ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە...
(ھېكايە)
«قەدىرلىك دوستۇم،قانداق ئەھۋالىڭ ؟
ئىبەرىتكەن ئۇچۇرۇڭنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ئىشتىن قالغىنىڭنى ،ئانچىكىم ئىشلار ئۈچۈن يولدۇشۇڭدىن ئاجىرشىپ كەتمەكچى بولغانلىقىڭدىن خەۋەر تىپىپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى ھەمدە بۇ سەۋەپلىك چۈشكۈنلىشىپ كىتىشىڭنى ، ئۇماق باللىرىڭنى يىتىم قىلماسلىقنى نەزەردە تۇتۇپ قەلبىمنىڭ پىنھان جايلىرىغا يۇشۇرۇپ قويغان ئازاپلىق ۋە جاپا بىلەن يۇغۇرۇلغان كەچمىش خاتىرەمنى ساڭا ۋاراقلاپ بەرگۈم كەلدى.
ئىلگىركى ئىشلارنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ بىلىسەن،بىز مەكتەپتىن كۆزلىرىمىز قىيمىغان ھالدا ئايرىلىپ ئۆز يۇرتىمىزغا قايىتتۇق.مەن ئوقۇتقۇچى بولدۇم،بۇرۇن بۇ خىزمەتنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغانلىقىمدىن ئىچىمدىكى خۇشاللىقنى سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم.بالىلار بىلەن ئۆتكەن ھايات نىمە دىگەن كۆڭۈللۈك ھە! مەن خىزمەتكە كىرشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن ئەسئەت بىلەن توي قىلدىم.ئوقۇش،خىزمەت دەپ جەميەتكە ئارلاشمىغانلىقىم،باشقىلارنىڭ ئەسئەتنى ھەددىدىن ئارتۇق ماختاپ ئۇچۇرۇش سەۋەپلىك شىرىن چۇشلەر ئىلكىدە مەس بۇلۇپ كىتىپتىمەن.بىراق،بىر يىلغا بارا-بارماي بۇ چۈشلىرىم بىراقلا بەربات بولدى.بۇ جەرياندا چۈش بىلەن رىياللىق ئوتتۇرسىدا قانچىلىك تىركەشكەنلىكىمنى سورىمايلا قوي.
ئەرلەر ئەسلى ئايالىغا،باللىرىغا،ئائىلسىگە مەسئۇل بولىشى كىرەك ئىدى،ئەمما ئۆزىنى باشقۇرالمىغان،ئۆزىگە مەسئۇل بولالمىغان ئادەمدىن قانداقمۇ ئارتۇقچە ئۈمۈتلەرنى كۈتكىلى بولسۇن دەيسەن.ئۇ دائىم سىرىتلاردا نامەلۇم ئاغىنىلەر،ئورنى ئېنىق بولمىغان بەزمىخانىلاردا ئويناپ كۈلۈپ يېرىم كىچە بولغاندا ئۆيگە مەس-ئەلەس قايتىپ كىلەتتى.بىر ئېغىز تەربىيە قىلسام،مىڭ ئېغىز جاۋاپ ياندۇرغاننى ئاز دەپ ئەتىسى ئۆيگە قېيداپ كەلمەيتى.شۇ ئاچچىق يۈتۈپ يۈرگەن كۈنلەردە بىر بالىغا ئانا بولۇپمۇ ئۈلگۈردۇم.كىيىنىشىم،بالا بېقىشىم،ئۆي تۇتۇشۇم يولدۇشۇمغا يارمىغان بولسا كىرەك دەپ تىرشىپ تىرمىشىپ ئۆزەمنى خىلىلا تۈزەپ چىقتىم،ئۆزەمنىلا ئەمەس بالام ۋە ئۆيگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم،گەرچە بىرپۇڭنىڭ تۆشكىدىن مىڭ ئۆتكىدەك ھالەتتە بولساممۇ.ئەمما بۇلار ئەسئەتكە كار قىلماقتايوق ، خىزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ سۇسلىقى سەۋەبىدىن خىزمەتتىن ئايرىلىپ تېخىمۇ بولۇمسىز بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاتا-ئانامنىڭ دىھقان ھەم كىسەلمەنلىكى يەلكەمدىكى يۈكنى بارا-بارا ئېغېرلىتىپ بارماقتا ئىدى.ئىچ-ئىچىمدىن يىغا قاپسايتى،ئەمما ئازاپلىنىشنىڭ،چۈشكۈنلىشىشنىڭ،ئۆزىنى قويۋىتىشنىڭ ئاجىرشىشنىڭ ماڭا ۋە بالامغا،ئائىلگە ياخشى نەتىجە ئىلىپ كىلەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدىم.بىر تەرەپتىن كىتاپتىن ئوقۇغان ‹توي قىلغۇچە ئىككى كۆزۈڭنى ئىچىۋەت،توي قىلغاندىن كىيىن بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال›‹توي قىلغاندىن كىيىن ئاتا-ئانا ئۆزىنى ئەمەس بالىنى ئويلىشى كىرەك›دىگەن ئىبارىلەردىن ساۋاق ئالسام يەنە بىرتەرەپتىن سىنىپىمدىكى يىتىم بالىلارنىڭ كۆزلىرىمگە بىچارىلەرچە تىكىلىشىدىن ئىچىم ئاچچىق بولاتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمنى خار قىلغۇچە كۈچۈمنى خار قىلاي دىدىم،بىراق ئۆزەڭمۇ بىلىسەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشى قانچىلىك دەيسەن؟ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئادەم قاراشلىق تۇرسا.قانداق قىلىش كىرەك؟
بېشىمنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ قېتىپ تۇرغان شۇپەيىتتە ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە خىزمەت نەمۇنچىسى بولۇپمۇ كاپاتلاندىم.تىرىشچان،غەيرەتلىك،نىيىتى دۇرۇس بەندىسىنى ئاللا ئۆزى يۆلەيدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئازراق مۇكاپات پۇلىغا تەتىل ۋاختىدىن پايدىلنىپ تىككۇچىلىك كۇرسىغا كىردىم ھەمدەبىر قاتار تىككۈچىلىككە ئائىت ماتىرياللارنى سېتىۋالدىم.بۇجەرياندا پۇتۇم پۇتۇمغا ئۇلاشمايلا كىتىۋاتاتتى.ئاخشىمى ئەل ئۇيقۇغا كەتكەندە ئاللادىن كېچىنى يارتىپ قويغانلىقىغا مىڭ-مىڭ رەھمەتلەرنى ئېيتاتتىم.تۇرۇپلا كىچىك چاغلىرىمدا بىرەر ئىشنى ياخشى قىلسام،دادامنىڭ دائىم:‹ئوغۇل بالىدەك بالامدە بۇ!›دىيىشلىرىنى پات-پات ئويلايدىغان بولدۇم.ئەپسۇس ھازىر قانداق بولۇپ كەتتى دەيمەن؟...يەنە تۇرۇپلا بىر يىلدىن بۇيان ئىش تاپالماۋاتقان يولدۇشۇم كۆز ئالدىمغا كىلىپ ئاچچىق بىر يىغا تومۇر-تومۇرلىرىمدىن،يۇرەك باغرىمدىن كۈۋەجەپ يۇقۇرغا ئۆرلىمەكچى بولاتتى.مەن يەنە غەيرەتلىنىپ ئامال بار كۆڭۈللۈۇك موھىتنى تىرشىپ بەرپا قىلىشقا،ئۇزارتىشقا تىرىشسام،كۆڭۈلسىز مۇھىتنى ئامال بار قىسقارتىشقا،يوققىلىشقا ئۇرناتتىم.
شۇنداق قىلىپ ئائىلدە قوشۇمچەتىككۇچى،مەكتەپتە تىرىشچان ئوقۇتقۇچى بولۇپ بىر قانچە يىلنى ئۆتكەزدىم،بۇ جەرياندا قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ئائىلە ئىختىزادىمنى خېلىلا ياخشىلىۋالدىم.ئىش ئىزلەپ كىرمىگەن ئوي،چىقمىغان دۆڭى قالمىغان يولدۇشۇمغا بازارنىڭ ئاۋات يېرىدىن بىرچەرچەن تاللا بازىرى ئىچىپ بەردىم،ئويۇنغا بۇرنىغىچە تويغان يولدۇشۇم ھازىر بەلەكچىلا تۇزۇلۇپ كەتتى.مەنمۇ يولدۇشۇم ئاچقان دۇكاننىڭ يېنىدىن تىككۈچىلىك دۇكىندىن بىرنى قوشۇمچە ئېچىپ خىلى كۆپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان قىز-ئاياللارنى ئىشقائورۇنلاشتۇردۇم.
دوستۇم يىغىپ ئىيىتسام ئادەم قىيىنچىلىققايۇلۇققاندا كەينىگە قاراش،تىرىشچانلىقتا ئالدىغا قاراش كىرەككەن.بەلكىم مەخسىدىمنى چۈشۈنۇپ يەتكەنسەن، غەيرەتلىك بول!بانكا كارتاڭنىڭ نۇمۇرىنى ماڭا ئىبەرتىپ بەر،ئازراق پۇل سېلىپ بىرەي،ئۆزۈڭنى ئوڭشىۋىلشىڭغا ياردىمى بولار.ئەسلىدىكى قەيسەر ھالىتىڭگە قايتىشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن. دوستۇڭ:مىھرىباندىن »
مەن دۇستۇمنىڭ خېتىنى ئازاپ ۋە ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم،دوستۇم ھىلھەم ‹ئۆزەڭنى خار قىلغۇچە كۈچۈڭنى خار قىل ›دەپ قۇلاق تۈۋىمدە پىچىرلاۋاتقاندەك،ئاجايىپ بىر كۈشلۈك قول مىنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئىلىپ چىقىپ كىتۋاتقاندەك،ئىلگىركى ئېغىرلاشقان جىسمىم تۇرۇپلا پەيدەك يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلماقتىمەن.
مەنبە:ئۆزئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-22 02:13 AM