مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7895|ئىنكاس: 29

چالا چوكان ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1246 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 05:22:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

      چالا چوكان

( ھېكايە )

سەن ئۇنىڭ تارتىنىش ئىچىدە تۇرغان تۇرىقىغا قاراپ نېمىشقىكىن ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدىڭ. تېگى-تېگىدىن سۈزۈك چىرايى سېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغانتى. لېكىن ئۇ سېنىڭ ئۆزىگە ئۆلگىدەك ئاشىق ئىكەنلىكىڭنى تېخى ھىس قىلىپ يېتەلمىگەنتى . سورغان سۇئاللىرىڭغا كۆپ ھاللاردا يا ھەئە ، ياكى ياق دەپلا جاۋاب بېرەتتى . بۇنداق چاغلاردا تۇرۇپلا ئاچچىقىڭ كېلەتتىيۇ ، تىل يېرىپ بىر نېمە دېيەلمەيتىڭ. ئۇنىڭ ئالدىدا كېكەچ ئىدىڭ ، ئۇنىڭ ئالدىدا بىچارە ئىدىڭ. ئۇنىڭ ئالدىدا گەپلىرىڭنىمۇ ئوڭشاپ قىلالمايتىڭ. « بىر ئوتلام سۇغا قوشۇپلا گۈپلا يۈتۋەتكۈدەك پاكىز چوڭ بولغان كاساپەت دە بۇ ؟ ...»  سەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە كەلگەندە بىر-بىرىدىن تاتلىق خىياللاردا سۈرەتتىڭ ، ئۇنىڭغا قاراپ ئېغىزىڭغا يىغىلغان سېرىق سۇنى غۇرۇت-غۇرۇت يۈتاتتىڭ. ئۇ يېنىڭدا بولسا ئەتراپىڭدىكى ھەممە نەرسە شۇقەدەر مېھىرىلىك ، سۆيۈملۈك ھەم جەلىپكار كۆرىنەتتى. ئۇنىڭ پات-پات لەۋلىرىنى يىنىك چىشلەپ قويىشى ئىچىڭدە كۆيىۋاتقان ئوت ئۈستىگە ياغ چاچاتتى . ساقىپ چۈشكەندەك قاشلىرى ، ھايالىق كۆزلىرى ئوتلىرىڭغا ئوتلار قوشاتتى. مۇشۇنداق چىرايلىق بىر قىز بىلەن تونۇشىپ قالغانلىقىڭدىن ئۆزۈڭنى چەكسىز بەختلىك چاغلايتىڭ . ئەمما،  كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراشقا پېتىنالمايتىڭ. ئۇ سەن كۆرگەن ئويما ياقىلىق ، كالتە يەڭ كۆينەكلەرنى كىيىپ ، قېنىق گىرىم قىلىپ ، قاش-كۆزلىرىنى ئۇچۇرۇپ ، كۆكسىنىڭ يېرىمىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرىيدىغان نايناق قىزلارغا ئەسلا ئوخشىمايتى.( ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇش بۇ قىزغا قىلىنغان ھاقارەت ئىدى.)  سەن خىېلىدىن بىر بىر شۇملۇقنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ كېلىۋاتقان بولساڭمۇ تېخىچە ئەمەلگە ئاشۇرالماي تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتاتتىڭ . سەن ئۇ سۇغا چىقسا كۆل بويىدا  ، ئوت ئالغىنى چىقسا ئېتىز قىرىدا يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا پەيدا بولاتتىڭ. ئۇ باشتا ساڭا نۇرمال مۇئامىلىدە بولدى ، سەن بۇنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭ بولغاي، ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىپلاۋالدىڭ ، بارا-بارا ئەپتى-بەشىرەڭ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى ، بىزەڭلىكىڭ ئۇنىڭ ساڭا بولغان ئۆچمەنلىكىنى كۈچەيتىۋەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇ سەندىن چەكسىز بىزارلىق ھىس قىلىشقا باشلىدى. سېنى كۆرسىلا قاپاقلىرى ساڭگىلاپ ، قوشۇمۇللىرى تۈرۈلۈپ  كېتەتتى. راستتىنى ئېيتقاندا ئۇ سەندىن بەك زېرىككەنتى. سېنى كۆرگەن ھامان پۈتۈن تېنى تىكەنلىشىپ ، كۆزلىرىدىن غەزەپ-نەپرەت ئوتلىرى ئېتىلىپ چىقاتتى ئەمما سەن بۇنى پەقەتلا سەزمەيتىڭ . سەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەسلا مۇھەببەت يوق ئىدى .  لېكىن يامان غەرەزلىك قىزىقىش خىيالىڭدىن  نېرى بولمايتى، كېچە –كۈندۈز ئارام بەرمەيتى. سەن نېمىلا بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىر پۇرسەت تېپىپ قارا نىيىتىڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەل باغلىدىڭ. « مەقسىدىمگە ئىرىشەلمەيدىغان بولسام ئانامنىڭ بالىسى بولۇپ كېتەي » دەپ قەسەممۇ ئىچتىڭ .

-نەگە ماڭدىڭىز ؟ - دېدىڭ  يوغان بىر تۇپ يۇلغۇننىڭ كەينىدىكى مۈكۈنىپ  تۇرغان يەردىن سەكرەپ چىقىپ ، مەھەللىنىڭ  تۆۋەن تەرىپىدىكى كۆلگە سۇغا كېتىۋاتقان سالامەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ھاياسىزلىق بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ. بۇ مەھەللىدىكىلەر سۇ ئىچىدىغان  كۆلگە بارىدىغان  يولنىڭ ئىككى تەرىپى قۇيۇق يۇلغۇنلار بىلەن قاپلانغانتى.

-كۆرىۋاتقانسىز نەگە ماڭغانلىقىمنى ؟-دېدى قىز  ھاياسىزلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىڭدىن كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ.

- كۆرمەمدىغان ، كۆرىۋاتىمەن . قاشلىرى بەرگى قىياقتەك ، لەۋلىرى ئويماقتەك ، بەللىرى قىرچىن تالدەك ، لەۋلىرى بالدەك ...

-بولدى ، نېمانچە تېتىقسىزلىشىسىز.-  قىز شۇنداق دېدى-دە، كۆزلىرىڭگە ئالايدى. سەن ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۇنىڭ كۆزلىرىگە بىزەڭلىك بىلەن تەلمۈرۈپ قاراۋەردىڭ. سېنىڭ ئاشۇ قاراشلىرىڭنىڭ ئارقىسىغا بىر شۇملۇقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئالىقاچان بىلىپ يەتكەن قىز سەندىن قانچە تىز قۇتۇلۇپ كەتسە ، ئۆزى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەنتى. شۇڭا سەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرەتتى. سېنى كۆرسىلا تېنى تىكەنلىشىپ كېتەتتى. تاققەززالىق ئىچىدە كۈتكەن كۈنلىرىڭ كەلگەندەك بىر تۇيغۇ سېنى قۇترۇتىشقا باشلىدى.

- كېلىڭە جېنىم بىر پەيزى قىايلى!- قىزنىڭ ئالدىغا خۇلاچلىرىڭنى كېرىگىنىڭچە باردىڭ-دە، ئوڭ قولىنى كەپپىدە تۇتىۋالدىڭ.

- قولۇڭنى تارت پاسكىنا ، مېنى نېمە كۆرىۋاتسەن .- قىز شۇنداق دېگىنىچە قولىنى قولۇڭدىن سىلكىپ چىقىرىۋالدى. قولىدىكى چېلەك يەرگە چۈشۈپ كەتتى.

- نېمىگە بۇنچىلا چېچىلسىز جېنىم ، ھامان بولىدىغان ئىشقۇ ؟ .

- ئۇخلاپ چۈش كۆرىۋېتىپسەن .

- قاچانغىچە چۈش كۈرىمەن. ئۇزاق سۇزۇلغان چۈشتىن ئويغىنىپ كەتتىم . – سەن شۇنداق دېگىنىڭچە قىزغا قاراپ يەنە قول سوزدۇڭ.

- قولۇڭنى تارت دەيمەن ، تولا لاۋزىلاشماي – قىز ئۆزىگە قاراپ سوزۇلغان قولۇڭنى يەنە قاتتىق سىلكىۋەتتى.

- گەپ قىلمىسا نېمىنداق قىلىسەن قانچۇق ، ھەددىڭدىن ئېشىپ كەتتىڭا ئەجەپ ؟ – سەن شۇنداق دېگىنىڭچە قىزنىڭ قولىدىن كاپلا تۇتۇۋالدىڭ . ئۇ بۇ قېتىم  شۇنچە قىلىپمۇ  سول  قولىنى قوللۇڭدىن ئاجرىتالمىدى. ئۇنى بىلىدىن قۇچاقلاپ ئالدىڭغا تارتتىڭ . ئۇ بار كۈچى بىلەن قارىشىلىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ جېنىدىن كېچىشكە رازى ئىدىكى ئىتىقادىغا ، غورۇرىغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ ، ئەجداتلىرىنىڭ روھىنى قورۇندۇرىدىغان ، ئاتا-ئانىسىنى يەرگە قارىتىدىغان ، خەلقئالەم ئالدىدا كۈلكىگە ، ئىزا-ئاھانەتكە  قېلىپ ، شەرمىسار بولىدىغان  رەسۋالىقنى ھەرگىزمۇ قىلمايتى. بۇنداق پەشكەشلىككە  ئىماننى قەتئى يول قويمايتى. سەن بولساڭ ئۇنى خالىمىغان ئىشقا  مەجبۇرلايتىڭ. بۇ ھاقارەت بەكمۇ ئېغىر كېلىپ ، غەزەپ-نەپرىتى تاشقان ، خورلۇق ھىس قىلغان  قىز كۆزلىرىڭگە نەپرەت بىلەن تىكىلىپ ، يۈزۈڭگە شالاققىدە بىرنى تۈكرىپ ، چاكىتىڭغا چاڭڭىدە بىر قويدى-دە:

- مەن سېنى خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن ، خېلى غۇرۇرى ، ئىمانى بار ئەركەك دەپتىمەن دەيۈز ، ئەسلىدە سەن بىر شاللاق ، سۈيۈق نېمىكەنسەن ئەمەسمۇ ، مېنىڭ كۆزۈم يوقىكەن ، خۇداغا شۈكرى تاس قاپتىمەن سېنىڭ قولۇڭدا ھالاك بولغىنى .-قىزنىڭ زەردىلىك گەپلىرى ساڭا قىلچىلىك تەسىر قىلغاندەك ئەمەس .

-مۇشىنچىلىك ئىشقىمۇ شۇنچىۋالا ئاچچىقلانغا بارمۇ ؟ -سوردىڭ سەن بىزىرىپ تۇرۇپ.

-بولدى تولا مازلاشما ، بۇنىڭدىن كېيىن سېنى كۆرەرگە كۆزۈم يوق-قىز شۇنداق دەپلا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ، يەردە ياتقان چىلەكنى ئالماقچى بولىۋىدى ، سەن سەن ئۇنى قۇچاقلاپ ئاستىڭغا بېسىۋالدىڭ.

- سەن نېمىش قىلماقچى دەيۈز؟

- بىلىدىغانسەن .

-ۋاقىرايمەن جۇمۇ ؟

- ۋاقىرىساڭ ، ۋاقىرا . بۇ چىڭقى چۈشتە كىم ئاڭلايدىكىن قېنى ؟-سەن قىزنىڭ كۆزىگە بىزەڭلەرچە قارىدىڭ.

-بۇ يۇرتتىن ئەزەلدىن مەرت، سېخى ، مەردۇ-مەردانە، مەسئۇلىيەتچان ، ھالالىقنى ، پاكىزلىقنى قەدىرلەيدىغان ئەركەكلەر چىققان ، سەندەك ئىشەك چىقىپ باقمىغان.

-راست مەن ئىشەك ، ئىشەك دېگەن نۇمۇسنى بىلمەيدۇ.- شۇنداق دەپلا چالا كۈلدىڭ. خام كۈلكەڭگە ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بىر شۇملۇق يوشۇرۇنغانتى. كۆزلىرىڭگە قىزىللىق تىقىلغانتى .  « بۇ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ، قولدىن بېرىپ قويسام مەقسىدىمگە يېتەلمەيمەن » دەپ ئويلاپ  قىزغا قاراپ ئاچ قالغان چىلبۆرە قويغا تاشلانغاندەك تاشلاندىڭ. مەقسىدىڭگە يېتىش ئۈچۈن يىتىڭدىن  يانماي ، بىر-بىرىدىن رەسۋا ئويلارنى ئويلاپ ، بىر-بىرىدىن  رەزىل پىلانلارنى تۈزۈپ ، ئاخىرقى پۇرسەتنى  قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ، كېيىۋالغان قوي تىرىسىنى سېلىپ تاشلىۋەتتىڭ.

ئىككىڭلار بايا سەن مۈكۈنىۋالغان يۇلغۇننىڭ ئارقىسىدا ئۇزاق پۇمۇداقلاشتىڭلار . قىز سېنى بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ مەقسىدىڭگە يەتكىنى قويمايتى، سەن مەقسىدىڭگە يىتىش ئۈچۈن بار كۈچىڭ بىلەن تىركىشەتتىڭ. ھەر ئىككىڭلار بارا-بارا ھالىڭلاردىن كېتىشكە باشلىدىڭلار. قىز داۋاملىق قارىشىلىق قىلسا ئۆزىگە پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلدى بولغاي ، بوشاشقان ۋاقتىڭدىن پايدىلىنىپ ، مۇلايىملىق ئېغىز ئاچتى.

-    چاقچاق قىلىپ قويسام نېمىنداق قىلىسىز؟

-    مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلغان بارمۇ؟

-    مېنى راستىنلا ياخشى كۆرەمدۇ ، كۆرمەمدۇ دەپ سىزنى سىناپ باققان .

-    سىناقتىن ئۆتتىممۇ ؟

-    ئۆتتىڭىز ، ھەقىقىتەن مېنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز . يۈرۈڭ ئاياققا كېتەيلى . بۇ يەر يولغا بەك يېقىنكەن ، باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن.– قىز ساڭا كۆلگە بارىدىغان چىغىر يولنىڭ ئۇ تەرىپىدىنكى يوغان بىر تۇپ يۇلغۇننى كۆرسىەتكىنىچە شۇياققا قاراپ ماڭدى. ئارقىسىدىن ئەگەشتىڭ. قىز  يەردە يېنى ياتقان چىلەكنى قولىغان ئېلىپ ، ساڭا قاراپ غەزەپ بىلەن چۆرىۋىدى قۇلىقىڭ قۇشاش كاچىتىڭغا قاتتىق تەگدى –دە، بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن ئارقىڭغا يىقىلىپ كەتتىڭ. كاچىتىڭنىڭ يېرىلغان يېرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان قان  سول يۈزۈڭ چاپلىشىپ تۇرغان قۇمنى قىپقىزىل قىلىۋەتتى. ھۇشۇڭغا كەلگەندە قىزنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتى . ئىنجىقلىغىنىڭچە ئورنىڭدىن خېلى تەستە تۇردىڭ. نېمە سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكىڭنى بىلەلمەي ، ھاڭۋاققىنىڭچە بىرھازا قاياققا مېڭىشىڭنى ، نېمىش قىلىشىڭنى بىلەلمەي تۇرۇپ  قالدىڭ. قىزنى ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ ھارغىچە دۇمبالاپ  ئاچچىقىڭنى چىقارماقچىمۇ بولدىڭ، لېكىن قىزنىڭ ئۆزى تۇرماق  سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتى.  سېنىڭچە بولغاندا باياتىن قىلغانلىرىڭ توغرا ئىدى ، ھىچ خاتاسى يوقتى. نىكاھ ئوقۇتماي تۇرۇپ قىزلارغا يېقىنلىشىشنىڭ  ئېغىر گۇناھ بولىدىغانلىقى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتىڭ يوقتەك قىلاتتى. سەن غۇرۇرىنى پايخان بولماقچى بولغان ئۇ قىز « ھالال ياشاش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسەم ئەرزىيدۇ » دەپ قارايدىغان ئادىمىيلىكىنى ، كىشىلىك قەدىر-قىممەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرەتتى. نىمېدىن خوش بولۇش ، نېمىدىن ئاچچىقلىنىشنى بىلمەيدىغانلاردىن ئەمەستى. كىشىنىڭ ھەققىنى ئەلا بىلىدىغان ۋىجدانى پاكىز قىزلاردىن ئىدى.لېكىن سەن ئۇنى قۇرۇق سۆز ، قۇرۇق تۆھمەتكە قويدۇڭ.

يېقىندىن بۇيان قەيەردە ئۈچ-تۆت ئايال پەيدا بولسا سالامەت توغرۇلۇقلا گەپ-سۆز بولاتتى خۇددى باشقا گەپلەر دېيىلىپ تۈگەپ كەتكەندەك، ئۇ توغرۇلۇق دېيىشىۋالمىسا يىگىنى يىگەن بولمايدىغاندەك ، كۈنلىرى كۈن ئەمەستەك . كوت-كوت خوتۇنلارغا بولۇپلا بەردى.

- ئاڭلىدىڭلارمۇ سالامەت ، ھېلىقى يۇرتتىن چىقىپ كېتىپ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن پەيدا بولغان ياسۇن پىچاق بىلەن تۇتۇلۇپ قاپتۇ دەيدۇ؟

-نەدە ؟

- يۇلغۇنلۇقتا .

- مەنمۇ ئاخشام بالىلارنىڭ دادىسىدىن ئاڭلىدىم.

-نەدىكى چويلىدا توختىمايدىغان گەپنى قىلدىكەنسىلەر. ئۇ مەلئۇن ئۇ قىزغا پوخۇرلۇق قىلماقچى بولۇپتىكەن قۇربان كېپ قاپتۇ .

- ئالدىن پۈتۈشۈپ قويۇپتىكەن.

- شامال چىقمىسا ، دەرەخ لىڭشىمايدۇ .

- پىشقان قوغۇن پىلىكىدە تۇرمايدۇ.

-ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ھامان بىر كۈنى نەس باسىدۇ .

-قانداقلا بولمىسۇن ئاينىڭ يۈزىگە داغ چۈشتى دەڭلار .

- زادى سالامەتنىڭ شەيتىنى بارتتى.

- ئەرگە تەگمەي تۇرۇپ ، ئەرگە باغرى قانمايدىغان مۇنداق مەينەتلەر يۇرت ئۈچۈن ئاپەت !.

- ما گېپىڭىز قاملاشمىدى ، ئۇ قىز بەلمۇ ھايالىق قىزتىغۇ ، ھەممىمىز بىلىمىز.

- ئادەم دېگەننىڭ ئالىسى ئىچىدە ، تېشىدا ئەمەس.

-ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بۇ جاھاننىڭ بالاقازالىرى ، يۇرتنىڭ بەرىكىتىنى توزۇتىۋىتىدىغان مەلئۇنلار.

- ھەممىنى بىلىپ ھەم كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھتىن قورقايلى.

-پاسكىنىچىلىق ئىچىدە ياشايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغمايدۇ.

- دېۋالسىلا ھېساپ ئەمەس ، تۇققانلار سالامەتنىڭ پەزىلەتلىك ، ئەخلاقلىق قىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ، ئاغزىمىزغا كەلگەننى دەۋىرىمىز؟

- نېمىلا دېمەيلى ئۇ تولىمۇ شور پىشانە قىزكەن ئەرگە تەگمەي تۇرۇپلا چالا چوكان  ئاتىلىپ قالىدىغان بولدى-دە؟ ھەي ي ي ئېسىت! ....

- تولىمۇ ھايالىق قىز ئىدى ، ئىتىقادىنىڭ تايىنى يوق بىر چۈپۈرەندىنىڭ  زىيانكەشلىكىدىن چالا چوكان ئاتىلىپ قالدى-دە؟...

-ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلماي تۇرۇپ چالا چوكان بولۇپ قالدى-دە، بىچارە .

- بۇجاھاندىكى ئىپلاس ئىشلار ، ئىپلاس ئادەملەر قاچانمۇ يوقىلار؟!

