|
|
|
|
ئەجەپ يامان نەرسە ئىكەن پۇل دېگەن،
ھەممە كىشى (بەرسە) دېگەن پۇل ئىكەن.
پۇل، پۇل دەپلا ئۆتەر ئىكەن ھەممىسى،
پۇل تېپىشنىڭ يولىدا بولار گاھى كۆپ تىكەن.
ھەركويلارغا سالار ئىكەن ھەركىمنى،
ئۇسسۇلغىمۇ سالاركەن ھەتتاكى جىننى.
ئەنە شۇنداق ئۇنىڭ كۈچى زور ئىكەن،
گاھ كۈلدۈرۈپ گاھ يىغلىتار پۇل مىڭنى.
بەزىلەر جېنىنى تىكتى پۇلنى دەپ،
ۋەتەننىمۇ ساتتى ھەتتا پۇلنى دەپ.
تۇيۇق يولغا شۇنىڭ ئۈچۈن مېڭىشتى،
زىندانلاردا ياتتى ھەتتا پۇلنى دەپ.
ئەجدادىمىز دېگەن ئىكەن سۇ سايغا،
دائىم شۇنداق كىرىپ تۇرار پۇل بايغا.
دوستنى دۈشمەن دۈشمەننى دوس قىلىدۇ،
لېكىن مەڭگۈ ھەمراھ ئەمەس ئىنسانغا.
پۇلنى تاپماق قىيىنلاشتى تەسلەشتى،
ھەممە كىشى پۇل تېپىشتا بەسلەشتى.
بەزىلىرى تاپتى ئۇنى ھالالدىن،
گاھ بەزىلەر بىر بىرىنى قەسلەشتى.
ئاپتور: ئەبۇ غازى (سۈزۈك سۇ)
ئىلاۋە: مەزكۇر شېئىردا كەمىنە پۇل تېپىشنى سۆكۈپ پۇل تاپماي يۈرۈشنى تەرغىپ قىلماقچى ئەمەس.
پەقەت پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ كەتمەسلىكنى،
پۇل ئۈچۈن تۇيۇق يولغا ماڭماسلىقنى، ئالاھىدە ئۈمۈد قىلمەن.
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : ئاللاھقا ئىبادەت قىلالماي جان بېقىش بىلەن بولۇپ كەتكىدەك كەمبىغەللىقتىن ،ۋە ئاللاھنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قويىدىغان بايلىقتىن داۋاملىق پاناھلىق تىلەيتى.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن. !! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-19 02:41 PM
|
|
|
|
|
|