ئۆيلەندىم
تاھىر تالىپ
ئەجدادلىرىم كۆرمىگەن بىگانىغا ئۆيلەندىم،
ۋەتىنى يوق _ يۇرتى يوق سەرسانىغا ئۆيلەندىم.
ساۋاپ ئىزدەپ ئەمەس ھېچ، گۇناھىمنى تەن ئېلىپ،
نىكاھ تىلەپ كەلگەن بىر دىۋانىغا ئۆيلەندىم.
كەڭ جاھاننىڭ بۇرجىكى-قوشنا ئۆيدۇر ئۇنىڭغا،
يەر شارىنىڭ ھەمراھى-شەيتانىغا ئۆيلەندىم.
مىجەز-خۇلقى ئاجايىپ: كۈندە مىڭ رەت ئۆزگىرەر،
كۈندە باشقا چۈش كۆرەر ئەپسانىغا ئۆيلەندىم.
بەكمۇ سۆزمەن، جاھاندا بىلمەيدىغان گېپى يوق،
بايمەن شۇڭا، ئەڭ كاتتا سۆزكانىغا ئۆيلەندىم.
پىلىمۇتتەك ئاغزى بار، ئۇپرىمايدۇ، تالمايدۇ،
راست گەپ دېگەن ئەسلا يوق، يالغانىغا ئۆيلەندىم
يالماۋۇزدۇر تەلەتى، زۇلمەت ياغار ئەپتىدىن،
خۇشاللىقتىن ئەسەر يوق زىندانىيغا ئۆيلەندىم.
جاپا، خورلۇق، نۇمۇسلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنىمە،
پۇل-مال ئۈچۈن جان بېرەر مەردانىغا ئۆيلەندىم.
پۇت-قوللىرى كالامپاي، گۈلزارىمنى چەيلىدى،
كېپىنىنى يەيدىغان ۋەيرانىغا ئۆيلەندىم.
تاس قالىدۇ ھەتتاكى يەپ قويغىلى مېنى ھەم،
داخىركولۋا-تويماسنىڭ خۇمدانىغا ئۆيلەندىم.
ۋەدىلىرى چىرايلىق، سانى قۇمدەك، يۇلتۇزدەك،
لېكىن، دىلى قۇندۇزدەك، قاپقانىغا ئۆيلەندىم.
لېكىن، ئەمىن بولۇڭلا، گۆركارىمەن جۈپتۈمنىڭ،
ئۆزۈم ئۆچمەس بىر يالقۇن، پەرۋانىغا ئۆيلەندىم.
2008-يىل،23-24-فىۋرال، قەشقەر
ئۆيلىنىڭلار،ئاغرىنماڭلار.ياخشى ئۆتۈڭلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sultannur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-21 02:00 PM