|
|
|
|
تاڭ ئىلكىدىكى تۈن
جاھان يورۇق ياز بولسىمۇ ياپراق خازان ، خامان قۇرۇق كۈز بولسىمۇ باشاق خازان . قۇياش پارلاپ ئوت تۇرسىمۇ ئاي كۆرۈنۈپ ، ھامان سوغۇق ئۇ بولسىمۇ قەلىب خازان.
باياۋاندا چىقماس ھەرگىز شامال لەرزان ، دەشتۇ-چۆلگە بوستان ھەرگىز بولماس ھەيران ، «سەھرايى» مۇ ئەسلى ئىكەن بىر گۈلىستان ، ھەيران قالغاچ چۆللەرگە ئۇ بولغان ۋەيران .
زۇلمەت كېچە تىنىچ ئەمەس ئاي بولمىغاچ، يۇلتۇزلارمۇ نۇرلۇق ئەمەس ئۇ بولمىغاچ. ئەنسىز كېچە خوشال ئەمەس ھېچبىر كىشى ، بۇ كېچىدە شاۋقۇن -سۆرەن توختىمىغاچ .
بىر تاغ كۆردۈم ، روشەن ئەمەس ئەتراپ تۇمان ، شەبنەم قاتتى قىرو باستى توڭلاپ بۇ جان . باھاردىمۇ ئېرىمىدى تاغدىكى مۇز ، تۈن بولغاچقا تاڭ نۇرىنى توسۇپ ھامان .
ساۋاقدىشىم يۈسۈپجاننىڭ يازغان شېئىرى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Zirakk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-20 05:29 PM
|
|
|
|
|
|