مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1618|ئىنكاس: 9

بىلىمخۇمار: پاتېنت ھوقۇقىغا قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 01:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاتېنت ھوقۇقىغا قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى



تۈنۈگۈن «motiwarlar» ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز باغداش مۇنبىرىگە «بىلىمخۇمار ئاكىمىزدىن توردا پاتېنت ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمىز» [1] دېگەن تېمىدا بىر قىسقا يازما چىقىرىپ، مەندىن تور ئارقىلىق پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىش ئىشىنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. مېنىڭ جۇڭگونىڭ ھازىرقى پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرى ھەققىدە ھېچ قانداق بىلىمىم يوق. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىشلىرىدىن خېلى ئوبدان خەۋىرىم بار. يەنى، مەن 2000-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىدىكى 300 كىشىدىن كۆپرەك خادىمى بار، نۇرلۇق-تالا (optical fiber) خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن ئوپتىكا زاپچاسلىرى لايىھىلەپ ياساپ چىقىرىدىغان بىر يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتىدە پاتېنت ھۆججىتىنى تەستىقلىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدىم. مەن ئېرىشكەن ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقىدىن 3 پارچىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىسىگە مەن ئۆزۈم يالغۇز ئېرىشكەن، قالغان بىرسىگە بولسا مەن ئامېرىكا ساندىئا دۆلەت تەجرىبىخانىسى (Sandia National Laboratory) دىكى بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىللە ئېرىشكەن ئىدىم. شۇڭلاشقا باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەن مەزكۇر يازمىدا ئامېرىكىدا پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلىشتىكى قەدەم-باسقۇچلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

ئامېرىكىدا ئۆزى غۇلجىلىق ئۇيغۇر، ئېرى تۈرك بىر ھەدىمىز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بار. ئۇنىڭ بىر ئوغلى ئادۋوكاتلىق كەسپىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل «شىركەت پاتېنت ئادۋوكاتى» بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن ئۇ خىزمەت ئالمىشىپ، بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئادۋوكاتى بولدى. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇ ھازىرمۇ ئاشۇ خىزمەتنى قىلىۋاتىدۇ. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە پاتېنت ئادۋوكاتلىقى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى شۇغۇللىنىپ باققان كىشىلەردىن مەن بىلىدىغىنى پەقەت شۇ بىر ئۇكىمىزلا بار. مەن ئۇ ئۇكىمىزنى ئوبدان بىلىمەن. لېكىن، ئۇ ئۇكىمىز ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدۇ، ھەمدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئەمەس، ئادەتتە پەقەت تۈركلەر بىلەنلا ئارىلىشىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە بۇ گەپلەرنى دېيىشىمدىكى سەۋەب، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا ھازىر «پاتېنت ئادۋوكاتى» دېگەن كەسىپتە بىر بوشلۇق بار. ئۇيغۇر دىيارىدا مەزكۇر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلار بارمۇ-يوق، ئۇنى بىلمەيمەن.

ھەر قانداق بىر ئادەم بىرەر پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن بىر «پاتېنت ھۆججىتى» يېزىپ چىقىشى كېرەك. بۇ ھۆججەت تۈزۈلۈشى جەھەتتىن ئىلمىي ماقالىلەرگە بىر ئاز ئوخشاپ قالىدۇ. بىر ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ ھۆججەتتە كەشپىياتچى ئېرىشكەن يېڭىلىق ئىنتايىن تەپسىلىي، ئىنتايىن ئېنىق، ۋە ئىنتايىن چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىلىشى كېرەك. زۆرۈر بولغاندا ئۇنىڭدا بىرىنچى، ئىككىنچى دېگەندەك نومۇر قويۇلغان ئابزاسلار ياكى بۆلۈملەر ئىشلىتىلىشى كېرەك. بۇ ھۆججەتنىڭ تىلى ئىلمىي ماقالىلەردە ئىشلىتىلىدىغان كەسپىي تىللار بولۇپ، پاتېنت ھوقۇقى ئادۋوكاتىنىڭ بىر ۋەزىپىسى بۇ ھۆججەتنى ئادەتتىكى تىلدىن «قانۇن تىلى» غا تەرجىمە قىلىش بولىدۇ. يەنى، ئامېرىكىدا ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان يېزىق تىلى بىلەن قانۇندا ئىشلىتىلىدىغان تىللار ئوتتۇرىسىدا بىر ئاز پەرق بار. قانۇن ھۆججەتلىرىدە «جاكارلىما» (claim) لار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

مېنىڭ بۇلارنى تىلغا ئېلىشىمدا مەلۇم مەقسىتىم بار. ئۇ بولسىمۇ، پاتېنت ھۆججىتى ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلىدىغان بولغاچقا، پاتېنت ھوقۇقى ھەقىقىي تۈردە قوغدالمايدىغان دۆلەتلەردە بۇنداق پاتېنت ھۆججىتى باشقىلارنىڭ سىز قىلغان يېڭىلىقنى ئوغرىلايدىغان ۋاسىتىسى بولۇپ قالىدۇ. يەنى، رەسمىي تەستىقلانغان پاتېنت ھۆججەتلىرى ئادەتتە ھەممەيلەننىڭ كۆرۈشىگە قويۇپ قويۇلىدىغان بولغاچقا (ئامېرىكىدا مۇشۇنداق بولۇپ، جۇڭگودا بۇ ئىش قانداق ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن)، بەزىلەر ئاشۇ ھۆججەتتىن پايدىلىنىپ سىزنىڭ يېڭىلىقىڭىزنى بىۋاسىتە ئوغرىلىيالايدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا سىزنىڭ پاتېنت ھۆججىتىڭىزدىن بىرەر ئاجىزلىقنى تېپىپ، سىز كەشىپ قىلغان نەرسىنى ياساپ چىقىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىققا ئۇچرىمايدۇ. يەنى، ئەگەر سىزنىڭ پاتېنت ھۆججىتىڭىزنىڭ ئەڭ نازۇك يېرىدىكى بىرەر سۆز خاتا ئىشلىتىلىپ قالغان بولسا، باشقىلار سىز ئوتتۇرىغا قويغان «جاكارلىما» نى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتەلەيدۇ. مۇشۇنداق ئىش بۇرۇن مېنىڭ بېشىمدىن بىر قېتىم ئۆتۈپ باققان.

ئالدىنقى 10 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياش كەشپىياتچىلاردىن نەچچە 10 كىشى ماڭا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەشپىياتلىرىنى ماڭا دەپ بەردى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بولسا مەندىن پاتېنت ھوقۇقى ھەققىدە مەسلىھەت سورىدى. ھەر قېتىم ئاشۇنداق ئۇكىلارنى بىلگەندە، مەن بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. ھېلىقى ئۇكىلاردىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئىنتايىن ئازابلاندىم. مېنىڭ ئازابلىنىشىمدىكى سەۋەب، يېڭىلىق ياراتقان ئاشۇ ئۇكىلارنىڭ ئۆز كەشپىياتلىرىنى بىرەر ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلمەي، ماڭىدىغانغا يول تاپالماي، تەلمۈرۈش، تەلپۈنۈش، بېشىغا بىرەر بەخت قۇشىنىڭ قونۇشىنى كۈتۈش بىلەن ئۆتۈپ كېتىشىدۇر. خېلى كۆپ ئۇكىلار مەندىن ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقى ئېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىمۇ سوئال سورىدى. باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بىر ئادىمى ئامېرىكا پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلالايدۇ. ئەمما، ئامېرىكىدا بىر پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن 10 مىڭ دوللار ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ. كۆپىنچە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بۇ بىر يەڭگىلى بولمايدىغان ئۆتكەلدۇر. بۇ ئىشتىكى ئىككىنچى ئۆتكەل بولسا، چەت ئەلدە بۇ ئىشقا ياردەملىشىپ بېرىدىغان بىرەر تونۇشىنىڭ يوقلۇقىدۇر. مەن ئاشۇنداق ئۇكىلارغا ئىنتايىن ئىچ ئاغرىتتىم. ئىنتايىن ھېسداشلىق قىلدىم. ئەمما ئۆزۈم بەك ئالدىراش بولغاچقا، ھەمدە ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىش جەريانى ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ جەھەتتە مەن بىرەر ئۇكىلارغىمۇ ياردەم قىلالمىدىم. ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلاۋاتقان ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن قىلسا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى مانا مۇشۇ. ئەگەر بۇ ئىشقا قىزىقسىڭىز، سىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

بۇ ساھەدە مەن كۆرگەن ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىشلارنىڭ بىرى مۇنداق: ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر ئۇكىمىز بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر يېڭىلىقنى كەشىپ قىلىپ، ئۇنى پاتېنت قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئورۇن ئىزدەيدۇ. كېيىن بۇ ئىشقا ياردەم قىلالايدىغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر شىركەتنى تاپىدۇ. ئۇ شىركەت بۇ يېڭىلىقنى 250 مىڭ سومغا سېتىۋالماقچى بولىدۇ. ھەمدە ھېلىقى ئۇكىمىزدىن پاتېنت ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئۇكىمىز پاتېنت ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. لېكىن ھېلىقى شىركەت ئۇنىڭدىن كېيىن جىم بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇكىمىز نۇرغۇن چىقىم تارتىپ، ھېلىقى شىركەتنى ئىزدەپ بارسا، ھېلىقى شىركەت ئۇ ئۇكىمىزغا «سېنى تونۇمايمىز» دەپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمايدۇ. مېنىڭ بىلىشىمىزچە ئۇ ئۇكىمىز شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ كەشپىياتى بىلەن ھېچ قانداق ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى.

بۇرۇن ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقىنى «بىرىنچى بولۇپ كەشىپ قىلغانلار» (First-to-invent) بېرەتتى. ئەمما كېيىن ئۇنى «بىرىنچى بولۇپ پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلغان كەشپىياتچىلار» (First-inventor-to-file) ئۆزگەرتتى. شۇنىڭدىن كېيىن «پاتېنت ھوقۇقىغا ۋاقىتلىق ئىلتىماس قىلىش» (Provisional Application for Patent) دېگەن بىر يېڭى ئىش چىقتى. «ۋاقىتلىق ئىلتىماس» نىڭ تەستىقلىنىش مۇددىتى رەسمىي ئىلتىماسنىڭكىدىن كۆپ قىسقا بولغاچقا، بۇ ئارقىلىق «بىرىنچى بولۇپ ئىلتىماس قىلغۇچى» سالاھىيىتىگە ئاسانلا ئېرىشىۋالغىلى بولىدۇ. ھەمدە بۇنىڭغا پۇل ناھايىتى ئاز كېتىدىغان بولۇپ، مەن ھازىر تورلارنى ئىزدەپ باقسام ئۇنىڭغا 65 - 260 دوللار كېتىدىكەن [2]. شۇڭا ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئالدى بىلەن مۇشۇ «ۋاقىتلىق پاتېنت» كە ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەمما، بۇ «ۋاقىتلىق پاتېنت» كېيىنچە رەسمىي پاتېنتقا ئۆزگەرمەيدىكەن، ئۇ نورمال «پاتېنت ھوقۇقى» غا ئىگە بولمايدۇ.

مەن بۇرۇن مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغان: ياپونىيە ھۆكۈمىتى 500 نەپەر مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ بىر شىركەت قىلىپ، مەخسۇس يېڭىلىق يارىتىپ پاتېنت ئېلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ شىركەتنىڭ كىرىم مەنبەسى «بىلىم ھوقۇقى» ياكى ئاشۇ پاتېنتلارنىڭ ھوقۇقىنى سېتىش بولغان. ئىلىم-پەندە تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر مانا مۇشۇنداق يول بىلەنمۇ پۇل تاپالايدۇ.