ھەسرەت-نادامەت ، قايغۇ- ئەلەم ئىچىدە ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىنىڭ ئۆز مەناسىغا قايتىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىغان سالامەتنىڭ يۈرەك يارىسى ھەر خىل ئۆسەكلەردىن  ھەر كۈنى تاتىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ بۈگۈنمۇ شۇنداق ئۈسەكلەردىن خالى بولالمىدى. سۇ ئېلىپ يانغان سالامەت  تۈخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق تاپقان يالغان-ياۋىداقلىرىنى ئاڭلاپ ، قوقاسقا دەسسىۋالغاندەك  قاتتىق ئازابلاندى. ئىككى چىلەك سۇنى ئاشخانىغا ئەككىرىۋېتىپ چىقىپ ، ئۇدۇل ھوجرىغا كىرىپلا  كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى . ئاۋال  ئۆكسدى، بىر ھازا  ئېسەدىدى ، ئارقىدىنلا بۇقۇلداپ يىشلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر تىنىقى تولىمۇ  ھەسرەتلىك  ھەم ئازابلىق ئىدى. ئەلەملىك كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلەتتى. ياستۇق بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالغانتى.

« ئازابلانغىدەك جاھان قالمىدى ، كۈنلىرىڭنى خوشال-خورام ئۆتكۈزگىن ! سەن ئۈمىدسىزلەنگەن بەزى ئىشلار خەيرىلىك ، سەن شادلانغان بەزى ئىشلار خەيرىسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ھاياتنىڭ چاقى سېنىڭ ئارزۇيۇڭ بويۇنچە چۆرگىلىمەيدۇ. مەيلى خەيرىلىك ، مەيلى خەيرىسىز بولسۇن ھەر بىر مۈشكىلاتنىڭ كەينىدە سەن ئويلاپ باقمىغان ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان بولىشى مۇمكىن . ئېسىڭدە بولسۇن ، ھەقىقى مەنىدىكى خاتىرقەملىكنى باشقىلار ساڭا ھەرگىزمۇ بېرەلمەيدۇ.ئۇ پەقەت ئۆزۈڭنىڭ روھى دۇنياسىدىن كېلىدۇ.  تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرمە ، ئۇ خۇددى بىر پارچە ئۇچقۇن تامچە سۇدا ئۆچكەندەك پەيدا بولار-بولمايلا يوقۇلىشى مۇمكىن...شۇنىڭغىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىشىڭ كېرەكى ، باشقىلارنىڭ ‹ ياخشى كۆرىمەن › دەپ ئەتراپىڭدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرىشى ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سېنى چىن كۆڭلىدىن سۆيىدىغانلىقىدىن ، ئىززەتلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەسلىكى مۇمكىن. كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كېرىپ روھىڭنى بۇلغىۋالما ، تەبىئىتىڭدىن يىراقلىشىپ كەتمە ، خاسلىقىڭنى ساقلا. سەمىمىي ۋە راستچىل بول . ئازابلىرىڭنى كۈلكەڭ ئارقىلىق يوشۇرما . بىلىپ بىلمەي خاتالىققا يول قويۇپ ، ئۆزۈڭنى تەڭلىكتە قويۇشتىن ساقلان ھەم باشقىلارنىمۇ تەڭلىكتە قويما. مال-دۇنيا ئەمەس  خاتىرجەملىك قوغلىشىپ ياشا !  كەسكىن ، سالماق ھەم پاك بولساڭ ، ھاياتىڭ گۈزەللىك ھەم ئالىجاناپلىققا تولىدۇ. قاتتىق دېھقەت قىل ، ئەرلەرگە چىرايلىق كۆرىنىش كويىدا بولىدىكەنسەن  كۈندىن –كۈنگە گۇناھلار پاتىقىقىغا پېتىپ كېتىسەن .  »  بىردىنلا  قانچاندىدۇر بىر چاغلاردا مۇمسى رەخمەتلىكنىڭ ،  يۇمران چېچىنى تاراۋېتىپ دېگەن يۇقارقى سۆزلىرى سالامەتنىڭ قۇلاق تۈۋىدە قايتا-قايتا جاراڭلاشقا باشلىدى.

كۈنلىرى قايغۇ-ئازاب ، ھەسرەت –نادامەت ئىچىدە مەنىسىز ئۆتىۋاتقان سالامەت مۇمىسىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى ئەينى چاغدا چۈشەنمىگىنى بىلەن ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدى -دە، قولىدىكى ياستۇقنى چۆرىۋېتىپ ، ئورنىدىن سەكرەپ دېگۈدەك تۇرۇپ كەتتى.


- ئۆز يازمام .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-18 09:36 PM  


ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10515
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 09:07:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇ جېنىدىن كېچىشكە رازى ئىدىكى ئىتىقادىغا ، غورۇرىغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ ، ئەجداتلىرىنىڭ روھىنى قورۇندۇرىدىغان ، ئاتا-ئانىسىنى يەرگە قارىتىدىغان ، خەلقئالەم ئالدىدا كۈلكىگە ، ئىزا-ئاھانەتكە  قېلىپ ، شەرمىسار بولىدىغان  رەسۋالىقنى ھەرگىزمۇ قىلمايتى. بۇنداق پەشكەشلىككە  ئىماننى قەتئى يول قويمايتى



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
amalsizman + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

شاھزاد

بۇ يۈرەك ئاللاھقا سىغىنىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92772
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 09:15:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 09:07 PM
ئۇ جېنىدىن كېچىشكە رازى ئىدىكى ئىتىقادىغا ، غورۇرىغا ي ...

سىزنىڭ خەت ئوقۇش سۈرىتىڭىز نىمانچە تىز ، ئەمدى تەستىقلانغان يىڭى تىمىلارنىڭ ھەممىسىگە دىگۈدەك بىر قۇردىن كۆز يۈگۈرتۈپ بوپسىز ، ئىنكاس يازغان ۋاقتىڭىز كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ ، قەستەن قۇسۇر ئىزدىگىنىم ئەمەس  تىمىلارغا يۈزەكى پىكىر بەرمىسەك ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن

ئۇلۇغ ئۈستۈن ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا قولۇمدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ .

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10515
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 09:18:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكەرەم يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 09:15 PM
سىزنىڭ خەت ئوقۇش سۈرىتىڭىز نىمانچە تىز ، ئەمدى تەستىق ...

شۇ  تىما  ئىچىدىكى  ماڭا  يارىغان ئەقەللى  سۆز بولغاچقا  يوللىدىم
دىمىسمىۇ خەت  ئوقۇش سۈرىتم تىز
خاتالىق بولسا تۈزىتىشكە   ئامەننا

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102992
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 364
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 09:20:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ماۋزۇسىدىن بۇ قىزنىڭ چالا چوكان بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئىتراپ قىلغاندەك  تۇيغۇ بىرىپ قۇيۇپتۇ،،،

بۇ ھايات بۈگۈنگە قەدەم قويدى

بۇ يۈرەك ئاللاھقا سىغىنىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92772
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 09:26:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىم ئاچچىق بولدى ، خۇدايىم مۇشۇنداق تىلى ھەسەل دىلى زەھەر كىشىلەردىن پاناھ بەرسۇن

ئۇلۇغ ئۈستۈن ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا قولۇمدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107717
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2014-6-14
ئاخىرقى: 2014-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 09:29:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللا، ھەممە بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنسىاپ - ئىمان  بەرگەي .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12733
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31741
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4659 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 09:31:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىمىزدا سالامەتتەك قىزلار قانچە كۆپەيگەن بولسا،نومۇسسىزلىق شۇنچە ئازايغان بولاتتى....

اللاھ ساقلىسۇن قۇرۇق سۆز ،قۇرۇق تۆھمەتتىن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 09:49:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن ئاچچىق ھېكايە ھە، ئەسلى كۆڭلۈم يېرىم بولسا بۇلاتتى، لېكىن ئۇ قىزىنىڭ قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، ئۇ ئىپلاسنىڭ قولىغا چۇشۇپ كەتمىگىنىگە خوش بولدۇم، پەقەت قىزلىق ئىپپەت-نۇمۇس بولسىلا قالدى ئىشنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105350
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2014-3-26
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 10:17:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا، ھەممە بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنسىاپ بەرگەي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش