مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 18748|ئىنكاس: 60

مىسىر سابىق زۇڭتۇڭى مۇھەممەد مۇرسى توغرىسىدا ئاشكارلانمىغان مەخپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8401
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 01:43:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            مىسىر سابىق زۇڭتۇڭى مۇھەممەد مۇرسى توغرىسىدا ئاشكارلانمىغان مەخپىيەتلىك
                        sps1287-611.jpg

                    
      يىقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئاسىيانى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئارىسىدا سىياسى داۋالغۇش يۇز بەردى . قەدىمى دۆلەت مىسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لىۋىيە سۇرىيە مىسىر قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى كەينى كەينىدىن يۇز بەرگەن بۇ ئاغدۇرمىچىلىق ھەركىتى تۇپەيلى پۇتۇن دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرى بۇ رايونلارغا قارىتىلماقتا .
  ئالدىنقى يىلى مىسىر خەلقى ئۆزى سايلاپ چىققان سابىق زۇڭتۇڭ مۇھەممەد مۇرسى ئارمىيە دائىرلىرى تۇپەيلى ئاغدۇرۋىتىلدى .نۇرغۇن پەرەزلەر ئوتتۇرغا چىققان بولسىمۇ ،ئەمما مىسىر دىمگوراتىيىسىنى يولغا قويۇشتىكى بۇ تۇنجى ئۆزگىرىش كۆپ قىسىم كىشىلەرنى بىئارام قىلماقتا .بۇ يىل مىسىردا سايلام ئۆتكۇزۇلۇپ ئابدۇل فەتتاخ سىزى پىرىزدىنت بولۇپ سايلاندى .دۇنيادىكى بىرقىسىم سىياسى ئەربابلار ئابدۇل فەتتاخ سىزىنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇش ئالدى كەينى ھەققىدە تۇرلۇك مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرغا قويماقتا .قىنى تۆۋەندە بىزمۇ مەزكۇر رەھبەرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنى ئاغدۇرۋىتىش ئالدى كەينىدىكى بەزى تەپسىلاتلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز .
      ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىسى تىۋىتتىر ۋە فىسبۇكتا ئۆزىنى مىسىر قوراللىق قىسمىدىكى ئەترەت مەسئۇلى ئەھمەد سامىھ دەپ ئاتىۋالغان بىرى، مىسىر رەئىسى مۇرسىنىڭ قەسىردىن تۈرمىگە سولىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان سۈيقەستلەر ھەققىدە توختىلىپ، ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان.
   ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرمۇ خىزمەتتە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇرسىنى ئاغدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەخپى سەھنە ۋە سىيسىنىڭ ئىنقىلاپقا قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن بولىۋاتقان ھازىرقى كۈرىشى ۋە مىسىر ئارمىيىسى
ئىچىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ھەربى ئىنقىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان.
   ئەترەت مەسئۇلى ئەھمەد سامىھنىڭ دېگەنلىرى تۈۋەندىكىدىن ئىبارەت: رەئىس مۇرسى ئۈچ قېتىم ھۇقۇقىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلىش سۈيقەستىگە ئۇچرىدى. 507 نەپەر مىسىر جۇمھۇرىيىتى قوغدىغۇچىلىرى مۇرسىنى مۇداپىئە قىلىپ قوغدىغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسى قولغا ئېلىندى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى.
   600 مىليۇن جۇنەي ھەربى ئىنقىلاپتىن كىيىن دۆلەت مىزانىدىكى نۇپۇزلۇق شەيخلار، ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى، يازغۇچىلار ۋە تەشۋىقاتچىلارغا مۇكاپات دەپ سەرىپ قىلىندى.
   سىيسى مىسىر ھەربى پارلامىنتى ئەزالىرىدىن ئىككى كىشىنىڭ سەپەر قىلىشىنى چەكلىدى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايىنى بەلگىلەپ بەردى. ئەسكەرلەر نارازىلىق ئىچىدە غۇدۇرىۋاتىدۇ ۋە ئۇرۇنلىرىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
   76411 نەپەر ئەسكەر ۋە ساقچى 76411 دانە پۇقراچە كىيىم ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىرى بىلەن ئۇلارغا بىرىلگەن مۇكاپاتقا كۆرە 30- ئىيۇندىكى مۇرسىغا قارشى نامايىشقا قاتناشتۇرۇلدى.
   سىيسى گۇرۇپىسى ئەلجزىرە قاناللىرىغا كاشىلا پەيدا قىلىش ۋە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن 57 دانە
تېخنىكنى مىسىر ھەربى ئىستىخباراتىغا قاراشلىق 6 بىناغا ئۇرۇنلاشتۇردى.
   خەلقنىڭ نامايىشى ئارقىلىق خەلق قولى بىلەن مەسلىنى بىر تەرەپ قىلىش مۇبارەك تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىرىدىن ھېچقانداق نەرسىنى قويمايدۇ .
   سىيسى كۈچلىرى سىنا چۆلىدىكى "ياسالما ئۆكتىچىلەر نىڭ بەزى رەھبەرلىرىنى مۇرسىنىڭ قوللىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن قولغا ئېلىۋاتىدۇ.
   خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشچە، مەزكۇر ئەترەت مەسئۇلى ئەھمەد سامىھ ئۆزىنىڭ سىيسى يېنىدىكى بىر يېقىنىدىن ئاڭلىغىنى بويىچە مۇنداق تەكىتلىگەن: سىلەرگە ئابدۇلفەتتاھ سىيسىنىڭ نىيىتىنى ئاشكارىلىسام، سىيسىنىڭ ئۆزىنى مىسىر رەئىسلىكى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش ۋە سىدقى سۈبھىنى مىسىر مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش نىيىتى بار، ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇلفەتتاھ سىيسى ئامېرىكا بانكىسىدىن شەخسى ھىساب ئېچىش ئۈچۈن يول ماڭغان بولسىمۇ لېكىن ۋاشىنگىتۇن بۇنى رەت قىلدى. سىيسى يەنە مىسىر قوراللىق قىسمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامىنت ئەزالىرىدىن ئككىسىنىڭ سەپەر قىلشىنى چەكلىدى، ئارمىيە ئىچىدە نارازىلىقلار بار، ئەسكەرلەر ئۆز ئورنىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. سىيسى ئىسلامچىلارنى تازىلاشقا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان سىدقى سۈبھى بىلەن ھاكىمىيەتنى تۆمۈر قولدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بارلىق ئەمىر پەرمان قارارلىرىنى شۇ ئىككىسى بىرىدۇ،
ۋاقىتلىق رەئىس رەئىسلىك سارىيىغا پەقەت يىغىنغا قاتنىشىش ۋە ياكى رەسمى دىپلۇماتىيە ئۇچرىشىشلىرىدا ئىھتىياج بولغاندىلا بارىدۇ.
   ئەترەت مەسئۇلى سامىھ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: رەئىس مۇرسى ئۈچ قېتىم ئاغدۇرۇۋېتىلىش سۈيقەستىگە يولۇقتى، جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىلىرى ئۇنى مۇداپىئە قىلدى، لېكىن ئۇلاردىن 507 نەپىرى قولغا ئېلىندى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى. سىيسى ئەلجەزىرە قانىلىغا كاشىلا پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەربى ئىستىخباراتقا ئائىت 6 بىناغا تېخنىك ئۇرۇنلاشتۇردى.
   بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ناھايتى كۆپ ۋە خەتەرلىكتۇر، سىيسى ئاساسى جەھەتتىن ھەقىقەتنى بۇرمىلايدىغان ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتلارغا تايىنىدۇ، بۇ مەزكۇر ئەترەت مەسئۇلى ئەھمەد سامىھنىڭ كىملىكىنىڭ راستىنلا ئەھمەد سامىھمۇ ياكى ئۇ توردا ئىشلەتكەن ئىسمىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ . لېكىن ئۇنىڭ توردا تارقاتقان مەلۇماتلىرى
ھەقىقەتەن توغرا ۋە ياكى كۆپ قىسمى ئىنقىلاپ ۋەقەلىرىگە ۋە ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا ئۇيغۇندۇر.
   ئەھمەد سامىھنىڭ مۇھىم سۆزلىرىدىن : (خەلق قولى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش؛ خەلقنىڭ نازارىلىق نامايشى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇبارەك تۈزۈمى ئۆزىنىڭ ئاساسىدىن ھېچقانداق نەرسىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ) دېگەن سۆزى بىلەن ( ھەربى ئىنقىلاپ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئېڭى ئۆسكەن ۋاقىتتا مەغلۇب بۇلىدۇ؛ مىنىڭ قارىشىمچە مىسىردىكى ھەربى ئىنقىلاپ مەغلۇم بولدى ۋە لېكىن ئاغدۇرۇۋېتىلمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك قوزغىلىڭىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك ) دەپ قوزغالغان خەلققە، تەشۋىقات شەھەرلىرى ئالدىدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلشقا نەسىھەت قىلىپ، ئەگەر ھەربى ئىنقىلاپنى قوللىغان تەشۋىقات ۋە ئاخباراتچىلار بولمىغان بولسا ئىدى ھەربى ئىنقىلاپ غەلىبە قىلالمايتتى، رابىئەتۇل ئەدەۋىيە مەيدانىدىكى نامايىشنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىلا ھەربى ئىنقىلاپ ئاغدۇرۇلۇپ كىتەتتى؛ خەلقنىڭ يېغىلىشى ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى سىيسىنى ئالاقزادە قىلىدۇ، غەزەپلەنگەن مىليۇنلار جۈمەسى سىيسىنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ دېگەن سۆزلىرىدۇر.
   ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: پەقەت بىر خىل ئەھۋال ئاستىدا سىيسىغا قارشى ئىنقىلاپ قىلىنىش مۇمكىندۇر ، ئۇ بولسىمۇ : قوزغالغان ۋە غەزەپلەنگەن كوچا – يوللارغا قارىتىلغان سىيسى كونتروللۇقىنى يۇقۇتۇش ۋە قەتئى
بۆلۈنۈش يۈز بەرمەسلىكتۇر.
   ئەھمەد سامىھنىڭ ھازىرغىچە تارقاتقان مەلۇماتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى تۈۋەندىكىچە:
   1-رەئىس مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئۈچ قېتىم ئاغدرۇۋېتىلىش سۈيقەستىگە يۇلۇققانلىقى؛ بىرىنچىسى مۇرسىنىڭ تاشقى زىيارەت بىلەن ھىندىستان ۋە پاكىستانغا سەپەر قىلغان ۋاقتىدىكى سۈيقەست بولۇپ، بۇ قېتىمقى سۈيقەست ئارمىيە ئىچىدە تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئىككى رەھبەرنىڭ خەلق تېخىچە بۇنى قۇبۇل قىلىش باسقۇچىغا كەلمىدى دەپ قوشۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشمىغان.
   2-ئابدۇلفەتتاھ سىيسى بىر خۇسۇسى مۇناسىۋەتتە رەئىس مۇرسىغا ئاشكارا " ئى رەئىس؛ بىز ئىلگىرى
قوراللىرىمىز، داۋالىنىشىمىز ۋە تامىقىمىز ھەممىسىگە ھەقسىز ئىگە بۇلاتتۇق" دېگەن. رەئىس مۇرسى سۈكۈت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بەرمىگەن، چۈنكى بۇ مۇرسىنىڭ ئابدۇلفەتتاھ سىيسى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ھۆرمەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى ئەمەس بولۇپ، سىيسى ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم رەئىس مۇرسىنىڭ نەخ مەيدان نۇتقى سۆزلىمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.
   3-ھۇقۇقىدىن ئېلىۋېتىلگەن رەئىس مۇرسى ھاكىمىيەت تۇتقان جەرياندا؛ مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىجارىگە ئالغان بىلتىجىيىلەرنى (بۇزغۇنچىلارنى) نامايىشچىلارغا تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن نامايىش مەيدانىغا ئەۋەتكەن. مايور مۇھەممەد ئىبراھىم مىنىستىرلىكىنىڭ  بىلتىجىيىلەر سەۋەپلىك نامايىش مەيدانىنى قوغداشقا قۇدرىتى يەتمىگەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى رەئىس مۇرسىغا سۇنغان، ئەپسۇسلىنارلىقى مۇرسى زامانىدىكى نامايىشلاردا كۈنىگە تاجاۋۇزغا ئۇچراش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەن تۇرۇپمۇ، كۆپىنچە سىياسى كۈچلەر بۇنىڭغا دېققەت قىلمىغان.
   4-رەئىس مۇھەممەد مۇرسى ئۆزىگە قارشى ئەسكىرى ھەرىكەتلەرنىڭ بۇلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن، پۈتۈن دېققىتىنى مىسىر ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشكە ۋە مىسىرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا قاراتقان.
   5-رەئىس مۇھەممەد مۇرسى نورمال بولمىغان " قارشى يۈرۈش ھەرىكىتى" مۇناسىۋىتىگە سەل قارىغان ۋە ئۇ ھەرىكەتكە قارشى جىددى مۇئامىلىدە بولمىغان. ئەسكىرى رەھبەرلەر بۇنى پۇرسەت بىلىپ مۇرسى ھاكىمىيىتىگە " قارشى يۈرۈش ھەرىكىتى" نى كۈچ بىلەن قۇۋەتلىگەن.
   6-مۇرسىنىڭ سارىيىدىن قولغا ئېلىنىشتىكى ئاخىرقى ۋاقىتلار " ئىمتىھان" غا ئوخشاپ قالغان؛ ئۇنىڭدىن كىيىن مۇرسىغا ئەركىن خەلق تەرىپىدىن سايلانغان رەئىسكە لايىق ھۆرمەتكە سازاۋەر ھالدا مۇئامىلە قىلىنمىغان.
   7-رەئىس مۇرسى غەلبىمۇ قىلالمىدى ۋە مەغلۇپمۇ بولمىدى؛ ئۇ زامانىدا خەلقنىڭ ئەركىنلىكىگە قىلچىمۇ دەخلى تەرۇز قىلمىدى، ئۇنى تىللىغان ۋە تەنقىد قىلغان گېزىتلەر ئۇنىڭ سارىيىغا كىرىپ تۇراتتى.
   8-سىيسىغا يېقىن بىر ئەسكەر ماڭا ھەرىپ – ھەرىپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر تەشۋىقات ۋە ئاخباراتنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا مۇرسىنى ھەرگىزمۇ ئاغدۇرالماس ئىدۇق؛ ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن مۇرسىغا ئوخشاش خەلق رەئىسىنىڭ بىزگە ھاكىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس".
   9-رەئىس مۇرسىغا ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىدىن خەۋەر بىرىدىغان ۋە مۇرسىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بىر ئوفىتسىر مۇنداق دېدى: "كۆپ گەپ قىلمايدۇ، بىزنى تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، بىز ئۇنىڭغا قېتىلمايمىز، ھەرگىزمۇ بىزدىن بىر نەرسە سورىمايدۇ". رەئىس مۇرسىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان گۇرۇپنىڭ مۇرسىدىن تەسىرلىنىپ ئۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر كۈنى ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭغا گېزىت ياكى خەۋەر قاناللىرى ۋە ياكى تېلىفۇنلىشىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سابىق خەۋەر مەنبەسىگە قارىغاندا، رەئىس مۇھەممەد مۇرسى ھازىرقى يۈز بىرىۋاتقان ، خۇسۇسەن سۆھبەتلىشىش ۋە تاشقى دۆلەتلەر ئەلچىلىرىنىڭ زىيارتى تۈگىگەندىن كىيىنكى ۋەقەلەردىن تامامەن خەۋەرسىز قالدۇرۇلغان.
   10- ئۇنىڭ ھۇكۇم تۇتقان زامانىدا مىسىر رىئاسى ئىدارىسىنىڭ ئۈچ ئايلىق بارلىق چىقىمى 238 مىڭ جۇنەيدىن ئېشىپ كەتمىگەن، ئۇ تامىقىنى ھەمىشە ئۆيىدە يىيىشنى ياخشى كۆرەتتى.
   11-بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە 600 مىليۇن جۇنەينىڭ مۇكاپات دەپ تەشۋىقاتچىلار، يازغۇچىلار، ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋە دۆلەت مىزانىدىكى نۇپۇزلۇق شەيخلارغا تارقىتىپ بىرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
   12-رەئىس مۇرسىنىڭ كۈندىلىك ئىش ھەرىكىتى ۋە ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدىكى كۈندىلىك دوكلاتلار ئەرەپ قولتۇقى دېڭىزىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخباراتلىرىغا ئەۋەتىلىپ تۇراتتى.
   13-مۇرسى مىسىر ئىچكى سۈيقەستچىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئۇنى شەيتان كۆرسىتىپ قورقۇتۇش ئارقىلىق ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان سۇيقەستلىرى ئالدىدا ئىگىلمەي تۇردى؛ ئەمما ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىدىغان سىياسى مەسلىھەتچىلەرنى تاللاشتا ئۇتۇرۇپ قويدى.
   14-مۇرسى رەئىسلىك سارىيىدىن تۈرمىگە... رەئىس مۇرسى قولغا ئېلىنغان كۈنىدە ئۇنى قوغداشقا قويۇلغان جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىلىرىدىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرمىدى، ئۇنى قوغدىغان قوغدىغۇچىلاردىن 507 نەپىرى تۈرمىگە تاشلاندى.
   15-رەئىس مۇرسى مەشھۇر يازغۇچى مۇھەممە ھۆسنەين ھەيكەل بىلەن كۆرۈشكەندە، ھەيكەل ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: " دۆلەتنى ھەرگىزمۇ تۈزۈيەلمەيسىلەر، پات ئارىدا ھۇقۇقتىن چۈشۈپ كىتىسىلەر، مىسىرغا ئەسكەردىن باشقا ھېچكىم ھاكىم بولالمايدۇ"، شۇ ۋاقىتتا رەئىس مۇرسى ھەيكەلدىن : سىنىڭ قانداق نەسىھىتىڭ بار؟ دەپ سورىغان. ھەيكەك : ئەسكەرنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭگە نەسىھەت قىلىمەن، سەن ئەسكەرنىڭ ئىرادىسى بولماستىن ھەرگىزمۇ ھاكىم بۇلالمايسەن، دىگەن.
   16-شۇنىڭغا قارىغاندا رەئىس مۇرسى مىسىرنىڭ ھەقىقى رەئىسى بۇلالمىغان، چۈنكى مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مىسىر مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە مىسىر جىنايى ئىشلار سوت ھەيئەتلىرى مۇرسىغا قەتئى ئىتائەت قىلمىغان.
   17-سىدقى سۈبھى گۇرۇپىسىمۇ ياۋۇزلۇقتا ۋە ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئابدۇلفەتتاھ سىيسىدىنمۇ قېلىشمايدۇ، ئۇ ئىسلام رادىكاللىرىنى يۇقۇتۇش ۋە نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈشتە سىيسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ.
   ۆلتۈرۈشتە سىيسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ.
   19-ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبراھىم 2013 -يىلى 18- مارتقا يېقىن مۇرسىغا يېقىن ئوفىتسىرلارنىڭ بىرىگە مۇنداق دېگەن: "بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، مۇرسى ئۇ ۋاقىتتا تۈرمىدە بولىدۇ". كىيىن بۇ ئوفىتسىر ئۆتكەن كۈنلەردىكى ۋەقەلەردە ئۆلتۈرۈلگەن.
   20-رەئىس مۇرسى زامانىدا مىسىر رەئىسلىك سارىيىدا ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار يۈز بەرگەن، بىر نەپەر ئىستىخبارات خادىمى رەئىس مۇرسىغا 1015 نەپەر نۇپۇزلۇق شەخسىنىڭ بىر قانچە مەسىلىگە ئائىت جىنايەتكە چېتىشلىقى بار "خەتەرلىك بىر ئارخىپ" نى كۆرسەتكەن، رەئىس مۇرسى دەرھال بۇ ئارخىپ ھەققىدە ئىجرائات ئېلىپ بىرىشقا بۇيرىغان ، ئەمما بۇ "خەتەرلىك ئارخىپ"  بىر قانچە سائەتتىن كىيىن يۇقاپ كەتكەن بولۇپ، كىيىن رەئىس بۇ ئارخىپنى ئىشخانىسىدىن ئىزلەپ تاپالمىغان، ھەتتا ئىستىخبارات خادىمىمۇ مىسىردىن سىرتقا سەپەر قىلىپ كەتكەن. رەئىس مۇرسى تەكشۈرۈش كۆمىتىتىنى رەئىسلىك سارىيى خادىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىقى بار بارلىق تەرەپلەرنى چاقىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ ئۇ مەسىلە بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقىغا ئائىت نەتىجە چىققان.
   21-مۇرسىنىڭ زامانىدا، مىسىر ئۆكتىچىلىرى بولغان " مىللى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى" مەغلۇبىتىدىن كىيىن زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى ئىشقا سالغان ۋە بىر قانچە ۋەقەلەردە 400 دىن ئارتۇق بىلتىجىيىلەر (بۇزغۇنچىلار)غا پۇل بىرىپ قالايمىقانچىلىق چىقارغان. مىسىر " مىللى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى" مۇرسىغا قارىشى ھەرىكىتىدە ئۆزىنىڭ قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۆزى داۋا قىلغان دىمۇكراتىيەگە نانكۆرلۇق قىلىپ، ئەسكىرى ھاكىمىيەت قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراقۇلۇق قىلغان.
   22-رەئىس مۇرسى ئۆزىنىڭ ھۆكۈم تۇتقان دەۋرىدە 25- يانۋار قوزغىڭىلىدىكى گۇرۇپلار بىلەن يىغىلىش قىلىپ، قولىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلىشى ۋە ئۆزىنى رەئىس سايلىغانلارغا " ئىشنىڭ ھەقىقىتى بۇ، ئەھۋال بۇنداق تۇرسا ھەرگىزمۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرالمايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن سوت مەھكىمىلىرىدىن تەشۋىقات ۋە ئاخباراتقىچە بولغان ھۆسنى مۇبارەك تۈزۈمىدىكى ئورگان قۇرۇلمىلارنى يىقىتىش ئۈچۈن قوزغىلاڭنى تۇلۇق قىلىشىمىز لازىم" دېيىشى كېرەك ئىدى.
   23-شۇنداق دىيىش مۇمكىنكى رەئىس مۇرسى ئەسكىرى رەھبەرلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن، رەئىسلىك سارىيىنى جاسۇسلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، رەئىس مۇرسىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى جاسۇسلار تەرىپىدىن كۈزۈتۈلۈپ تۇرغان.
   24-ئەسكىرى رەھبەرلەر رەئىس مۇرسىنىڭ كۆپىنچە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلاردا " مىسىر قوراللىق قىسمىنىڭ يۇقىرى رەھبىرى مەن" دېگەن جۈملىنى تەكرارلىشىدىن نارازى بولغان، ئۇلار مۇرسىنىڭ بۇ سۆزىنى خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بىر رەئىسنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئاھانىتى دەپ قارىغان.
   25-نۇرغۇن سوتچى ۋە مەسلىھەتچىلەر بولۇپ ، ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەسكىرى رەھبەرلەر داستىخىنى ئۈستىدە يىغىلىش قىلغان، شۇنداق تۇرسا سوت مەھكىمىسى قانداقمۇ پاكىز ۋە مۇستەھكەم بولغان بولىدۇ؟
   26-ھازىر مىسىر ئارمىيىسى رەھبەرلىرى ئىچىدە، ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلاردىن ئىبرەت ئالغۇدەك ئەقلى بار رەھبەر تېپىلمايدۇ، سىيسى 58 ياش، ئۇنىڭ مەسلىھەتچى تەنتاۋىغا ئوخشىمىغان ھالدا ھاكىمىيەتكە كۆز تىكىشىدىكى سەۋەپ مانا شۇدۇر.
   27-كۈندىلىك بىر دۆكلاتنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ دوكلات مىسىر مۇداپىئە مىنىستىرى سىيسىغا ئەۋەتىلىدىغان دوكلات بولۇپ، ھەممىسى رەئىس مۇرسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى، ئۇنىڭ زىيارەتلىرى ، ئۇچرىشىشلىرى، رەئىسلىك سارىيىغا كىرىش ۋە چىقىش ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسى جۇغلانغان دوكلات ئىكەن.
   28-رەئىس مۇرسى كۆپ ئىشلاردا خاتا قىلغان، ئۇنىڭ نۇرغۇن غەلىبىلىك ئىشلىرى بولغىنىدەك، مەغلۇبىيەتلىك قارارلىرىمۇ بولغان؛ ئۇنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىشلىرىنىڭ ھەجىمى چوڭراق بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ شەخسى تېلىفۇنلىشىشلىرىمۇ ئوغۇرلۇقچە تىڭشىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن.
   29-ھازىر مىسىردا ھاكىمىيەت قارارلىرىنى بىرىۋاتقانلار ئابدۇلفەتتاھ سىيسى ۋە سىدقى سۈبھى ئىككىسى بولۇپ، ھېچكىمنىڭ قارارى ئۇ ئىككىسىنىڭ قارارى ئالدىغا ئۈتەلمەيدۇ.
   30-تۈۋەندە تۈنجى بۇلۇپ شۇنى ئاشكارىلايمەن... ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەۋىبىنى ئېيتماسىتىن ئابدۇلفەتتاھ سىيسىنىڭ مەشھۇر مورگان چېيس (Morgan Chase) بانكىسىدىن ھىساب ئېچىش تەلىۋىنى رەت قىلدى.
   31-مىسىر قوراللىق قىسمى ، رەئىس مۇرسىنى ئۇلارنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن دەپ ئىتىراپ قىلدۇرۇپ، مۇرسىغا تۆھمەت ئارتىش ئۈچۈن سىنا چۆلىدىكى " ياسالما جىھادچىلار"نىڭ بەزى رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىۋاتىدۇ.
   32-ئەلجەزىرە قانىلى ئۆزىنىڭ خەۋەر قاناللىرىنىڭ كاشىلىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە خەلقارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى؛ ئۇنىڭ ئىسىملەر ۋە ھۆججەتلەر بىلەن ئىنچىكە تەپسلاتلىرى بار بولۇپ ئۇنى تارقىتىشقا بىر يول چىقىشنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەلجەزىرە قانىلىغا كاشىلا پەيدا قىلىش ھەرىكىتى مىسىر ھەربى ئىستىخبارات مۇدىرى مەھمۇد ھىجازىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىۋاتىدۇ؛ ئۇ ئەلجەزىر قانىلىنىڭ مىسىر ۋەقەلىرى ھەققىدىكى تارقىتىشىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۈزۈلۈپ قېلىشى ئۈچۈن قاتتىق كۈچەپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.
33-سىيسى گۇرۇپىسى ئەلجەزىرە قانىلىغا كاشىلا پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەربى ئىستىخباراتقا قاراشلىق 6 بىناغا 57 دانە تېخنىكا ئۇرۇنلاشتۇردى.
   34-مىنىڭ بىلىشىمچە ، ھازىرقى بەبلاۋى ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادى پىلانى يوق، ئۇلار بىرىنجى دەرىجىدە خەلىج (ئەرەب دېڭىزى قولتۇقى) دۆلەتلىرىنىڭ مىليارتلارچە دوللارلىرىغا تايىنىۋاتىدۇ.
   35-ئابدۇلفەتتاھ سىيسى مىسىر قوراللىق قىسمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامىنت ئەزالىرىدىن ئىككى نەپىرىنىڭ سەپەر قىلىشىنى چەكلىدى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىگە بەلگىلىمە قويدى.
   36-مەخپى ۋە تەكىتلەنگەن مەلۇمات: ئۆرۈۋېىتلگەن رەئىس مۇرسى ئۆزىنىڭ ھاكىيمىيەت دەۋرىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ باش يولباشچىسى مۇھەممە بەدىئ بىلەن پەقەت بىر قېتىم ئاممىۋى پائالىيەتتە ئۇچراشقاندىن باشقا  يا تېلىفۇن بىلەن بولسۇن ۋە ياكى ئايرىم ئۇچرىشىش بولسۇن ئالاقە قىلمىغان، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مىسىرغا ھۆكۈم قىلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبىرى مۇھەممەد بەدىئ دەپ تارقالغان ئۆسەك سۆزنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن بولغان. ھازىر مىسىر دۇچ كىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىققا مۇرسى ۋە ياكى كەلگۈسىدە بولماقچى بولغان ھەر قانداق بىر رەئىس ئار تۇرالمايدۇ.
   37-تەكىتلەنگەندىن كىيىن: 30- ئىيۇندىكى نامايىشقا پۇقراچە كىيىنىپ قاتناشقان ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ سانى 76411 نەپەرگە يەتكەن؛ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىرى بىلەن ئۇلارغا سەرپ قىلىنغان مۇكاپاتلارغا كۆرە قاتناشقان.
   38-مىسىردىكى سىيسى ھاكىمىيىتىگە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى ياردەم قىلىۋاتىدۇ؛ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى باشقا ئەسكىرى رەھبەرلەرنىڭمۇ ماقۇل بولىشى ئۈچۈن قاتتىق كۈچىۋاتىدۇ؛ چۈنكى ھەربى ئىنقىلاپنى توغرا دەپ قارىمىغان بەزى ئەسكىرى رەھبەرلەرمۇ بار.

          

  سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنىڭ ئەھۋالى پۇتۇنلەي باشقىچە بولىشىمۇ ئىھتنمالغا يىقىن .ئەمما يۇقارقى ئەسكەر ئەھمەد سامىھنىڭ دىگىنى بىرقەدەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن .بۇ جەھەتتە ئىسرالىيەمۇ مىسىرسابىق زۇڭتۇڭى مۇھەممەد مۇرسى تۇغرىسىدا نارازىلىقىنى يۇشۇرۇپ ئولتۇرمىغان .ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ كۆپ قىتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىغا
"مۇرسى پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىگە پۇتلىكاشاڭ بولدى " دىگەن .بۇ يەردە تىلغا ئىلىنىۋاتقان پۇتلىكاشاڭ بولسا ،مۇرسىنىڭ ئاشكارە ۋە مەخپى ھالەتتە خاماس ئىسلام قارشلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنى قوللىغانلىقى سەۋەب بولغان .
   يىغىپ ئىيتقاندا ،سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنىڭ ئەتراپىدا كۇشەنلىك يامراپ كەتكەن بولۇپ ،ئۇنىڭ تەخىتتىن چۇشۇرىۋىتىلىشى كۆزگە كۆرۇنۇپلا قالغانىدى .قەدىمى دۆلەت مىسىردا نۇرغۇن كىشىلەر سايلامغا قاتناشمىدى ،ياكى سايلامغا نارازى بولدى .ئەمدى مىسىر زۇڭتۇڭى ئابدۇل فەتتاخ سىزى خەلقىنى قانداق رازى قىلىش ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى مۇمكىن .

           خەۋەر مەنبەسى :ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتى
                             مەنبەسى : ئۆزۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-21 01:53 AM  


ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1615
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10908
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2216 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 11:46:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سىياسى جەھەتتىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە ھەيرانمەن............  ئادەم ئويلاپمۇ باقىمىغان ئىشلار يۈز بىردىكەن.........   

قاچانمۇ تىپتىنىچ ياشىغۇدەك كۈنلەر يېتىپ كىلە..........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3339
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 12:08:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىسى دىگەن بىر جاللات،ئۇنى ئەينى ۋاقىتتا مۇرسى يۆلەپ
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قىلغان، لىكىن ئۇ ئىتچىلىكمۇ
بولالماي مۇرسىغا ئاسىيلىق قىلدى. بۇ قىتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى
بىلەت تاشلاش نىسبىتى 50 پىرسەنكىمۇ بارمايدۇ.
بۇ نەتىجە كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ
سۈكۈتتە تۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈردۇ.
چۈنكى خەلىق ئۇنىڭدەك خائىندىن ئۈمۈت كۈتمىدى.
ئۇ مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى تىرورچى تەشكىلات
دىدى، تەشكىلاتنىڭ قوماندانلىرى، ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىردىن
بولۇپ، بىر نەچچە قىتىملىق سوتتا نەچچە مىڭىنى ئۆلۈمگە
ھۆكۈم قىلدى.
ئاڭلىشىمچە، مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ
مىسىردىلا 500 مىڭ ئەزاسى باركەن.
مىنىڭچە سىسىنىڭ كۈنىمۇ ئۇزاققا بارمايدۇ. چۈنكى
ھەربىيلىكتىن چىققان بىرسىنىڭ سىياسىتى خەلىققە يىقىشى
ناتايىن-

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107522
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-6-8
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 12:11:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بەك ئېچىنىشلىق ئىكەن ھەي..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103595
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 12:42:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىسى دىگەن بىر جاللات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4562
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1879 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 12:55:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇرسىنىڭ تەخىتتىن چۇشۇرۇلۇپ كىتىشى دىمكىراتتىيىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 01:24:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد مۇرسى مىسىر خەلىقى دېموكراتىيە بىلەن سايلىغان تۇنجى زوڭتۇڭى ئىدى.   ئەپسۇس سىي سىي دېگەن مۇبارەكنىڭ غالچىسى ئۇنى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.
سىي سىي   مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى يوقىتىمەن دەيدۇ.   لېكىن يوقۇتىمەن دەپ يوقىتىپ بولىدىغان تەشكىلات ئەمەس ئۇ.....   بۇرۇنقى ھەربىي مۇستەبىت مىسىر زوڭتۇڭ پادىشاھلىرىمۇ يوقىتالمىغان تەشكىلات بۇ ......  پۈتۈن دۇنيادا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى مىليوندىن ئاشىدۇ......
مۇرسى ۋە ئۇنىڭ قول چوماقلىرى ھامان بىركۈنى قىلغانلىرىغا پۇشايمەن قىلىپ ھاكىمىيەتتىىن زوڭتۇڭ سارايلىرىدىن يۈزى يەرگە سۆرىتىلىپ قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.   بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.........

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 01:30:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد مۇرسى گەرچە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان بولسىمۇ    ئۇ يەنىلا مىسىر نىڭ خەلىق سايلىغان زوڭتۇڭى.      ئۇنى تۈرمىگگ تاشلاش قانۇنسىزلىق ئۇ زوڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن تېخى چۈشۈپ كەتمىدى

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3339
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 01:36:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائەت يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 01:24 PM
مۇھەممەد مۇرسى مىسىر خەلىقى دېموكراتىيە بىلەن سايلىغا ...

ئەڭ ئاخىرقى جۈملىدىكى سۆزىڭىز بىلەن باشتىكى
سۆزىڭىز بىر_بىرىگە زىت كىلىپ قالدىمۇ قانداق؟

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 01:37:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 01:36 PM
ئەڭ ئاخىرقى جۈملىدىكى سۆزىڭىز بىلەن باشتىكى
سۆزىڭىز  ...

قانداق دەيسىز؟؟؟؟؟

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش