سەن ئۈچۈن ياش تۆككەن ئاشۇ دەقىقە،
سەن بەلكىم بىخەۋەر يۈرۈيسەن غەمسىز.
خاتىرە ئالبۇمنى قۇچاقلاپ بەلكىم،
تەبەسسۇم ئىلكىدە كۈلگەنسەن شەكسىز.
سەن ئۈچۈن ياش تۆككەن ئاشۇ دەقىقە،
يىگىتىڭ قولتۇقلاپ ماڭغانسەن بەلكىم،
نازلىق بېقىشىڭ، خۇش كۈلكەڭ بىلەن ،
بەختنىڭ قوينىغا چۆمگەنسەن بەلكىم.
سەن ئۈچۈن ياش تۆككەن ئاشۇ دەقىقە،
نىكاھىڭ ئوقۇلدى يىگىتىڭ بىلەن.
يۈرىكىڭ شادلىقتىن تېپىچەكلىگەندە،
مەن ئاھ ئۇرۇپ ،كۆزلىرىمدە نەم.
سەن ئۈچۈن ياش تۆككەن ئاشۇ دەقىقە،
يىگىتىڭ ئۆيىگە يول ئالدىڭ تامان.
ئازابىمغا جۆر بولۇپ يىغلاپ ،
ياش تۆكتى قايغۇرۇپ مەن ئۈچۈن ئاسمان.
سەن ئۈچۈن ياش تۆككەن ئاشۇ دەقىقە،
شېرىن ئاي بەختىدىن ھوزۇر سۈرگەنسەن.
سەن ئۈچۈن ئازاپتا پۇچلانغىنىمنى،
بەلكىم خىيالىڭغا كەلتۈرمىگەنسەن.
مەنبە :ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-20 07:12 PM