گۈزەل چۈشلەر دۇنياسىدا كىمدۇر بىرى مىنى سۇلتان دەيدۇ.ئەمما مىنىڭ كۆزۈم باشقىنى كۆرمەس....چۈشلىرىمنىڭ مىھمانىسەن. ھۇجىرامغا نىپىز سۇ سېپىپ ،سۈپۈرۈپ پاكىز تازىلاپ قويدۇم.كۈمۈش ئەينەكلەرگە ھەممە نەرسىنىڭ شولىسى چۈشتى،ھەتتا خىيالىمدىكى سىنىڭمۇ ......... دائىم سېنىڭ ئۈچۈن قۇرلارنى پۈتكىنىمدە سېنىڭمۇ يۈرىكىڭنى يېزىۋاتقىنىڭنى ئەسكە ئالىدىكەنمەن - يۇ، ئۇ قۇرلارنىڭ باشقىلار ئۈچۈن يېزىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇيدىكەنمەن...
توساتتن پۈتۈن ئەزايىمنىڭ مۇزلاۋاتقىننى ھېس قىلىۋاتىمەن.ئىھتىمال ....بۇ ياخشىلىقتىن بىشارەت ئەمەستۇ. تالاي ئادەملەرنىڭ ئەكسىچە سىرىتنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىشنى خالىماي،ئۆيدە ئولتۇرۇشقا ئادەتلەندىم.بۇ يەردە مەن ئىزدىمەكچى بولغان جىمجىتلىق بولغاچقا.
مۇھەببەت مىنى مەست قىلغانغا قەدەر سىنى سۆيمەكچى ئىدىم.قەدەملىرىم پۈكۈلدى.قەلبىمدىكى ئەندىشىلەرگە ئورۇن قالمىدى.ئۇ يەردە ئېشىپ قالغىنى بىر سىقىم كۈل.... ئۆزلىكىڭدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقىنىڭنى يۇشۇرۇپ بولالمىغىنىڭ بولالمىغان.بەلكىم سەن ئۆزلىكىدىن يىراقلىشىشنىڭ نىمىلىكىنى تېخى تۇلۇق ھېس قىلىپ يەتمىگەنسەن.سەن ئۇنى ھېس قىلىپ يەتكەندە مىنىڭ قەلبىم گۈلنىڭ بەرگىدىن تىۋىش ئىزدەپ قۇرىغان بۇلىدۇ.قۇرۇپ قالغان بەرگىلەر كۈز شاماللىرىغا قوشۇلۇپ كىتىدۇ تۈتۈن بۇلۇپ،مىنىڭ كۆز يېشىم قۇرىماي تۇرۇپ ........... ئۈششۈك تەگكەن بىر تال گۈل،
تىتىرەيدۇ بەرگىدە مىڭلاپ ھاياجان.
تاپمىدى ئۇ ئىسسىق يۈرەكنى،
قارا قۇيۇن ئىچىدە چۆرگىلەر ھامان.
بىچارە گۈل
ئاڭا تېخى ھېچكىم ئىسىم قويمىغان.
ئەتىرگۈل،مىزانگۈل؟
ياق ياق....گۈل -رەيھان
ياق .....ئۇ گۈل ئەمەس
يۈرىكىم
قانلىرى قاتقان.
كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىنى ساڭا قالدۇرۇپ ،ئۆزۈمنى چەتكە ئالاي . يىقىلىپ تۇرالماسلىقىمدىن ئەنسىرىمەيمەن. سىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭ ماڭا ئەڭ چوڭ تەسەللىي،كۆڭۈل جاراھىتىم ئېغىز ئېلىشتىن بۇرۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۋاتقان مەۋجۇتسىزلىق ئىچىگە ئۆزۈمنى ئاتىمەن.....
مەنبە:ئۆزۈم
2014.6.18
|