1- ئېلان
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تېچلىق تۇردۇڭمۇ دوستەك؟نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن ھازىر؟ -ۋائالەيكۇم ئەسسالام، خۇداغا شۈكرى ئاداش، ئۆزۈڭمۇ تېنچلىق تۇردۇڭمۇ؟مەن ھازىر بىر –بىرىدىن سەرخىل ئەسەرلەرنى ئوقۇۋاتىمەن. -ھە،سەن كىتابخانىدىما؟ -ياق،كومپىيوتۇر ئالدىدا. -كومپىيوتۇر ئالدىدا سەرخىل ئەسەرلەر بارمىكەن؟نېمە ئادەم ئەخمەق قىلىسەن؟ -ۋاي ئاداش، كومپىيوتۇردىن مىسرانىم مۇنبىرىنى ئاچساڭ سەر خل ئەسەر دېگەن كۆز ئالدىڭنى يورىتىۋېتىدۇ دېگىنە، شېئىر دەمسەن،ھېكايە دەمسەن،پوۋېست دەمسەن...ئىشقىلىپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى تاپالايسەن.... -ھە،سىرتلارغىمۇ چىقماي،ئۆيگە مەھكەم بېكىنىۋېلىشىڭ مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئۈچۈنكەندە،مەنمۇ ئوقۇيچۇ بۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى، -ماقۇل سېنىمۇ تىزىملىتىپ قوياي،ئەزا بولغىن،مىسرانىم مۇنبىرى سەن بىزدەك ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېسىل بىلىم ماكانى.....
ھەر خىل ئەدەبىي ئەسەرلەردىن زوق ئالاي ،بىلم -سەۋەيەمنى ئۆستۈرەي، دۇنيا ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولاي دېسىڭىز مىسرانىم مۇنبىرىگە كېلىڭ،مىسرانىم مۇنبىرى سىز ۋە بىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز.......!
2- ئېلان
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تېچلىق تۇردۇڭمۇ ئاداش؟ئۆيدىمۇ يا سىرتتىمۇ؟ -ۋائالەيكۇم ئەسسالام، خۇداغا شۈكرى ئاداش،ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتىمەن، - تاماقنى ئاپاڭ ئېتىپ تۇرسۇن، سىرتقا چىقە،سەن بىلەن كۆرىشىدىغان ئىش بار ئىدى، - مەن ئاپامنىڭ ئۆيىدە ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە تاماق ئېتىۋاتىمەن، - ئەجەب ئوبدان ئىش بوپتا، يولدۇشۇڭ بىلەن يارىشىپ قالدىڭما؟ -ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالدىم،ھازىر ياخشى ئۆتىۋاتىمىز؟ - بۇ گەپلەرنى ئەجەب ماڭا دېمەپسىنا؟ مەن دەل مۇشۇ ئىش توغرۇلق سەن بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم، بىز شۇنچە نەسىھەت قىلساق پەقەتلا ئۇنىمىغانتىڭ، كىمۇ سېنى شۇنچە ئېرىتىپ ئۆزلۈكىڭدىنلا ئۆيۈڭگە ياندۇرۇپ ئەكەلگەن؟ - مىسرانىم مۇنبىرى. - نېمە دېدىڭ؟مىسرانىم مۇنبىرى؟ -ھەئە،مىسرانىم مۇنبىرى، مىسرانىم مۇنبىرى ماڭا قانداق ئايال بولۇشنى،ئايال بولغان كىشى يولدىشىنى قانداق كۈتۈشنى،ئۆزىنىڭ ئاياللىق بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى..... ئىشقىلىپ ئاياللار ھازىرلاشقا تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان بىلملەرنى ئۆگەتتى،مەن مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ھەر خىل ئەھمىيەتلىك تېمىلار ئارقىلق ئۆزۈمدىكى خاتالىقنى تونۇپ ،ئۆزۈمدىن ئۆتۈپ كەتكەن تەرەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، - بەك ياخشى بوپتۇ ئاداش، مەنمۇ ئۆگىنەيچۇ شۇ مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ياخشى ئايال بولۇشنىڭ پەزىلەتلىرىنى..... -بولىدۇ ،ئۇنداق بولسا مىسرانىم مۇنبىرىگە تىزىملاتقىن.
مىسرانىم مۇنبىرى سىزگە ئەدەب -ئەخلاق ئۆگىتىدىغان ئېسىل مەكتەپ،ئەدەب -ئەخلاقلىق، ئىمانلىق مۇسۇلمان ئايالى بولىمەن دېسىڭىز مىسرانىمغا كېلىڭ... مىسرانىم سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز......
مەنبە : قېرى كاللام
بۇ ئېلاننى مىسرانىمغا خوشەمەت قىلىپ ، چاخچاق تەرىقىسىدە يېزىپ قويدۇمغۇ؟ قېنى يەنە باشقا ئېلانلىرىڭلار بارمۇ؟مەرھەمەت....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-18 05:26 PM
|