مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 837|ئىنكاس: 7

كىم ئەسلەيدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16520
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3662 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 04:31:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               كىم ئەسلەيدۇ
                                                (ھېكايە)
                                          پەرھات جەمشىت

تاغ باغرىغا جايلاشقان بۇ يېزىنىڭ ھەممە يېرى مەخمەلدەك ياپيېشىل ئوت -چۆپلەر بىلەن قاپلانغاندى.رەڭگارەڭ گۈل-چېچەكلەر، قارىغايلارغا قونۇشۇۋېلىپ زوق-شوخ بىلەن سايرىشىۋاتقان تۈرلۈك قۇشلارنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرى ،ئېقىندىكى زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلارنىڭ شىلدىرلاشلىرى  بىلەن قوشۇلۇپ  كىشىگە گويا جەننەتنى ئەسلىتەتتى.
تاڭ سۈزۈلۈشكە ئازقالغاندا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە تاغ تەرەپكە يول ئالدىم.سەھەرنىڭ مەيىن شامىلى يۈزلىرمىنى يىنىك سۆيۈپ ھوزۇر بەخىش ئاتا قىلاتتى،بىر بېسىپ-ئىككى بېسىپ تاغ باغرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭ بويىغا كەلدىم-دە،قەدەملىرىم ئىختىيارسىز توختاپ قالدى.كۆۋرۈك يېنىدىكى كىچىكتە زوڭزايغاندىن كېيىن ،زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ بىلەن قول -باشلىرمنى چايقىغاندىن كېيىن  مۇزدەك  سۈزۈك سۇدىن ئوچوملاپ  قانغۇچە ئىچىپ ھوزۇرلاندىم ۋە ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ،تەڭرىنىڭ ھىممەتلىرىگە شۈكرى- سانا ئېيتقاچ  تاغقا يامىشىشقا باشلىدىم.
قۇياشنىڭ ئالتۇندەك نۇرلىرى شايىدەك نېپىز بۇلۇتلار قاتلىمىدىن كەڭ كائىناتقا سېخىيلىك بىلەن چېچىلىشقا باشلىدى، ئەتىراپ تولىمۇ گۈزەللىشىپ كەتتى پاھ!نېمە دېگەن ساپ ھاۋا،نېمە دېگەن گۈزەل مەنزىرە -بۇ!مەن تاغ چوققىسىدىن ئەتراپقا نەزەر سېلىشقا باشلىدىم،تۇيۇقسىز، نەزىرىم يىراقتا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان شەھەر تەرەپكە ئاغدى.شۇ ئان  خىيال بۈركۈتلىرىم قاناتلىنىپ كەتتى.  
   ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ ئۇ شەھەردىكى بىر شېركەتكە  خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم،قېرىشقاندەك ئاشۇ ئىدارىىنىڭ ئىسمىنىڭ ئېسىمدىن تېزلا  كۆتۈرۈلۈپ قالغىنى نېمىسى؟بولدىلا ئۇ ئانچە مۇھىم ئەمەسقۇ دەيمەن! ناۋادا ئىسمى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ سىلەرگە ئېيتىپ بەرسەم، ئوڭ قۇلۇقۇڭلاردىن كىرىپ سول قۇلۇقىڭلاردىن چىقىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.بەلكى ئۇ شېركەتنىڭمۇ ھەرقايسىڭلار خىزمەت قىلىۋاتقان  شېركەتلەردىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى قىياس قىلالايسىلەن ــ ئەلۋەتتە. ..
ۋاقىت بىلىنە بىلىنمەي يورغىلاپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ  كەتتى،مەن بۇ گۈزەل،باغرى كەڭرى شەھەرگە كۆنۈپلا قالدىم.چۈنكى مەن خېلى كۆپ دوست تۇتۇم ،بىز نەچچە كۈندە بىر كۆرۈشمىسەك چىدىشالمايدىغان«جانجىگەر» دوستلاردىن بولۇپ قېلىشقاندۇق.شۇڭا ئۇلار نەچچە كۈندە بىر قېتىم دېگۈدەك مېنى ئىزدەپ كېلىشەتتى،بىز جەمئىيەتتىكى يارقىن نوقتىلار ئۈستىدە مۇڭداشقاچ كۆڭۈل ئاچاتتۇق.ئۆز ئارا ھال مۇڭ بۇلۇشاتتۇق.چۈنكى كۆڭلى سۇنۇق كىشىلەر مۇڭدىشىش ئارقىلىق خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ ئەمەسمۇ؟ مەن ھەر ھالدا شۇنچىلىك كۆپ دوستلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن بەكمۇ مىننەتدار.
     ھەش-پەش دېگۈچە يۇرتۇمغا بارمىغىنىمغا بىر نەچچە يىل بولدى،بىر كۈنى ئاكامدىن دادامنىڭ بىتاپ بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە تېلىفون كەلدى. شۇنۇڭ بىلەن مەن يۇرتقا بېرىپ دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش  نىيىتىدە.خىزمەتتىن ئىستىپا سوراپ ،خىزمەتتداشلىرىم،ئەل-ئاغىينىلىرىم بىلەن خۇشلۇشۇپ يۇرتقا كەلگەندىم.  مانا مېنىڭ يۇرتقا كەلگىنىمگىمۇ يېرىم يىلدىن ئاشىتى، ئالدىنقى كۈنى ئۆي خوجايىنى ئۆي ئىجارىسىنى  سۈيلەپ تېلىفون قىلغاندىن باشقا بىر ەر دوستۇم ياكى خىزمەت دېشىمدىن  تېلىفون كەلمىدى ،كۆڭلۈمدە ئۇلار مېنى ئۇنتۇپ قېلىشقان ئوخشايدۇ دېگەنلەرنى ئويلىغىنىمدا سەل بئارام بولمايمۇ قالمىدىم ئەلۋەتتە.دادام رەھمىتى بىز بىلەن مەڭگۈ ۋىدالاشتى.مانا تېخى تۆنۈگۈنلا قىرقى نەزىرىنى تۈگەتتۇق، بىرەر شەھەردىكى بىرەر دوستۇمدىن تېلىفون كەلمىدى.ھەي جاھان دىگەن شۇنچىلىك ئىكەن،مەن غۇۋا كۆرۈنۈۋاتقان شەھەردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تىكىلگىنىمچە  تۇرۇپلا قالدىم.تۇيۇقسىز تېلىفونۇم سايراپ كەتتى.ـــ قانداقلا بولمىسۇن مېنى ئەسلەيدىغانلارمۇ   بار ئىكەن ،دوستلىرىم ئۇنتۇپ قالماپتۇ دېگەن خىياللار بىلەن خۇشال ھالدا تېلىفونۇمنى چىقىرىپ ئېكرانىدىكى نومۇرغا قارىدىم.دەرۋەقە  ئۇ بىر ئىشخانىدا بىر نەچچە يىل بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتدېشىم ئەلىنىڭ تېلىفون نومۇرى ئىدى.مەن خۇشاللىق بىلەن تېلىفوننى ئالدىم ۋە:
ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېدىم.
ــ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام بۇرادەر.يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟
ــ بار دېىدىم جاۋابەن.
ــ مۇنداق ئىش ئىدى ئاداش ،ئەتە ئوغلۇمنىڭ «خەتنە تويى»نى قىلماقچىدىم،ئالدىنقى شەنبە مەسلىھەت چاي قىلغاندىم. تېلىفون نومۇرۇڭنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،ئالاقىلىشىشكە ئامال بولمىدى.مىڭ تەسلىكتە تونۇش-بىلىشلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ دېگۈدەك نومۇرۇڭنى تاپتىم شۇڭا تېلىفوندا بولسىمۇ خەۋەر قىلىپ قوياي دەپ تېلىفون قىلىشىم.ئورنى «پەرۋاز»رېستۇرانىدا خەير ئەتە كۆرۈشەيلى
مەن تېلىفوننى ياجۇقۇمغا سالغاندىن كېيىن،تاغدىن چۈشۈپ مەھەللە ئىچىگە قاراپ ماڭدىم ۋە مېنى ئەسلەيدىغانلارمۇ بار ئىكەن دەپ ئاستا پىچىرلىدىم ئىچىمدە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 05:14 PM  


دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43043
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3164
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 05:35:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن، ھوزۇرلاندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6521
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 06:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياجۇقۇمغا

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19537
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5364 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 06:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق دوسلىرىم بار ، داۋاملىق تېلفۇن قىلىپ تۇرالمىساممۇ دۇئالىرىمدا ئۇنتۇلۇپ قالمايمەن .
ھەر بىر ئادەم ئۆزىدىن سوراپ بىقىش كېرەك ، ماڭا مۇھتاج مىنىڭ ياردىمىمگە ئېھتىياجلىق نەچچە ئىنسان بار ،
ھەقىقى دوسىت سىز بار يەردە ئاللاھنىڭ گىپىنى قىلدۇ ، سىز يوق يەردە ئاللاھقا سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلدۇ .

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93698
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 380
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2013-3-21
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 06:55:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موھىت تەسۋىرى ئىنىق ئوتتورغا قويلىپتۇ.
ھارمىغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93698
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 380
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2013-3-21
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 06:55:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موھىت تەسۋىرى ئىنىق ئوتتورغا قويلىپتۇ.
ھارمىغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107522
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-6-8
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 08:45:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى يېزىشقا تىرىشىڭ ھە.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 02:00:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  شۇنداق  ياقتۇردۇم  ھارمىغايسىز.

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش