غەرب تامان سۈرۈلگەن بۇلۇتلار قۇياش يۈزىنى توسقاندا قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرلىرىنى كۆرەلمىسەڭ بۇلۇتلاردىن رەنجىمە،بۇلۇت قۇياش نۇرلىرىنى توسقىنى بىلەن ساڭا سەلكىننىڭ ھوزۇرىنىڭ تەمىنى تېتىتتى. زىمىنىنىڭ يامغۇر-يېشىنغا تەشنا بۇلۇپ چاك-چاك يېرىلىپ كەتكىنىنى كۆرگىنىڭدە مىسالى سۇغا تەشنا تۇپراق كەبى ساڭا تەشنا بىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتما...ئەڭ بولمىغاندا ئەسلەپ قوي ...."كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر"دەيمىزغۇ ئاخىر؟
زىمىستان دەھشىتىدە سوغۇقتىن غال -غال تىتىرىگىنىڭدە بىراۋنىڭ قەلبىنى مەڭگۈلۈك زىمىستانغا مەھكۇم قىلغىنىڭنى ئۇنۇتما!زىمىستاننىڭ كەينىدىنلا باھار كىلىپ گۈل ئېچىلىدىغانلىقىنى ،سەن گۈل ھوزۇرىنى سۈرگەندە ئۆلگەن قەلبىتىن ھىجران مۇزىكىسى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ساڭا مەلۇم بولمىسىمۇ ئەللەرگە ئاياندۇر.....
جۇدالىقتىن زارلىما ! بۇ دۇنياغا كىلىشىمىزنىڭ ئۆزى يېڭى بىر باشلىنىش،يېڭى بىر گۈزەل ئاخىرلىشىش ئۈچۈنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭدىن چىقارما!كىم كىمگە باقىۋەندە بۇلالىغان؟ بۇ جۇدالىق كىمنى زارلاتمىغان؟ ئازابنىڭ ئالىمى بۇ ،ئارمانلارنىڭ ئالىمى بۇ... غەم يامغۇرلىرى يۈزلىرىڭنى يۇيغاندا گۈلگۈن چېھرىڭدىن خۇشاللىق تەبەسسۇمى پارلىغان گۈزەل دەقىقىلەرنى ئويلاپ قوي....
شۇنداق بىر مىنۇتلار بولغانىدى..چىرايىڭدىن خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇرغان. شۇنداق بىر دەقىقىلەر بولغاندى،كۆڭلۈڭدىكىلەر سىنى كۆڭلىگە قويغان..... شۇنداق بىر دەقىقىلەر بولغاندى،سۆيگەنلىرىڭدىن كۆڭلۈڭ سۆيۈنگەن..... شۇنداق بىر دەقىقىلەر بولغاندى،كۆيگەن كۆڭۈللەر ۋىسال شادلىقىغا چۆمگەن ...گەرچە ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلانسىمۇ ئۆتمۈشنى ئەسلەشنىڭ ھوزۇرىمۇ ئۆزگىچە ،گەرچە ئازابلىق بولسىمۇ .ئازابنىڭ رۇجەكلىرىدىن غىل-پال كۆرۈنگەن تاتلىق خىياللار ساڭا ئۆز نۆۋىتىدە ئالەمچە ھوزۇر بېغىشلايدۇ ....
بىرسىدىن مەھرۇم بولغىنىڭدا يەنە بىرىگە ئېرىشكىنىڭنى ئۇنۇتما! سەن قەلب كۆزۈڭ بىلەن ھېس قىلالىساڭلا ....مەۋجۇتلۇقنىڭ ئالىمى بۇ ... يوق دىگەن نەرسىمىزنىڭ ئۆزى ئەسلىدىلا مەۋجۇت .يوق بولمىسا بارلىقنىڭ نە قىممىتى؟ مەنبە:ئۆزۈم
2014.6.20 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvlmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-20 09:11 PM
|