ساپما كەش
(ھېكايە)
پەرھات جەمشىت
باشلىقنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەۋاتقىنىمغا بىر نەچچە يىل بولدى،لېكىن دەم ئېلىش كۈنلىرىم ئاساسەن يوق بولدى،شەنبە-يەكشەنبە،ھېيت بايرام كۈنلىرىمۇ باشلىقىمنى بىردەم ئۇيەرگە،بىردەم بۇيەرگە توشۇپ،ئۇ ئىشىنى تۈگىتىپ چىققۇچە ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ساقلاش بىلەن ئۆتتى. ئەتە كۆچەت تىكىش كۈنى بولۇپ ئىدارىدىكى چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئەتىكى پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقى ھەمدە ئىدارىنىڭ چوڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ بارىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىندى.ئىچىمدە" ئەتە باشلىق كۆچەت تىككىلى بارىدۇ،مېنىڭ ئىدارىدە ئىشىم بولمىغاندىن كېيىن بۇرادەرلىرىم بىلەن تازا بىر پەيزى قىلىۋالمايمۇ؟"دېگەن خىيال بىلەن كەچقۇرۇن ئىشىتن چۈشۈپ بىر نەچچە بۇرادىرىمگە تېلىفون قىلدىم،ھايال ئۆتمەي بىز ئالدىن كېلىشىپ قويۇشقان رېستۇرانغا يىغىلىشتۇق،تاماق تارتىلىپ تۇرۇشىغا تېلىفونۇم سايراپ كەتتى،ئېكراندىكى نومۇرنى كۆرۈشۈم بىلەن ئەرۋاھىم
شۇنداق ئۇچتى لېكىن ئامالنىڭ يوقلىقىدىن ئۇنى ئالدىم:
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشلىق.
__ ھە! سەن ھازىر ئىدارىگە بېرىپ ئىشخانامدىكى ساپما كەشىمنى ئەكىلىپ بەرگىن "دېىدى ئۇ بۇيرۇق قىلىپ.ئامال قانچە دەيسىز شۇنۇڭ بىلەن بۇرادەرلىرىمگە بىر سائەتكىچە بېرىپ كېلىمەن دەپ ۋەدە قىلىپ قويغاندىن كېيىن ئىدارىگە يۈرۈپ كەتتىم،ئىدارە بىلەن باشلىقنى ئۆيىنىڭ ئارىلىقى خېلى يىراق ئىدى،مەن ئىشخانىغا كىرىپ ساپما كەشنى تاپقاندىن كېيىن ، ماشىنىنى ھەيدىگىنىمچە باشلىقنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتىم،ئاخىرى باشلىقنىڭ ئۆيى بار ئولتۇراق رايونىغا كەلگەندىن كېيىن ھاپما كەشنى كۆتۈرگىنىمچە بىناغا كىردىم .قېرىشقاندەك لېفىت بۇزۇلۇپ قاپتۇ ئامال يوق پىيادە چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم 10-قەۋەتكە ئاران دېگەندە ئون نەچچە مىنۇتتا چىقتىم چىقىم ،چىقىپ-چۈشكىچە يېرىم سائەت كەتسە ۋاقىتتا بېرىپ بولالمايدىغان بولدۇم دېگەنلەرنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم،مەن ساپما كەشنى باشلىققا بېرىپ بولۇپ:
_ يەنە قانداق ئىش بار ؟دەپ سورۇدۇم.
_ ئىش يوق سەن كېتىۋەر!دېىدى جاۋابەن. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا مەن تېزلىك بىلەن بىنادىن چۈشۈشكە باشلىدىم،بۇرادەرلىرىمدىن تېلىفون كەلدى.مەن ھازىرلا يېتىپ بارىمەن سىلەر ئولتۇرغاچ تۇرۇڭلا دېگىنىمچە بىنادىن چۈشۈپ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ تۇرۇشۇمغا تېلىفونۇم يەنە سايراپ كەتتى،تېلىفوننى باشلىق قىلغانكەن.
__ "بۇ ساپما كەش ماڭا كىچىك كېلىپ قالدى.سەن ھازىرلا ئىدارىگە بار!مەن ساپما كەش ئېلىشقا مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ قويدۇم.ئۇ ئېلىپ بەرگەن ساپما كەشنى كېچىكتۈرمەي ماڭا ئەكىلىپ بەر! "دېدى.مەن ئۇنىڭ تاپشۇرۇقۇم بويىچە ماشىنىنى قۇيۇندەك ھەيدەپ ئىدارىگە يېتىپ كېلىپ ھېلىقى كىشىنى تاپتىم.
__ ھازىر كەچ بولۇپ كەتتى،دۇكانلارمۇ تاقىلىپ بولدى.ھېلىقى كىشى شۇنداق دېگىنىچە ئۆزى تونيدىغان دۇكاندارلارغا تېلىفون قىلىشقا باشلىدى.بىر ھازادىن كېيىن بىر دۇكاندار يېتىپ كەلدى.ۋە باشلىقنىڭ پۇتىغا كېلىدىغاندىن بىر جۈپنى ئېلىپ بەردى.بۇ جەرياندا بۇرادەرلىرىم بىر نەچچە قېتىم تېلىفون قىلىپ مېنى ئالدىراتتى.مەن ئۇلارغا يولدا كېتىۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم.شۇنۇڭ بىلەن ماشىنىنى بولۇشىغا قوغلاپ باشلىقنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم.كىم بىلسۇن يېرىم يولدا ماي تۈگەپ كەتتى، مەن ھېلىقى ساپما كەشنى باشلىققا يەتكۈزۈپ بېرىپ ماشىنىنى قوروغا توختىتىپ قويۇپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ رستۇرانغا يول ئالدىم،مەن بارغاندا رېستۇرۇان ئاللا بۇرۇن تاقلغاندى.ھەي شۇ ساپما كەش مەن پەرىشان ھالدا ئۆيگە قايتتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-22 01:08 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# v$ Y7 l. N: p9 B% q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 W. D( A$ }. i$ b