مەن سېنى كۈتىمەن، كېلىسەن ھامان
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
مەن سېنى كۈتىمەن، كېلىسەن ھامان، شاماللار ئەلچى بوپ كەلگىلى نېكەم. قىززىيدۇ ۋىسالنىڭ تويلىرى بۇندا، بىر قۇچاق گۈل ئېلىپ كېلىسەن ئەركەم.
مەن سېنى كۈتىمەن،كېلىسەن ھامان، بۇ خەستە دىلىمنى قىلمايسەن خاراپ. دىدىم مەن شامالغا_شۇ تاپ يارىمنى، ئېيتقىنا كىملەرگە بەردىڭ ئوغۇرلاپ .
مەن سېنى كۈتىمەن،كېلىسەن ھامان،
تالاي رەت كۆرگەن شۇ شىرىن چۈشلەردەك. بىر گۈزەل سۈبھىدە قاقىمىز قانات ، كۆك ئاسمان قەھرىدە ئەركىن قۇشلاردەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-20 01:11 AM
|