مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 602|ئىنكاس: 2

دىلو مىساللىرىنى ئىشلەش ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 08:53:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1149506779.jpg

     دىلو مىسالىنى تەھلىل قىلىش سۇئالىنى ئىشلەش ئۇسۇلى

   2014-يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانى ئۈچۈن تەييارلىق باشلانغىلى خېلى بولدى،كۆپلىگەن دوستلار جىددى تەكرار قىلىشنى باشلىۋەتكەندۇ دەپ ئويلايمەن.كۆپلىگەن كىشىلەر كەلگۈسى ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە تولۇپ-تاشقان ئىشەنچىگە كەلگەن بولسىمۇ، دىلو مىسالى تەھلىل قىلىڭ دىسە قورقمايدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك.چۇنكى بۇ دىلو مىسالى دىگەن، ئىمتىھان نۇمۇرىنىڭ قاتىلى! ھىچ شۇبھە يوقكى، بۇ كۆپچىلىك ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كەمچىللىگى ھىساپلىنىدۇ.بۇ ئامالسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ،بۇ تەييارلىقنى قانداق قىلىش توغرىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماچىمەن.بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئاز-تولا ئۈنۈم ھاسىل قىلالىسا قىلغان ئەمەىەىمدىن رازى بولارئىدىم.
كۆپ يىللىق ئەلىيە ئىمتىھان تەجىربىللىرى ئارقىلىق ئىگەللىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا ،دىلو مىسالىدىن نۇمۇر ئالالماسلىقنىڭ سەۋەبى مۇنداق :
1.        سۇئال ئىشلەش سۈرئىتى بەك ئاستا بولۇپ ،ۋەقىت توشۇپ قىلىپ ئارقىدىكى سۇئاللار تاشلىنىپ قېلىش؛
2.        ھەرخىل قانۇنى مۇناسىۋەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى بىلگەن بولساقمۇ،دىلو مىسالىنىڭ مەركىزىنى تۇتالماسلىق、 سۇئالنى ئوقۇپ بولۇپلا كاللا قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قالىدىغان ئەۋال مەۋجۇت؛
3.سۇئالنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنگەن بولساقمۇ ،قانداق جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەسلىك、خاتا جاۋاپ بىرىپ قويۇشتىن قورقۇپ تۇرۇپ قېلىش 、ئاران قەلەمنى قولغا ئېلىپ مەركىزى نوقتىنى تۇتالماي قارا قويۇق ھەممىگە تەڭ جاۋاپ بىرىۋىتىپ نۇمۇر ئالالماسلىق؛
4.جاۋاپ بەرگەندەك قىلغان بىلەن، ئالدى-كەينى زىددىيەتلىك بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ،ئۈچۈرۈپ قەغەزنى بويىۋىتىپ نۇمۇر تارتقۇزۇپ قويۇش قاتارلىقلاردۇر.
يۇقارقىدەك ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشىدىكى سەۋەپ، مۇھىم قانۇنى بىلىم نوقتىللىرىنى پۇختا ئىگەللىيەلمىگەنلىكتىن،ھەم دىلو مىسالى سۇئاللىرىنى ئىشلەش تەجىربىسىنىڭ بولمىغانلىغىدىن كىلىپ چىقىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى،ئىلگىركى يىللاردىكى ئىمتىھان سۇئاللىرىدىكى دىلو مىساللىرىنى مەشىق قىلىشتىن باشلاش、 ئىگەللەپ بولغان قانۇن نەزىريە بىلىملىرىنى تەكرار قىلىپ تۇرۇش كىرەك. مىنىڭچە “بىلىق سوغا قىلغاندىن، بىلىق تۇتۇدىغان قارماق سوغا قىلغان ياخشى”
،بۇ يەردىكى قارماق دەل دىلو مىسالى سۇئالىنى ئىشلەش ئۇسۇلىدۇر.
   خوش ،دىققەت ! “قارماق”سوغا قىلىشنى باشلايمىز:

بىرىنجىسى.
ئەلىيە ئىمتىھانىدىكى دىلو مىساللىرىنىڭ ئۇنۋېرساللىغى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى،قانۇن بىلىملىرىدىن ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى سىناشقا بولغان تەلەپ يۇقۇرى بولغاچقا،دىلو مىساللىرىنى ئەڭ ياخشىسى قانۇن ئاساسى بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللەپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا مەشىق قىلىش لازىم.
ئىككىنجىسى.
دىلو مىسالىنى سانىنى قوغلىشۇپ كۆپ ئىشلەپ مەشىق قىلغاندىن ،ئاز- ساز بولۇشقا چۈشۈنۈپ تەپەككۇر قىلىپ مەشىق قىلىشقا كۈچ سەرىپ قىلىش لازىم.بۇ يەردە ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراڭ، ساننى بەك كۆپ قوغلىشپ كەتمەڭ.
ئۈچىنجىسى.
ھەر بىر دىلو مىسالىنى ئىشلەپ مەشىق قىلىشتىن ئاۋال، رەسمى ئىمتىھان مەيدانىدا ئولتۇرغاندەك قولغا قەلەم ئېلىپ  بىر قىتىم ئىشلەپ چىققاندىن كىيىن، ئاندىن ئۆلچەملىك جاۋابىغا قاراپ خاتا كەتكەن يېرى نەدە؟ كەمچىللىك يېرى نەدە؟ ئايرىپ چىقىش؛ ئۆزىڭىزنىڭ يازغىنى  بىلەن ئۆلچەملىك جاۋاپنىڭ پەرقىنى بايقاپ چىقىپ،ئوخشاش مەسىلىگە يولۇققاندا قايتا خاتالىق سادىر قىلمايدىغان دەرىجىدە ئەستايىدىل تەھلىل يۈرگۈزۈش لازىم.
مۇشۇنداق مەشىق قىلغاندىلا “مىڭ كۈن ئەسكەر مەشىق قىلدۇرۇپ، بىركۈنلۈك چەڭگە سالغاندەك” ئەمىلى ئىمتىھانغا چۈشكەندە، قىينالمايلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.
توغرا ئۇسۇل بولۇش مۇھىم ،ئەمما جەڭدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن جەڭ تاكتىكىسى بولۈشىمۇ زۆرۈر! دىلو مىسالى سۇئالى ئىشلىگەندە، ئەڭ ئاۋال دىلو مىسالىنىڭ قايسى قانۇندىكى مەزمۇن ئىكەنلىگىنى ئايرىماق ئانچە تەس ئەمەس.يىللاردىكى ئەدلىيە ئىمتىھانلىرىدىن قارىغاندا، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇنى قائىدىسى 、كىپىللىك قانۇنى、 توختام قانۇنى、 پاتنىت قانۇنى 、مىراس قانۇنى、جىنايى ئىشلار قانۇنىن、جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى 、ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى 、كىسىم قانۇنى 、شىركەت قانۇنى、دۆلەت تۆلەم قانۇنى 、مەمۇرى جازا قانۇنى、 خەلقارا ئىقتىسادى قانۇن 、شۇنداقلا ئادۋۇكاتلىق قانۇنى  قاتارلىق ئون  نەچچە قانۇن –بەلگۈلىمىلەردىن سۇئال چىقىپ كەلگەن. ھەر بىر سۇئال ئايرىم بىر قانۇندىن چىقىرىلىدۇ،قانۇنلارنى گىرەلەشتۈرۈپ سۇئال چىقىرىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرىمايدۇ.بار بولغاندىمۇ ئايرىم بىر قانۇننى ئاساس قىلىپ، قالغانلىرىنى قوشۇمچە قىلىشى مۇمكىن.دائىرە بىكىتىلگەندىن كىيىن ،  زىھنى كۈچ بىلەن ۋاقىتنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى توغرىلىق چىققان ئىمتىھان سۇئالىدا، باشقۇرۇش تەۋەلىگى بىلەن داۋالاشقۇچىلار 、دەۋا تەرتىۋى دىگەنلەر ئەدلىيە ئىمتىھانىدا دائىملىق مىھمان.سۇئاللار ئاساسەن قانۇندىكى ئەڭ ئاساسى بىلىملەر ۋە قانۇنى پىرىنسىپلاردىن چىقىرىلىدۇ،شۇڭا ھەرقايسى قانۇنلاردىكى ئاساسى پىرىنسىپلارنى پۇختا ئىگەللىسىڭىز سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەك تەسكە توختىمايدۇ.
ئىمتىھاندا دىلو ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىڭ ،جاۋاپ بىرىشكە بەك ئالدىراپ كەتمەڭ.ئىمتىھان سۇئالى بەزىدە ئۇدۇل ، بەزىدە ئەگىتىپ قاپقان قۇرۇپ قويغان بولىدۇ،شۇڭا يىتەرلىك سەزگۈرلىكىڭىز بولىشى كىرەك.دىلو ئەھۋالى مۇرەككەپرەك بولغان ،توختام قانۇنى、 مىراس قانۇنى、 تەرتىپ قانۇنلىرى ئۇچراپ قالسا،ئاۋال چورنىۋاي قەغەزگە داۋاگەر-جاۋاپكارلارنىڭ قانۇنى مۇناسىۋىتنى سىزىۋېلىپ ،ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئايرىغاندىن كىيىن، رەسمى جاۋاپ قەغىزىگە يازغىنىڭىزنىڭ ئۈنىمى ياخشىراق بولىشى مۇمكىن.
دوستلار،ئۆتكەنگە قايغۇرماق بىلەن كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەك توغرا ئەمەس، ئادەم ھازىرقى ۋاختىنى باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئۆتكۈزۈش كىرەك! ئەدلىيە ئىمتىھانىدىكى دىلو مىسالى ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان ئەمەس،ئۇسۇل توغرا بولسا،باتۇرلۇق بىلەن چەڭگە كىرسەكلا غەلىبە  چوقۇم بىزنىڭ بولىدۇ ! ھەممىڭلارنىڭ2014-يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانىدا غەلىبە-ئۇتۇق قازىنىشىڭلارنى تىلەيمەن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-26 12:00 PM  


قانۇن بىلەن ئويناشما !

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 12:36:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈپىتى ياخشى ئىسلامىي كىيىملەر ۋە شارپىلار بازارغا سېلىندى .
مال سېتىۋىلىش ئادىرسى
淘宝店:
http://shop111527376.taobao.com

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107816
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2014-6-17
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 12:40:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش