپ قالماي قۇل،
ئۇچراپ قالسا تېگىمەن ساددا ھەم بىر گول،،
زورلىمىغىن بولدى، ئەرگە تەككۈم يوق دادا.
ئىلگىرى ئىلھامىم تۇتقاندا يېزىپ يوللىغان شېئىرىم ئىدى،كۆرمىگەنلەر كۆرسۇن دەپ قايتا يوللاپ قويدۇم....
ئەسكەرتىش: ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە توي قىلىش دېگەن جاپاغا قېلىش، بىر ئۆيگە بەند بولۇش، ئەرنىڭ كۆزىگە قاراپ، سىزغان سىزىقىدىن چىقماي ياشاش دېگەنلىك ،ئالدىراپ توي قىپ نېمە كەپتۇ، ئوينايدىغاننى ئويناپ، ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرىۋېلىپ ، ئاندىن توي قىلساقمۇ كېچىكمەيمىز.... دېگەندەك قاراشلاردا بولىدىغان دىبالاردىن ، ئويۇن -تاماشىلاردىن نېرى كېتەلمەيدىغان، بىر قىسىم قىزلىرىمىزنى ھەم شۇنداقلا مەسئۇلىيەتسىز،غۇرۇرسىز بىر قىسىم يىگىتلىرىمىزنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، بۇ شېئىر شۇنداق بىر قىسىملارغا قارىتىلغان..............
تېمام قىز –ئوغۇللار بىر –بىرىنى تىللاپ ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان سورۇنغا ئايلىنىپ قالمىغاي....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-22 07:56 PM