مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 194|ئىنكاس: 2

سەنئەت – تەبىئىي ۋە زۆرۈر روھىي پائالىيەت (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91567
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 158
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 08:10:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنئەت – تەبىئىي ۋە زۆرۈر روھىي پائالىيەت (2) بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 C! J9 {9 t6 [

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 z6 B4 d1 i7 a  j/ O( ?' Dيۈسۈپجان ياسىن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& X% O' k* w5 a6 y& v; oبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 D" ]4 Y1 x+ O0 j: E" \; S- S
مەنبەسى : ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››، 2014- يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانى بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) f$ \2 U# G' `+ B
مەلۇمكى، ھەر بىر دەۋرنىڭ قىياپىتى باشقا بولغىنىدەك، ئېھتىياجىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئېستېتىك غايىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا جەمئىيەت ئەزالىرىدا سەنئەتكە نىسبەتەن سەزگۈر بىر پوزىتسىيەنى پەيدا قىلىپ، دەۋرنىڭ سەنئەتتىن كۈتكەن تەلىپىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، سەنئەت جەمئىيەتكە، جەمئىيەتمۇ سەنئەتكە تەسىر قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ روھىي قىياپىتى، چۈشەنچىسى ۋە ئىدېئالىدا تەۋرىنىش، ئۆزگىرىش بولىدۇ. بولۇپمۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تار چۈشەنچە، قۇرۇق ئەقىدە، چاكىنا ئارزۇلاردىن ھالقىپ ئورتاق بىر مەقسەت ئەتراپىغا ئويۇشۇشى سەنئەتنىڭ تەسىر كۈچىگە باغلىق. غەربنىڭ يېقىنقى دەۋردىكى تارىخى ۋە سەنئەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بىزنىڭ سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رولىنى تولۇق چۈشىنىشمىز ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆرنەك ھېسابلىنىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# v) l4 d3 n4 ]& j# c$ ]بىز ماقالىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلۈكىدە ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن رۆنېسانىس ھەرىكىتىنى تىلغا ئالغانىدۇق. بۇ ھەرىكەتنى تىلغا ئېلىشىمىزدىكى سەۋەبمۇ دەل تارىختىكى ئۆرنەكلەردىن مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق سەنئەتنىڭ مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رولى ۋە تەسىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بېرىش ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت مىسال سۈپىتىدە نامىنىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش بىلەن كۇپايە قىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئەمەس. رۆنېسانىس ياۋروپادىن ھالقىپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتلىق چۈشەنچىسىگە تەسىر قىلغان بىر ھەرىكەت. مىللىي گۈللىنىش ئىستىكىدە بولۇۋاتقان ھەرقانداق بىر مىللەت بۇ ھەرىكەتنى ياخشى ئۆگىنىشى ۋە تەتقىق قىلىپ ئۆز ھاياتىغا تەتبىقلىشى لازىم. شۇڭا، بۇ يەردە رۆنېسانىس ھەققىدە بىراز چۈشەنچە بېرىشنى زۆرۈر دەپ قارايمىز. 14- ئەسىردە ئىتالىيەدە باشلانغان ۋە ئاستا-ئاستا گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بىلگىيە، ئىسپانىيە، ليۇكسېمبۇرىگ قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېڭىيىپ ياۋروپانى قاپلىغان بۇ ھەرىكەت ئاۋۋال ئەدەبىيات، رەسىم ۋە ھەيكەلتىراشلىق ساھەسىدىن باشلىنىپ، كېيىن پەلسەپە، ئىلىم-پەن، دىن، ئىقتىساد، سىياسەت، قانۇن قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭىيىپ، ياۋروپانى يېڭى بىر ئىدىيە ۋە يېڭى بىر مەدەنىيەت دەۋرىگە ئېلىپ كىرگەن. بولۇپمۇ بۇ ھەرىكەتتە سەنئەت ئەسەرلىرى ئىنسان ۋە ئۇنىڭ خاسلىقىنى، دۇنياۋىي ھايات(بۇ دۇنيالىق)نى، ئىنساننىڭ دۇنياۋىي