مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1206|ئىنكاس: 9

گۆھەر ۋە بۇغداي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 10:48:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


گۆھەر ۋە بۇغداي





بىردېھقان يولدىن ئېزىپ قېلىپ بىر ئىپتىدائىي قەبىلىگە بېرىپ قاپتۇ. بۇقەبىلىدىكلەرنىڭ پەقەت ئوۋچىلىق بىلەنلا تۇرمۇش كەچۈرۈپ قورسىقىغا تويغۇدەك تاماقمۇ يېيەلمەيدىغانلىقىنى كۆرگەن بۇ ئاقكۆڭۈل دېھقان ئۆزىنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن بىر خالتا بۇغداينى ئۇلارغا بېرىپتۇ ھەمدە بۇغداي تېرىشتىن تارتىپ ھوسۇل يىغىشقىچە ھەتتا ئۇنى قانداق قىلىپ يېيىشكىچە بولغان بارلىق جەريانلارنى ئۇلارغا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ قورسىقى توق تىرىكچىلىك قىلىشىغا چوڭ ياردەم قىپتۇ. كېيىن دېھقان ئۆز ئۆيىگە قايتماقچى بولغاندا قەبىلە ئاقساقىلى ئۇنىڭ بۇ قىممەتلىك سوۋغىسى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك گۆھەرلەرنى ھەدىيە قىپتۇ.

بىرسودىگەر بۇ دېھقاننىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەسەت ئوتىدا پۇچلىنىپ زادىلا تۇرالماي قاپتۇ. « ئۇ قەبىلىدىكىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق كىشىلەر ئىكەن، بۇدېھقاننىڭ پۇلغا ئەرزىمەيدىغان بۇغدىيىغا شۇنچە قىممەتلىك گۆھەر بىلەن تارتۇقلىغىنىغا قارىغاندا مەن بۇ يەردىكى بۇ ئادەتتىكىچە گۆھەرلىرىمنى ئۇلارغاسوۋغا قىلسام ماڭا بۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك بايلىقلارنى ھەدىيە قىلغۇدەك» دەپ ئويلاپتۇ سودىگەر. ئويلاپ مۇشۇ يەرگە يەتكەن سودىگەر ئۇ دېھقاندىن ھېلىقى قەبىلىنىڭ ئورنىنى سوراپ بىلىۋاپتۇ ھەمدە بۇ يۇرتتىكى گۆھەرلەردىن خۇرجۇنىغا لىق قاچىلاپ ئاتقا بېسىپ ئىپتىدائىي قەبىلىگە قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ.،

ئون كۈندىن كېيىن سودىگەر ئىپتىدائىي قەبىلە تۇرۇشلۇق جايغا كەپتۇ. قەبىلىدىكىلەر بولسا سودىگەرنىڭ قولىدىكى ئۆزلىرى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان گۆھەرنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قاپتۇ. قەبىلە ئاقساقىلى ئۇنىڭدىن قانداق قىلسا بۇ نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى سورىغانىكەن، سودىگەر ئۈمىدكە تولغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ: بۇ گۆھەرلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئەڭ قىممەتلىك گۆھەردىن،شۇڭا سىلەرمۇ بۇ يەردىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەڭلارنى ماڭا بەرسەڭلار مەن بۇ گۆھەرلەرنى سىلەرگە قالدۇرۇپ كېتىمەن.

قەبىلە ئاقساقىلى ئەتراپىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەت قىلغاندىن كېيىن سودىگەرگە مۇنداق دەپتۇ:«بىزمۇ ئەلۋەتتە ئۆزىمىزدىكى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك بايلىق بىلەن بۇ نەرسىلىرىڭىزنى تېگىشىمىز» دەپتۇ دە سودىگەرنىڭ خۇرجۇنىدىكى گۆھەرنى تۆكۈۋېلىپ ئۇنىڭغا لىققىدە بۇغداي قاچىلاپ بېرىپتۇ.

ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن رەزىللىك چوقۇم ئوخشىمىغان جاۋابقا ئېرىشىدۇ، گەرچە كېيىنكىسى بىر مەزگىللىك مەنپەئەت ياكى غەلىبىگە ئېرىشسىمۇ ئەمما ھەرگىزمۇ ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.



تەرجىمە قىلغۇچى نىجات قۇربان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nijatkurban تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 10:54 AM  


ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43043
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3164
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 12:26:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12391
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32439
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 12:49:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن رەزىللىك چوقۇم ئوخشىمىغان جاۋابقا ئېرىشىدۇ، گەرچە كېيىنكىسى بىر مەزگىللىك مەنپەئەت ياكى غەلىبىگە ئېرىشسىمۇ ئەمما ھەرگىزمۇ ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.››

مۇشۇ جۈملىلەر مەسەلننىڭ خۇلاسىسى بوپتۇ....

تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەسەلكەن.....

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99876
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 12:57:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇغداي ھەقىقتەن ئەڭ قىممەتلىك گۆھەر.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107726
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-6-15
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 12:59:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 02:55:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلا تورداشلا . مۇناسىۋەتسىز پاراڭ قىلىدىغان بوپقالدىم . مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يېقىندا خىزمەتكە چىقماقچىتىم . تەخىمىنەن ئىككى يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئىشلەيمەن . ئاندىن يۇرتۇمغا قايتىپ باشقا ئىش قىلاتتىم . شىركەتتىن بەش خىل سۇغۇرتا ۋە ئۆە كاپالەت فوندىنى تاپشۇرىدىغان بولغان . ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم : ئىككى يىل ئىشلەپ يۇرتقا كەتسەم تۆلىگەن سۇغۇرتىلىرىم بىكا بوپكىتەمدۇ ؟ سۇغۇرتىنىڭ تەۋەلىك جايىنى يۆتكىگىلى بۇلامدۇ ؟ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلا بولسڭلا قالدۇرۇپ قويساڭلا .
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ ئىنكاسىمنى ئۈچۈرۋەتمەسلىكىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12098
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 04:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 04:52:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتتى ياخشى يىزىپسىز

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 06:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karlik يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 04:40 PM
دوغاپ باما ؟

دواپ قەشقەردە جىققۇ؟

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 06:58:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىممەت قارشىنىڭ ئوخشىماسلقى بەكلا روشەن ئىپادىلىنىپتۇ ،

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش