|
|
|
|
ئەجدادىڭ ياشاپ ئۆتكەن،
ئىسىل تەختۇ راۋاقلاردا.
مەردانە مۇقام توۋلاپ،
دۇتار،تەمبۇر،راۋابلاردا.
بەخت-ھۆرلۈك،ئىناق-ئۆملۈك،
تىلەپ سەجدە تاۋاپلاردا.
بەرگەن نى مىراسلارنى،
جىق تارىخى سناقلاردا.
بىر-بىرلەپ يوقاتتىڭ سەن،
بىراق ئۇنى توزاقلاردا.
بابلاندىڭ تالاي مەرتەم،
قۇرۇق ماختاش چاۋاكلاردا.
ئالدىنىپ چاۋاكلارغا،
مەي ئىچكەچ تاۋاقلاردا؛
بوردالدى نىجىس شەيتان،
ۋۇجۇدۇڭدا-كاۋاپلاردا.
ئەكس ئەتتى تالاي پاجىئە
ئاشۇ ئاچچىق ساۋاقلاردا.
بىل ئەمدى شۇنى ئىنسان،
ئەمەس بەختىڭ قاۋاقلاردا.
مەنبە:سەككىز سۈرىتىم(تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس)
|
|
|
|
|
|