ھايات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە قولغا ئېلىش ئارقىلىق ياۋروپادا ھۇمانىستىك چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ، ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە روھىنى ئازات قىلغان. ئىنسان مەركەز تەلىماتىنى ياۋروپانىڭ ئەدەبىي، ئىلمىي، پىكرىي ھاياتىدىكى، شۇنداقلا سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە قانۇن ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرىدە ياۋروپادا ئارقا-ئارقىدىن رومانتىزم، پەلسەپىدىكى يېڭىلىق، دىنىي ئىسلاھات، مەرىپەتچىلىك، دېموكراتىزم، شەھەرلىشىش،  ئىشخانىلىشىش ۋە سانائەتلىشىش قاتارلىق بۈيۈك ھەرىكەت ۋە ئىنقىلاپلار مەيدانغا كېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىغا ئالغان غەرب مەدەنىيىتى دەۋرى شەكىللەنگەن. رۆنېسانىس ھەرىكىتى ياۋروپادا تەپەككۇر، ئىجادىيەت، ھايات ۋە سانائەتتە پارتلاش خاراكتېرلىك يېڭىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول ئېچىپ، ياۋروپانىڭ تارىخىنى ئوتتۇرا ئەسىردىن ‹‹يېڭى دەۋر››گە ئېلىپ كىرگەچكە، رۆنېسانىس سەنئىتى ‹‹ئىنقىلاپچىل سەنئەت›› دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. پەلسەپە تارىخىدىمۇ بۇ يېڭى دەۋر رۆنېسانىس ھەرىكىتىگە باغلانغان ھالدا مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خاس ناملار بىلەن تەرىپلەندى. يەنى پەلسەپە تارىخچىلىرى 16- ئەسىرنى ‹‹رۆنېسانىس ئەسىرى››، 17- ئەسىرنى ‹‹راتسىيۇنالىزم ئەسىرى››، 18- ئەسىرنى ‹‹مەرىپەتچىلىك ئەسىرى››، 19-ئەسىرنى ‹‹تارىخ ئەسىرى››( يەنە ‹‹ئىدېئولوگىيە ئەسىرى›› دەيدىغان قاراشمۇ بار) دېگەن نام بىلەن خاراكتېرلەندۈردى. دېمەك، ياۋروپا رۆنېسانىس ھەرىكىتى ئارقىلىق غەرب مەدەنىيىتى دەۋرىگە كىردى. بۇ دەۋردە جەمئىيەتتە ئەقىلچىللىك، يېڭى ئىدىيە، ئىسلاھات، ئىنقىلاپ، كەشپىيات، سانائەت ۋە مىللىي دۆلەتلەر مەيدانغا كېلىپ، ياۋروپانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، تەرەققىيات قەدىمى تېزلەشتى، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر كۈچكە ئېرىشتى. بۇ دەۋرنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك بولسا ئىنساننى مەركەز قىلىش، ئەقىل ۋە بىلىمگە مۇراجىئەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. مانا بۇ يېڭىلىق، ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارغا ئاساس سالغان ئامىل دەل سەنئەتتۇر.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ m$ P9 ^" o- Q" I2 k8 E
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ياۋروپا سەنئەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئويغىنىشقا، ئۆزىنى تونۇشقا ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان مەزگىلدە شەرق دۇنياسىدا، بولۇپمۇ  مۇسۇلمان ئەللىرىدە سەنئەت تار چۈشەنچىلەر ئىچىگە قاپسىلىشقا، تەقلىتچىلىككە، تېما تەكرارلىقىغا يۈزلەندى، رەسىم ۋە ھەيكەلتىراشلىق قاتارلىق بەزى ساھەلەر بولسا قارشىلىققا، چەكلەشكە دۇچ كەلدى. نەتىجىدە بۇ دەۋردە شەرقتە سەنئەت ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئايرىم ساھەلىرىدە بەزىدە قىسقا مەزگىللىك،  ئەمما خېلى گەۋدىلىك بولغان خۇسۇسىي پائالىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن سەنئەت ياكى ئىلىم - پەن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق مەشغۇلاتى بولۇشتىن قالدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ساھەلەر رايون خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ بىر ھاۋزا شەكىللەندۈرەلمىدى. يەنە كېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان ئەللىرىدە ھەر خىل قىممەت سىستېمىسىنىڭ جانلىق، ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇتۇلماسلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگۈرىۋاتقان شارائىتقا قاراپ شەرھلەنمەسلىكى، شۇنىڭدەك بىكىنمە شارائىت، ئىچكى مالىمانچىلىق، تەبىئىي ئىگىلىككە باغلىنىپ ياشاش ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى قالاقلىق  قاتارلىق ئامىللارمۇ سەنئەت ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ جانلىنىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ خىل ۋەزىيەت مەيلى سەنئەت جەھەتتە بولسۇن، ياكى ئىلىم – پەن ۋە باشقا جەھەتلەردە بولسۇن غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا 500 يىللىق بىر تارىخىي مۇساپە پەرقى پەيدا قىلدى. پەقەت 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاندىن شەرقتە، جۈملىدىن مۇسۇلمان ئەللىرىدە سەنئەتنىڭ قۇدرىتى قايتىدىن ھېس قىلىنىپ، ئىنسانلار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاۋۋال سەنئەت پائالىيەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىدىغان بىر باسقۇچقا كىرگەن بولسىمۇ، تۈركىيەدىن باشقا مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە سەنئەت يەنىلا خاتا دىنىي چۈشەنچىلەرنىڭ، خۇسۇسىي خاھىشلارنىڭ يەكلىشى ۋە چەكلىشىگە ئۇچراپ، سەنئەتنىڭ ئەركىن ۋە تەبىئىي تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى، ئىنساننىڭ روھىنى ۋە ئەقلىنى ئازاد قىلىش ئىقتىدارى بوغۇلۇپ كەلمەكتە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 a$ ]" N; s" W; b, ?بۇ يەرگە قەدەر سۆزلەنگەن بايانلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، سەنئەت تەبىئەت ياكى ھاياتنىڭ ئەينى شەكىلدىلا تەسۋىرلىنىشى ئەمەس. ئۇ، سەنئەتكارنىڭ تۇيغۇ، چۈشەنچە، كۆزىتىش ۋە تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق يېڭى بىر شەكىل ئېلىشىدۇر. بۇ يېڭى شەكىلنىڭ مەقسىتى پەقەت گۈزەللىك، چوڭقۇرلۇق يارىتىش ئارقىلىق ئىنساندا ھاياجان ۋە ئېستېتىك زوق ئويغىتىشتىن ئىبارەت. سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ باشقا ئەسەرلەردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىمۇ دەل ئىنساندا ھاياجان ۋە ئېستېتىك زوق پەيدا قىلىشتۇر. سەنئەت تۇيغۇ، زوق، چۈشەنچە، ئىستەك ۋە ئىنسانغا تەسىر قىلغان ھەر خىل ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن بىر روھىي پائالىيەت بولغاچقا، ئۇ ئىنساننىڭ روھىنى ئويغىتىپ، ئۇنى پاكىزلاپ ۋە ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىپادە قىلىشىغا ۋە ئىجادىيلىق ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ، بولۇپمۇ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان ئىنسانلار توپىنىڭ ئېستېتىك چۈشەنچىسىنى، يەنى گۈزەللىك پەلسەپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈكنى جانلىق ھالەتتە تۇتىدۇ. ئىنساننى جەمئىيەتكە ۋە تەبىئەتكە پايدىلىق ئادەم قىلىشقا تىرىشىدۇ. زېھنىي ۋە روھىي سەزگۈرلۈكنىڭ كۈچىيىشىگە ھەسسە قوشىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سەنئەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى ئەسلىدە جەمئىيەتنى ۋە جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان پۈتكۈل شەخسلەرنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ گۈزەل ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ، ئىنساننىڭ روھىي تەرىپىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. قىسقىسى، ئەخلاقتا يۈكسەلگەن ۋە ساغلام بىر جەمئىيەت تەشكىل قىلغان مىللەت ئەسلىدە سەنئەتتە يۈكسەلگەن مىللەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! m* N$ }+ d% E. @
سەنئەت ئىنساندا ھاياجان ۋە ئېستېتىك زوق پەيدا قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاچقا، ئۇ ھاياتنى جانلىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەللىكتىن بەھرىمان بولۇشىغا ۋاسىتە بولىدۇ. مەسىلەن، بىر پارچە رەسىم ئىنساننى خاتىرىلەر دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، ئۇنىڭ خىيالىنى جانلاندۇرالايدۇ. بىر پارچە شېئىر ئىنساننىڭ ھەر خىل تۇيغۇسىنى قوزغىغاندىن سىرت، يەنە ئىنساننى ھەر قانداق بىر ھەرىكەتكە باشلىيالايدۇ. بىر ناخشا ياكى بىر مۇزىكا ئىنساننىڭ ئىستەكلىرىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە يەنە سۆيگۈسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئىنساننى ھوزۇرلاندۇرۇپ، تەسكىن تاپقۇزىدۇ. بىر بۈيۈك شەخسنىڭ ھەيكىلى ئىنسانغا تارىخنى ياكى ئۇلۇغ بىر روھنى ئەسلىتىپ، ئۇنىڭ شەرەپ ئېڭىنى ئويغىتىدۇ. دېمەك، سەنئەت ئىنساننى ھاياتقا باغلاپ، ھاياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ. ئىنساننى ئۆزى بىلەن يۈزلەشتۈرۈپ، سەنئەتكار ۋە جەمئىيەت بىلەن مۇناسىۋەت تورى قۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، سەنئەت ئىنساننى ۋە جەمئىيەتنى تەمكىنلەشتۈرىدۇ، تاكاممۇللاشتۇرىدۇ، جەمئىيەت ئەزالىرىدا ھۇمانىستىك  چۈشەنچىلەرنى يارىتىدۇ، ھەمكارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پىكىر  ۋە غايە بىرلىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئاچىدۇ. بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئۇنىڭ روھىي قۇدرىتى سەنئەتتىن، ئەقلىي قۇدرىتى ئىلمىي چۈشەنچىدىن مەيدانغا كېلىدۇ. سەنئەت ئۆز قانۇنىيىتى ۋە خۇسۇسىيىتى بىلەن تەبىئىي ۋە ئەركىن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئۇنىڭ كۈچى ئاشۇ نەتىجىنى يارىتىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. R" {/ C* p# p# k7 z! V/ X7 aئەلۋەتتە، سەنئەتتىمۇ تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق بولۇشى كېرەك. لېكىن، تەرەققىيات ياكى يېڭىلىق سەنئەتكارلارنىڭ سەپ ئالماشتۇرۇش، ئۆزىنىڭكىدىن ۋاز كېچىش ۋە باشقىلارنىڭكىنى تەقلىت قىلىش شەكلىدە ئەمەس، بەلكى سەنئەتكارلارنىڭ مىللىي زوق بىلەن دەۋرنىڭ سەنئەت چۈشەنچىسىنى، خەلق سەنئىتى بىلەن دەۋرنىڭ سەنئەت شەكىللىرىنى، ئېستېتىك غايە بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى بىر - بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، ھەم مىللىي ھەم ئىنسانىي تېمىلارنى قولغا ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى، يەنى سەنئەت زوقى مىللەتنىڭ تۇيغۇسىدىن، سەنئەت چۈشەنچىسى دۇنيا سەنئىتىدىن ئېلىنىشى كېرەك. سەنئەتتە تۇيغۇ بىلەن چۈشەنچە بىر - بىرىگە ماس كەلگەندە  ھەقىقىي ‹‹مىللىي سەنئەت›› مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە سەنئەت تارىخى، سەنئەت پەلسەپىسى، سەنئەت پىسخولوگىيەسى ۋە سەنئەت سوتسىيالوگىيەسى قاتارلىق پەنلەر ئارقىلىق سەنئەت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا، سەنئەتكار بىلەن جەمئىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا سەنئەت پىكرى ھاسىل قىلىپ، سەنئەت ھاياتنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان مۇھىت يارىتىش كېرەك. شۇنىمۇ  ئېيتىش كېرەككى، ھەر قانداق يەردە سەنئەت بىر ۋاسىتە ياكى بىر تاپاۋەت يولىغا، تەقلىتچىلىك مەھسۇلاتى ياكى ئىدېئولوگىيەنىڭ ئاۋازىغا ئايلىنىپ قالسا، ياكى مەلۇم بىر كۇچنىڭ ئىرادىسىگە بېقىندۇرۇلسا سەنئەت خاراكتېرسىزلىشىدۇ، ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپ، پالەچ ھالغا چۈشىدۇ. بۇنداق سەنئەت ‹‹ساختا سەنئەت›› دەپ ئاتىلىدۇ. ‹‹ساختا سەنئەت›› مەۋجۇت بولغان جەمئىيەتتە روھىي تەۋرىنىش، پىكىر مالىمانچىلىقى، غايىسىزلىق، پەرۋاسىزلىق، شەخسىيەتچىلىك، كۆرەڭلىك، ئەخلاقىي سەتچىلىك، قۇرۇق ئەقىدە، ساختا دىندارلىق ۋە ماددىي بايلىققا چوقۇنۇشتەك نۇرغۇن يامان ئامىللار يامراپ، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىك تەرەققىياتلارمۇ شۇ جەمئىيەتنىڭ پايدىسىدىن بەكرەك زېيىنى ئۈچۈن كۆپ خىزمەت قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. غەرب مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىسى ۋە مائارىپ پروگراممىسىدا ئىنساننىڭ تۇيغۇسىغا ئاۋۋال سەنئەتنى سىڭدۇرۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانغا پەن بىلىملىرىنى ئۆگىتىش كېرەك دېگەن قاراش ئىزچىل تەكىتلىنىدۇ. ئۇلار سەنئەت تەربىيەسى ئالمىغان ئىنسان ھاياتتا زوراۋان شەخسكە ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ مائارىپىدا سەنئەتتىن ئايرىۋىتېلگەن ئوقۇتۇش ئەندىزى يوق، ھەتتا ئاۋىئاتسىيە مەكتەپلىرىدىمۇ سەنئەت دەرسلىرى بار. مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى ئاۋىئاتسىيە مەكتەپلىرىدە تولستوي، دوستوۋېسكىي ۋە كافكا قاتارلىق مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرى دەرسلىك پروگراممسىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي، مەدەنىي، زامانىۋىي ۋە تىنچ بىر جەمئىيەت يارىتىشتا سەنئەتنىڭ كۈچلۈك مەنىۋىي ئۇل سالىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەنلىكىنىڭ ئىلمىي يەكۇنىدۇر.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' I) ]1 E9 X& E$ G; d, B$ H4 L3 Vسەنئەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ بۇرۇلۇش دەۋرىگە كىرىشىدە سەنئەت مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە رول ئوينىغان. بەزىدە سەنئەت جاھىل گۇرۇھلارنىڭ چەكلىشىگە ۋە زەربىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ،  مىللەتنىڭ گۈزەللىك زوقى، ھاياتقا بولغان مۇھاببىتى ۋە تۇرمۇش ئىستىكى ئۇيغۇرلارنى سەنئەتكە تېخىمۇ  يېقىندىن باغلىغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر سەنئىتى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ خاتىرىسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساپ تۇيغۇسى، ھەقىقىي روھى، مەدەنىيەت ئېڭى، مىللىي پەلسەپىسى ۋە ھاياتلىق غايىسىنى ئەڭ ياخشى ساقلاپ، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى بىر بىرىگە چىڭ باغلىغان. مەسىلەن، تۈركىيەلىك ئالىم ئانىل چەچەن ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹تىياتىر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلاردا مۇزىكىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ‹ئون ئىككى مۇقام›ى بار. بۇ ‹ئون ئىككى مۇقام›نىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، جەمئىيەت ۋە ئۆزىگە خاس تۇرمۇش شەكىللىرىنى، بېشىدىن ئۆتكەن تۈرلۈك تارىخىي دەۋرلىرىنى ئۆزىگە جۇغلىغانلىقىدۇر.››(‹‹تۈرك دۆلەتلىرى››، تۈركچە، 173-بەت، 2007-يىلى، ئەنقەرە، فارك نەشرىياتى) دېمەك، ئۇيغۇرلار ئۆز سەنئىتىدىن ئۆزىنى، تارىخىنى، يىلتىزىنى، روھىنى تاپالايدۇ. ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سەنئەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىسى ئايرىم بىر تەتقىقات تېمىسى بولغاچقا، بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمىز. قىسقىسى، ئىنسان ھەم ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتكە مەنسۇپ ماددىي دۇنيا ئىچىدە، ھەم ئۆزگىرىشچان، تۇيغۇ ۋە ئىستەكلەرگە تولغان مەنىۋىي دۇنيا ئىچىدە ياشايدۇ. ئىنسان بۇ ئىككى دۇنياغا ماسلىشىش ئۈچۈن ھەم سەنئەتكە مۇھتاج، ھەم پەنگە مۇھتاج. فىرانسىيەلىك ھەربىي قوماندان ۋە ئىمپېراتور ناپولىيۇن بۇنى ‹‹ئىنسانغا ھەم شېئىر كېرەك، ھەم ماتېماتىكا كېرەك›› دېگەن سۆز بىلەن ياخشى خۇلاسىلىگەن.   
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% j  |$ y& {/ Jبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ _) J9 p5 ~5 a; J& c; W

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10948
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1526 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 11:03:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە يوللانغان ئەسەرلەر بىلەن گېزىت-ژۇرناللارغا بېسىلغان ئەسەرلەر يەنىلا ئوخشىمايدۇ دە .. ئىنتايىن ياخشى تەھلىل بوپتۇ

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

شۈكىرى ئاللاھ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 1492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8746
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5278 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 12:35:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈپىتى ياخشى ئىسلامىي كىيىملەر ۋە شارپىلار بازارغا سېلىندى .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* C* x; t- M! x& W( n
مال سېتىۋىلىش ئادىرسى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 O" o8 w$ U/ Q1 y淘宝店:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 Y7 ]5 q6 s) whttp://shop111527376.taobao.com

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش