بالا ساتقانلار
رۇستەم قاراسۇ
شەيتان كەبى يولدىن چىققانلار،
يۈرەكلەرگە داغنى سالغانلار.
جازاسىنى ئۆتەيدۇ چۇقۇم،
بالا بۇلاپ بالا ساتقانلار.
بالام يۈتتى دەيدۇ بىرلىرى،
ئەندىشىدە ئۈتەر كۈنلىرى.
پەرزەنتىنىڭ ئېشقى-ئوتىدا،
يىغلاپ-يىغلاپ پۈتەر ئۈنلىرى.
نارسىدىدە يوقتۇرھىچ خەسلەر،
تارىت قولۇڭنى ئادەم ئەمەسلەر.
ئاتا-ئانا مېھرىدىن ئايرىپ،
سەبىيلەرنى قېينىما پەسلەر.
توۋا قىلغىن ئەقلىڭدىن ئازما،
ئەۋلادلارغا لەخمىلەر قازما.
كەچۈرمەيدۇ ھەتتا تەڭرىمۇ،
ئۆز-ئۆزۈڭگە گۇناھنى يازما.
قەدىناس
رۇستەم قاراسۇ
جان ئاتاڭغا ئاناڭ قەدىناس،
باللىرىڭغا بالاڭ قەدىناس.
توققۇزى تەل ئادەم بولماق تەس،
نېمە قىلساڭ چالاڭ قەدىناس.
ساڭا چىن دوست يارىڭ قەدىناس.
كۆز مۇنچاقتۇر بوينۇڭغا ھەم ئاس.
چىن دوستلۇقنى ئەۋلادلىرىڭغا،
قالدۇر يەنە مەڭگۈلۈك مىراس.
ھاياتلىقنىڭ كۆچىمىز تېمتاس،
قارا تۇپراق تەكتىمىز بۇ راس.
قەدىرلەيلى ياشاشمۇ پۇرسەت،
ھاياتلىققا ئۆلۈم قەدىناس.
رۇستەم قاراسۇ..خېبىېيدا يېزىلدى
2014.ئاي 6. ئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-22 04:48 PM