قايتا تۇغۇلۇش
مەۋلۇتبەگ شىئېرى
قايتا تۇغۇلدۇم
ئىنساندىن ئەمەس
زىمىندىن ئەمەس
كۆكتىن تامغان نۇر ئىچىدىن.
ئوغۇز كەلدى
كۆك كۆزىدىن كەلدى نۇر زىيا
تۆرىلىشىم ئوخشاشكەن ئەجەپ
يەنىلا كۆكبۆرە يول باشلار ماڭا.
كەلدى چىنتۆمۈر ئېتىن چاپتۇرۇپ
سىلار بېشىمنى ئول مەختۇمسۇلا.
يۈرۈكۈمنى تۇرىدۇ چەنلەپ
ئات ئۈستىدە مەغرۇر تۇمارىس
ئىپارخاننى ئوقيا، نەيزە قىپ.
تىللاردا بولدۇم داستان
پەرھاتنىڭ ئىزىنى بېسىپ
قول بىرىشكە
كەلدى تاھىر ھەتتا مەجنۇن
تاغلارنى كېچىپ.
ھىدلىرى كېلەر
مۇھەببەتنىڭ بوستان چۆلىدىن
سەنەم ئۈچۈن ئىزتىراپ چەككەن
غىرىپ تىنىقى.
سالامغا چىقتى يەتتە قىزلىرىم
نۇر ئىچىدە قەدىمىم باردەپ
ئاتتىن چۈشۈپ قىلدىم تەبەسسۇم
ئوڭ قۇلۇمنى كۆكسۈمگە قۇيۇپ
چاچلىرىمغا چۈشتى قىرۇلار
تارىخنى كەزدىم مىڭلاپ ئونمىڭلاپ.
قۇياشقا قاراپ
كائىناتنى باغرىمغا تاڭدىم
ئاڭلىنىدۇ يۈرەك تىۋىشى
يەر ئاستىدا ئەسىر ئېرالاپ
ئاققان ئاشۇ باتۇرلار قېنى....
.
.
.
.
داۋامى بار
2014.20.ئىيۇن