پاتېنت ھوقۇقى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى خەلقئارا پاتېنت ھوقۇقى (global patent)، يەنە بىرى بولسا مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقى، مەسىلەن، ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقى (US Patent).

تۆۋەندىكىسى ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىشنىڭ قەدەم باسقۇچىلىرى [3]:

(1) سىزنىڭ كەشپىياتىڭىز بۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىپ بولۇنغانمۇ؟ سىز پۈتۈن پاتېنت ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۆز كەشپىياتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى پاتېنتلارنى كۆرۈپ چىقىڭ. ئەگەر باشقىلار پاتېنت قىلىپ بولغان بولسا، سىز ئىلتىماس قىلماڭ. مۇشۇ يەردە توختاپ قېلىڭ.

ئىلاۋە: ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە ئامېرىكا پاتېنتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامەرىكا پاتېنت ئىشخانىسىنىڭ تور بېتى [4] دە بار بولۇپ، سىز مەلۇم بىر تېما بويىچە ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك پاتېنتلارنى ھەقسىز تېپىپ كۆرەلەيسىز.

(2) سىز قايسى خىلدىكى پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلماقچى؟ لايىھە پاتېنتى، ئۆسۈملۈك پاتېنتى، ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياكى ئىشلەپچىقىرىش (Utility) پاتېنتىدىن بىرىنى تاللاڭ.

(3)خەلقئارا ياكى ئامېرىكا پاتېنتىدىن بىرىنى تاللاڭ. ئەگەر ئامېرىكا پاتېنتىنى تاللىسىڭىز، 4-قەدەمگە ئۆتۈڭ.

(4) ۋاقىتلىق ۋە رەسمىي پاتېنتتىن بىرىنى تاللاڭ.

(5) تېزلىتىلگەن پاتېنت ئىلتىماس جەريانىنى تاللامسىز؟ ئەگەر بۇنى تاللىسىڭىز پاتېنت ھەققىدىكى قارار تېزرەك چىقىدۇ، ئەمما پۇلمۇ جىقراق كېتىدۇ.

(6) ئۆزىڭىز ئىلتىماس قىلامسىز، ياكى بىر پاتېنت ئادۋوكاتى ئىشلىتەمسىز؟

(7) «ئېلېكترونلۇق ئىلتىماس قىلىش» يولىنى تاللاشنى ئويلىشىپ بېقىڭ. بۇنىڭغا پۇل ئازراق كېتىدۇ.

(8) «ئېلېكترونلۇق ئىلتىماس قىلىش» ئۇسۇلى بىلەن پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىڭ.

(9) ئامېرىكا پاتېنت ئىشخانىسى سىزنىڭ پاتېنت ئىلتىماسىڭىزنى تەكشۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار قوبۇل قىلسا، 12-قەدەمگە ئۆتۈڭ. ئەگەر قوبۇل قىلمىسا، 10-قەدەمنى مېڭىڭ.

(10) سىزگە قويۇلغان تەلەپلەرنى ئورۇنلاپ، قايتا ئىلتىماس قىلىڭ. ياكى سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىزنى قايتا ئويلىشىپ بېقىشقا مۇراجىئەت (appeal) قىلىڭ.

(11) ئەگەر ئامېرىكا پاتېنت ئىشخانىسى سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىزنى تەكشۈرگەن كىشىنىڭ قارارىنى ئىنكار قىلسا، ئۇلار سىزگە بىر «رۇخسەت قىلىش خېتى» يوللاپ، سىزدىن پۇل تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

(12) سىز پۇل تاپشۇرىسىز. ئامېرىكا پاتېنت ئىشخانىسى سىزگە پاتېنت ھوقۇقى بېرىدۇ.

(13) سىزگە تەستىق چۈشۈپ 3.5، 7.5 ۋە 11.5 يىل ئۆتكەندە سىز بىر قېتىمدىن «ساقلاش پۇلى» تاپشۇرىسىز.



پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] بىلىمخۇمار ئاكىمىزدىن توردا پاتېنت ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمىز
http://bbs.bagdax.cn/thread-25574-1-1.html

[2] United States Patent and Trademark Office: Fee Schedule
http://www.uspto.gov/web/offices/ac/qs/ope/fee010114.htm

[3] United States Patent and Trademark Office: Patent Process Overview
<http://www.uspto.gov/patents/process/ppo_textonly.jsp>

[4] Search for Patents
http://www.uspto.gov/patents/process/search/index.jsp

1-رەسىم: ئامېرىكا پاتېنت ئىشخانىسى تور بېتىنىڭ بىر كۆرۈنىشى



1-رەسىم

1-رەسىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87898
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 02:51:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9  يىل ئىلگىرى تولۇقسىزدىكى چىغىمدا  سىنىپىتا دەرس ئاڭلاۋىتىپ كۆپ ئىقتىدارلىق دوسكىدىن بىرنى لايھىلىگەنتىم. ئەپسۇس، جەمىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن دوسكىلار ئەمەلدىن قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىنى كومپىيوتېر ئىگىلەۋاتقان ھازىرقى ئوقۇتۇش مائارىپىدا مىنىڭ ئۇ دوسكامنىڭ ھىچقانداق رولى قالمىدى.چۈنكى ھازىر دەرسخانىلاردا ئومۇملىشىۋاتقان كۆپ ئىقتىدارلىق كومپىيوتىر ئۇ مەن لايھىلىگەن كۆپ ئىقتىدارلىق دوسكىدىن نەچچە ھەسسە ئىقتىدارلىق بولغاچقا مەن يەنە باشقا ساھەدە ئىزدىنىشنى لايىق كۆرگەنتىم. مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە جەمىيەتكە چىقىپتۇق. تەسەۋۋرۇمنىڭ موللۇقى بىلەن ئانچە مۇنچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولساممۇ ماڭا بۇ يىتەرلىك ئەمەس دەپ ئويلايمەن. ئاللا خالىسا تىخىمۇ تىرىشىپ بىلىمخۇمار (ئەركىن سىدىق) ئاكىمىزدەك ئۇستازلارنىڭ تەلىمى بىلەن مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمەن. بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ مۇشۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى بولغان ئىسىل يازمىلىرى  بىلەن بىزنى ئۇچراشيتۇرۇپ تۇرغىنىغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر.بەلكىم ئارىمىزدا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ كەشپىياتلىرى بولسىمۇ پاتنىت ئالالماي ياكى قانداق قىلىشنى بىلمەي يۈرگەنلەر بۇ تىمىدىن ئۆز مەنزىلىنى تىپىشى مۇمكىن.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10963
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2223 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 04:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جوڭگوندا تۇرۇپ ئامېركىدىن پاتنىت ھوقىقى ئالغىلى بۇلامدۇ؟ ناۋادا ئالغىلى بولسا ئۇ ھوقۇق جوڭگودا،،،، پۈتۈن دۇنيادا ئىتىراپ قىلىنامدۇ؟؟؟   ئۆزى تورۇشلۇق دۆلەتتىن قىلغان بولسا يەنىلا پۈتۈن دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنامدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7582
تۆھپە نۇمۇرى: 978
توردا: 3914 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 04:51:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەركىن سىدىق ئاكا!
  سىلىنىڭ كەمتەرلىكلىرى ھەقىقەتەن بىزنى سۈيۈندۈرىدى. مىنىڭ بۇ ئاددى يازمام ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەنلىرىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7582
تۆھپە نۇمۇرى: 978
توردا: 3914 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 04:53:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 04:40 PM
جوڭگوندا تۇرۇپ ئامېركىدىن پاتنىت ھوقىقى ئالغىلى بۇلام ...

