يەرلىكىدە ياتقان ياشلار(سانائىل ھەرپتىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى)
يارەنلەر،يازمىمىزدا«يەرلىكىدە ياتقان ياشلار»نى يېزشىم،يېشى يىگىرمىگە يەتكەن ياكى يىگىرمىگىمۇ يەتمىگەن،يىگىرمە ياشتىن يۇقۇرى ياشلىرىمىزنىڭ يوللاردا ياندىشىپ يۈرۈپ،ياشلىقىنى يۈگەنلەپ،يولدا يانپاشلىرى يەنجىلىپ يەرلىكىدە يېتىۋاتقان يۈزلىگەن ياشلىرىمىزغا يەنى ياندىشىشتىن يالتايمايۋاتقان،ياندىشىپ يۈرۈپ يەرلىكىدە ياتقان ياشلارنى يادىغا يەتكۈزمەستىن،يولدا يەڭگىل يۈرمەي،يەتمىشتە،يۈزدە،يۈزيىگىرمىدە يول يۈرۈۋاتقان ياش يىگىتلەرگە ياندىشىپ يول يۈرۈشنىڭ يامانلىقىنى يادىغا يەتكۈزۈشتۈر.
يازمىمىزدا ياندىشىپ يول يۈرۈشنىڭ يامانلىقىنى يۇرۇتۇپراق يەكۇنلىسەك؛يۇرتىمىزدا يېقىندا يېرىم-ياتايوللار يۇقۇرىنىڭ يىتەكلىشىدە يېڭىدىن ياسالغان.يول ياسىلىپ يۈرۈشلىشىۋىدى،يورتىمىزدىكى ياقۇپ،يۈسۈپ،يارمەمەتلەر،يوۋاشلاشماي،يېڭىدا يولدا يۈرۈۋېلىشقا يۈزلىنىپ يېپيېڭى «ياماخا»لىرىغا يۇپۇشۇپ،يورتتىن يولغا يانمۇ-يان يۈرۈشلەندى.يورىتتىكى ياسالمىغان يولدىن يېڭى ياسالغان يولغا يەتكەندە ياش يىگىتلەر يۈرەكلىرى ياشىرىپ،«ياماخا»لىرىنىڭ يول يۈرۈشىنى يەتمىشتىن، يۈز يىگىرمىگە يەتكۈزۈپ يانداشتى.ياندىشىۋاتقاندا ياندىشىپ يىتىشەلمىگەنلىرى يول يۈرۈشنى يەنىمۇ يۇقۇرلىتىپ يول يۈرۈشنى يەنىمۇ يۇقۇرلىتىۋەردى.يۈزيىگىرمىدە يول يۈرگەچكە يىگىتلەرنىڭ يۈزلىرى ياشاڭغۇراپ،يول يۈرەلمەيۋاتسىمۇ،ياندىشىۋەردى.ياقۇپ ياندىۋەتسە،يۈسۈپ يول يۈرۈشنى يەنىمۇ يۇقۇرلارتتى.يۈسۈپ ياندىسا يارمەمەت يول يۈرۈشنى ياقۇپ ،يۈسۈپلەردىمۇ يۇقۇرلىتىپ ياندىدى.يۈسۈپ ياندىۋەتسە ياقۇپ يۈرۈشنى يۇقۇرلىتىپ،ياقۇپ ياندىۋەتسە يۈسۈپ،يارمەمەتلەر يۈرۈشنى يۇقۇرلىتىپ يۈرۈپ ياندىشىۋەردى.ياقۇپ،يۈسۈپلەر ياۋايىلەرچە ياندىشىپ يىكەنلىك يولغا يەتكەندە،ياندۇمىدىن يېڭىئاۋاتقا يانغان يىگىرمە يەتتە يۈرۈشلۈك يولوچىلار يوتۇڭى يېرىم يايىلىق يۆگەلمە يولدىن يەڭگىلگىنە يۈرۈۋاتقاندا «ياماخا»نى يۇقۇرىلىتىپ يۈرۈۋاتقان ياقۇپ،يۈسۈپلەرنى يەنجىۋەتتى.ياقۇپنىڭ يۈرىكى يېرىلدى،يۈسۈپنىڭ يانپىشى،يوتىسى يەلپۈگۈچتەكلا ياپىلاقلىنىپ يەرگە يۇپۇشتى.ياقۇپ، يۈسۈپلەرگە يىتىشىۋېلىشقا يانداۋاتقان يارمەمەتمۇ ياقۇپنىڭ يەردە ياتقان «ياماخا»سىغا يۆگىشىپلا يولدا يامغۇر يىغىلغان يەرگەيۈكۈنگىنىچە يىقىلدى.يىقىلغىنىچە يۆتىلىپ يەرنى يالىغىنىچە يۇمىلاندى.
يورت ياقۇپ،يۈسۈپ،يارمەمەتلەرنى يۇيۇپ،يەرلىكىدە ياتقۇزۇشتى.يۇرتتىكىلەر يۈزلىرىنى يامىداپ،ياقىلىرىنى يىرتىشىپ يىغلاشتى.يىغلىسىمۇ يوقالغان ياشلار يۇرۇقلۇققا يانمىدى.
يازمامنى يەكۈنلىسەم،يازمامنى يۈزەكىلا يامىدىماي،يۈرىكىڭلاردىن يامىداڭلار.يېڭى يولدىمۇ، ياسالمىغان يېرىم-ياتا يوللاردىمۇ ياندىشىپ يۈرىۋاتقانلار ياندىشىشتىن يېنىڭلار!يولدا يانداشمىساڭلارمۇ ،يەڭگىل يول يۈرسەڭلەرمۇ يىتىدىغان يىرىڭلارغا يىتەلەيسىلەر. يىتىدىغان يىرىڭلاردا يوقلىما يوقتۇ؟يولدا يانداشماي ياۋاش يۈرسەكمۇ يارشىدۇ،ياۋايىلارچە ياندىشىپ يۈرسەك ياراشمايدۇ.ياشلارمۇ،ياشانغانلارمۇ،يىتىشكەن يۇلۇچىلارمۇ،يېڭىدىن يول يۈرۈۋاتقانلارمۇ، ياندىشىپ يول يۈرىدىغان،يۇقۇرىلىتىپ يول يۈرۈدىغان يامان يولدىن يېنىڭلار، يانمىساڭلار، يۈسۈپ،يارمەمەتلەردەك يەرلىكىڭلاردا ياتىسىلەر....
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)