|
|
|
|
ئەسەر ھوقۇقى قايسىلار؟
بىز ئادەتتە تەبىئى پەن、 ئىجتىمائى پەن جۈملىدىن ئەدەبىيات、 مۇزىكا、 تىياتىر、 رەسىم、 ھەيكالتاراشلىق、 فوتۇگىراف ۋە كىنو قاتارلىقلارنى ئەسەر دەپ ئاتايمىز. ئەسەر ھوقۇقى ئەدەبىيات-سەنئەت、 ئىلىم-پەن、 تېخنىكا ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ ،ئەسىرىگە بولغان ھەق-تەلەپ ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەسەر ھوقۇقى كەڭ مەنىدە ئەسەر ھوقۇقىغا يانداش باشقا ھوقۇقلار ۋە كومپىيۇتىر يۇمتاللىرىمۇ، ئەسەر ھوقۇقىنىڭ قوغداش ئوبىكتى بولىدۇ.
تار مەنىدە ئەسەر ھوقۇقى پاتنىت ھوقۇقى、تاۋار ماركا ھوقۇقى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ،بۇ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ بىر باشقا قانۇنى ھوقۇقلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە تەرىپى.
ئەسەر ھوقۇقى ئەسەر تاماملانغان ۋاقىتتىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،ئەسەر ھوقۇقى بەزىدە ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ياكى نەشىر ھوقۇقى دىيىلىپمۇ قالىدۇ.ھەرقانداق كىشى بىراۋنىڭ ئەسىرىنى كۆپەيتىش、 تەرجىمە قىلىش、 ئۆزگەرتىپ ئىشلەش ياكى ئورۇنلاشقا توغرا كەلسە ،ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش كىرەك.ئۇنداق بولمىسا، ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى –تەرۇر قىلغان بولۇپ، تىگىشلىك ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋاپكارلىغىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى دىگەن سۆز مەنىسىدىن ،ئەمەلى تۇرمۇشتا كىشىلەر ئەقلى ئەمگەك مىۋىللىرىنىمۇ، “مۈلۈك” قاتارىدىن دەپ قارايدىغانلىغى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
《ئەسەر ھوقوقى قانۇنى》دىكى ئەسەر ھوقوقىنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.ئېلان قىلىش ھوقوقى يەنى ئەسىرىنى جەمىيەتكە تارقىتىش ئېلان قىلىش、 جاكارلاش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ؛
2.ئىسىمىنى يېزىش ھوقوقى يەنى ئاپتۇرنىڭ سالاھىتىنى ئىپادىلەش،ئەسىرىگە ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
3.تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش ھوقوقى يەنى ئەسەرنى تۈزۈتۈش ياكى باشقىلارنى ھاۋالە قىلىپ ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ؛ _
4.ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقوقى يەنى ئەسەرنى بۇرمۇلىنىش、ئۆزگەرتىلىشتىن ساقلاش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.5يەf
5.كۆپەيتىش ھوقوقى يەنى ئەسەرنى كۆپەيتىش、باسمىدابېسىش、 ئۇن-سىنگە ئېلىش ئارقىلىق بىر نۇسقا ئەسەرنى كۆپ نۇسقا قىلىپ كۆپەيتىپ تارقىتشنى كۆرسىتىدۇ.
6.تارقىتىش ھوقوقى يەنى سېتىش ياكى سوغا قىلىش ئارقىلىق ئەسەرنى تارقىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
7.ئىجارە بىرىش ھوقوقى يەنى كىنو ئەسەرلىرىنى ۋە كىنوغا ئوخشايدىغان باشقا ئەسەر、كومپىيۇتىر يۇمتاللىرى قاتارلىقلارنى ھەقلىق ۋاقىتلىق ئىشلىتىشكە ئىجازەت بىرىشنى كۆرسىتىدۇ.
8.كۆرگەزمە قىلىش ھوقوق يەنى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى、 فوتۇگىراف ئەسەرلىرىنى ئوچۇق ئاشكارە كۆرگەرزمە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
9.ئورۇنلاش ھوقوقى يەنى ئەسەرنى ئوچۇق-ئاشكارە ئورۇنلاش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
10.قويۇش ھوقوقى يەنى كىنو ئاپراتى قاتارلىق تېىنىكىلىق ئۈسكىنىلەردىن پايدىلنىپ، گۈزەل سەنئەت 、فوتۇگىراف、 كىنو قاتارلىق ئەسەرلەرنى قايتا ئىكرانىدا ئەكىس ئەتتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ., 11
11.تارقىتىش ھوقوقى يەنى سىملىق、سىمسىز رادىيو、تىلىۋىزور、ئاۋاز ياڭراتقۇ قاتارلىق تارقىتىش ۋاستىللىرىدا ئەسەرنى تارقىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
12.توردا ئېلان قىلىش ھوقوقى يەنى ئېنتىرنېتتا ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.،سىملىق سىمسىز ئۇسۇلدا جامائەتكە ئەسەرنى
13.فىلىم ئىشلەش ھوقوقى يەنى ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ.
14.تەرجىمە قىلىش ھوقوقى يەنى ئەسەرنى بىرخىل تىلدىن يەنە بىرخىل تىلغا تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
15.قايتا ئۆزگەرتىپ ئىشلەش ھوقۇقى يەنى ئەسەرنى يېڭىچە ئىجادى ئەسەرگە ئۆزگەرتىپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ.
16.توپلام تۈزۈش ھوقوقى يەنى ئەسەر ياكى ئەسەردىكى بۆلەكلەرنى تاللاش-توپلاش ئارقىلىق توپلام قىلىپ يېڭى ئەسەر قىلىپ تارقىتىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-18 02:12 PM
|
|
|
|
|
|