جۇڭگۇنىڭ پاتېنىت قانۇنىدىن بىلىشىمچە دۆلەت ئىچىدىكى پاتېنىت دۆلەت سىرتىدا قوغدالمايدىكەن. ئەگەر دۆلەت سىرتىدا قوغدايمەن دىسىڭىز پاتېنتىڭىزنى چەتئەللەردىمۇ ئەنگە ئالدۇرىدىكەنسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8998
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 05:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
motiwarlar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 04:53 PM
جۇڭگۇنىڭ پاتېنىت قانۇنىدىن بىلىشىمچە دۆلەت ئىچىدىكى  ...



   ئەگەر مەلۇم خىل تېخنىكىنىڭ ئاجىزلىق ۋە يىتەرسىز تەرەپلىرىگە قارتا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن يىڭى تېخنكا بار بولسا بۇ يىڭدىن ياسالماقچى بولغان تېخنىكىغا  غايەت زور مەبلەغ كىتىش سەۋەپلىك ئۇ تېخنىكىنىڭ بىرەر ئادەم ياكى بىرەر شېركەتنىڭ ياردىمى بىلەن ياساش مۈمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا . شۇ يىڭى تېخنىكىنىڭ مودىلى ياكى مۇكەممەل بولغان تولۇق ھەركەتچان ئويۇنچۇق شەكلى ۋە ياكى شۇ تېخنىكىنىڭ رەسىملىك ، تىل-يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن ، بىر تۈركۈم ئاتاقلىق تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ بۇ خىل يىڭى يىتەرلىك مەبلەغ بولسىلا بۇ يىڭى تېخنىكىنى ھەقىقەتەن ياساپ چىقىشقا مۈمكىن بولدىغانلىقى ھەققىدىكى يىتەرلىك بايانلار بولغان ئاساستا  نەزىرىيە جەھەتتىكى خەرىتە ياكى يازما ئۇسۇلدىكى يىڭى تۈرنى پاتنىتقا سۇنۇشقا بولامدۇ-بولمامدۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچىڭىز بارمۇ ؟  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3195 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 06:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 04:40 PM
جوڭگوندا تۇرۇپ ئامېركىدىن پاتنىت ھوقىقى ئالغىلى بۇلام ...

بۇلىدۇ، ئەركىن سىدىق ئاكىمىز تىمىدا دەپتىغۇ، بۇرۇنلاردا 50000يۈەن كىتەتتى، ھازىر ئۈسۈپتۇ. كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن پاتىنىت ھۇقوقىغا ئېرىشسە خەلقارالىق پاتىنىت قانونىغا ئاساسەن شۇ دۆلەتلەرگە خالىغان ۋاقىتتا كىرىپ-چىقالايسىز.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3195 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 06:30:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 05:26 PM
ئەگەر مەلۇم خىل تېخنىكىنىڭ ئاجىزلىق ۋە يىتەرسىز تە ...

نەزىريە پاتىنتى بۇرۇندىنلا بار، ھەر ساھەنىڭ قائىدە-قانونىيەتلېرىگە ئۇيغۇن بولسىلا بۇلىدۇ.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9709
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1812 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 07:08:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭىلىق ياراتقۇچى كەشپىياتچىلىرىمىزغا يەنە بىر مۇھىم تېما يوللاپسىز.
بىز بىلمىگەن، چۈشۈنۈپ بولالمىغان مەسىلىلەرنى بىزگە دەل ۋاقتىدا ئەڭ يۇقىرى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈپ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ چۈشەندۈرۈپ قويىۋاتىسىز! ئاللاھ ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى بەرگىلى نىسىپ ئەتسۇن ئاكا!

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7442
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7747 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 08:25:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاتېنت جەھەتتە بىزنى خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە قىلدىڭىز. بىزنىڭ بەزى قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇ جەھەتتە قانداق يول مېڭىشنى بىلمەي يۈرگەن بۇلىشى مۇمكىن. بۇ يازمىنىڭ بەلگىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش