مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 960|ئىنكاس: 12

كۆكلە ئۇيغۇر دىيارى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11703
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 491 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 04:18:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆكلە ئۇيغۇر دىيارى


بەك كۈيىمەن مىللەتكە،
يول قويمايمەن ئىللەتكە،
كىم كۆيمەيدۇ بىزدەككە،
كۆكلە ئۇيغۇر دىيارى.

كىم يىقىلسا يۆلەيمىز،
بارچىنى يات كۆرمەيمىز،
بىز يالغاندىن كۆيمەيمىز،
كۆكلە ئۇيغۇر دىيارى.

يوقلاپ كەلدىڭ ئاپەتتە،
كۈتكەن ياخشى سائەتتە،
قالمايمىز ئەمدى دەرتتە،
كۆكلە ئۇيغۇر دىيارى.

ئىلچى ، ئارمان ئامىنە،
ھەممىسى دوس ئاغىنە،
مىراس ، كەۋسەر ئابىدە،
كۆكلە ئۇيغۇر دىيارى.

بارچە ئۇيغۇر ئەركىسى،
كۈلگەي مەڭگۈ كەلگۈسى،
ئاللاھ بەرىكەت بەرگۈسى،
كۆكلە ئۇيغۇر دىيارى.

ئۇيغۇر بولغاچ ئۇيۇلدۇق،
ياخشى يولغا بۇرۇلدۇق،
ئىنساپ بىلەن قۇرۇلدۇق،
كۆكلە ئۇيغۇر دىيارى.

ئامەت كەلسە كۈلەيلى،
ئاپەتنى تەڭ كۆرەيلى،
كىم يىقىلسا يۆلەيلى،
كۆكلە ئۇيغۇر دىيارى.

خۇش كەلدىڭلار ھەشقاللا،
بەرىكەت بەرسۇن ئاللا،
ئەل كۆڭلىنى ئالغانلا،
كۆكلە ئۇيغۇر دىيارى.




سىنى ئەسلەپ قالغان چېغىمدا


كۆرگۈم كەلسە كۈيگە قاتىمەن،
ھەر تىنىقتىن سىنى تاپىمەن،
تەنھا تۈندە يىغلاپ ياتىمەن،
سىنى ئەسلەپ قالغان چېغىمدا.

بۇ دەردىمنى كىملەر بىلىدۇ،
كىملەر مەندەك باغرى تىلىدۇ،
سەنسىز ياشاش ئېغىر كىلىدۇ،
سىنى ئەسلەپ قالغان چېغىمدا.

ئويلىماي دەپ يىغلاپ يۈرىمەن،
سەن بولمىساڭ دەرتتە ئۈلىمەن،
كىچە يىغلاپ ، كۈندۈز كۈلىمەن،
سىنى ئەسلەپ قالغان چېغىمدا.

گۈللەر قالماس جىمى باغلاردا،
يۈرەك يىغلار كۈيۈك داغلاردا،
مەندەك غېرىپ يوقتۇر دۇنيادا،
سىنى ئەسلەپ قالغان چېغىمدا.



          ئارزۇ



ئايلانسام مەن ئۇچار قۇشلارغا،
يارنى ئىزدەپ تاپقان بۇلاتتىم.
چاچلىرىنى يەلپۈتۈپ لەرزان،
لىۋىگە-لەۋ ياققان بۇلاتتىم.

بىلگەن بولسام كۆڭۈل سۆزىنى،
كۈندە خۇشال قىلغان بۇلاتتىم.
بۇلۇپ قالسا يۇلىدا دۈشمەن،
خەنجەر بۇلۇپ تىلغان بۇلاتتىم.

كىرسەم يارنىڭ شىرىن چۈشىگە،
دىلنى - دىلغا چاتقان بۇلاتتىم.
چاڭقاپ قالساڭ تەنھا تۈنلەردە،
دەريا بۇلۇپ ئاققان بۇلاتتىم.

بىلسەم ئەگەر سۆيگۈ ئەپسۇنى،
يارغا ئۇقۇپ ئاتقان بۇلاتتىم.
مەندەك كۆيسە كۆڭلىنى بىرىپ،
يۈرەك باغرىم ئاچقان بۇلاتتىم.



      ئىزدەپ ۋىسالنى


ئايسىز كىچە يىغلايدۇ كۆزۈم،
ئاي ئىزىدىن ، ئىزدەپ ۋىسالنى.
بۇ دۇنيادىن ئىزدىسەم يوقتۇر،
تەنھا تۈندە كۆڭلى خۇشالنى.

تەنھا ياشاپ كۈلۈپ باقسىمۇ،
چۇقۇم ئەسلەپ قالاركەن يارنى.
دىلدىن سۆيگەن يارىم بولمىسا،
ئاھ . كىملەرگە ئاتىمەن قارنى.

نەدە بولسا ئىزدەپ تاپىمەن،
كىم ئۇنتۇيدۇ كۆڭلىدە بارنى.
ئاشىق دىگەن ئۇنۇتماس مەڭگۈ،
تۇنجى كۆرگەن،سۆيگەن نىگارنى.

كىم كۆيمىگەن سۆيگۈ ئۇتىدا،
سۆيگۈ كۈيى چەككەندە تارنى.
بىرى كۆيسە ، بىرى تاشلىماي،
ئەسلەپ ياشار يۇلىغا زارنى.



       باھار پەسلىدە



ھاياتلىق قىسمىتى ، ئەگرى توقايلىق،
نازلىنىپ  يۈرگەنلەر  تىرىدۇ  بىدە.
قىنىغا پاتمايدۇ ،ئالدامچى ئازغۇن،
مىسكىننىڭ داۋاملىق يۈرىكى زىدە.

تۈلكىلەر ، يولۋاسقا قىلىدۇ ھەۋەس،
ياخشىلىق تالىشىپ يۈرەر ئىچىدە.
كۈندۈزى ھىجىيىپ ئالسىمۇ كۆڭۈل،
خورەكنى باشلايدۇ ئاۋۋال كىچىدە.

دۇنيامۇ ئوڭشىلار ،ئوڭشالغۇچە كۈت،
يىقىلما دۇنيانىڭ رەڭلىك كۈيىدە.
ئۆزگىگە قۇشۇلۇپ تۈرمىگىن يەڭنى،
ھەقىقى خۇشالدۇر ھەركىم ئۈيىدە.

مىسالغا تاللىما ، كۆكتە ئۈزگەننى،
ئۇلارمۇ زىمىندىن چىققان ئەسلىدە.
زىمىستان بەرمەيدۇ مەيىن شامالنى،
گۈللەرمۇ ئېچىلار باھار پەسلىدە.




مەنبە-قاراقاش



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-18 07:43 AM  


ئۇلۇغ ئاللاھتىن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24198
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 10:12:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ئۇكام .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105168
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 347
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2014-3-22
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 10:31:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تمىڭىز ياخشى چقىپتۇ. قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز كۈچ قۇۋۋەتكە تولسۇن،

سەن رىياللىقنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرى ئاتا قىلغان راھەتلەرگە،ئۆتكۇنچى ھەۋەسلەرگە ئالدانسڭ ھەقىقى ئۆزۇڭدىن ئايرىلىپ قالسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1961 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 10:46:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت .قەلەمىڭىز كۈچلۈككەن ....
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆكلىشىدە تەرەققىيات ۋە مائارىپنى ھەربىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھاياتىنىڭ قىممىتى ،ياشاش نوقتىسى قىلغاندا ئانداق كۆكلەيدۇ .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12722
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31718
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4654 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 10:58:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر دىيارىنى كۆكلىتىش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى....


بىر -بىرىدىن ئېسىل چىقىپتۇ شېئىرلىرىڭىز...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 11:38:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم قۇۋۋىتىڭىز خېلى باركەن .....شۇنداق ياخشى يېزىپسىز .....ھارمىغايسىز،،
مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر بىرىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاشقا كېلىدۇ....
سىزگە نەتىجە يار بولسۇن..

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3153
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-8-19
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 12:42:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تمىڭىز ياخشى چقىپتۇ. قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز كۈچ قۇۋۋەتكە تولسۇن،

مەن كىمگە ئھتىياجلىق ئۇ نىمگە ئھتىياجلىق

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 01:47:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىسىل شئېرنى بىز بىلەن بەھىرلەنگىنىڭىزگە رەھمەت.

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 07:26:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز. مۇشۇ ئىلھام دىگەن ئاجايىپ نەرسە ھە.... بەزىلەر قەلەمنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ نەچچە يىل ئولتۇرسىمۇ 2 مىسرا شېئىر يازالمايدۇ، بەزىلەر قەلەمنى قولغا ئالسىلا ئېسىل ئەسەرلەر بارلىققا كىلىدۇ. داۋاملىق تىرىشىڭ

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 07:28:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇردىيارىنى كۆكلىتىدىغانمۇ، كۆكلەتمەيدىغانمۇ بىزئۇيغۇرلارنىڭ ئىناق ئىتىپاقلىقى!...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش