|
|
|
|
ئەلۋىدا پەرىشتەم
مەن سەن بىلەن تۇنجى رەت كۆرۈشكەندە ، سەن سەۋرچانلىق ، گۈزەللىك دۇنياسىدا خانىشلىق تاجىسىنى كىيىش ئالدىدا تۇرغان ئاجايىپ چىرايلىق ساھىبجامال پەرىشتىدەك قىز ئىدىڭ . مەن سىنىڭ تىنىق كۆلدەك سۈزۈك جامالىڭدىن بەخىتنىڭ نۇرلۇق يېشىل چىرىغىنى ، بۇلاقتەك كۆزلىرىڭدىن بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى ھاياتىمنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ شادلىق رومكىسىدا توشقۇزۇلغان سۆيگۈ شارابىنى ساڭا ئېھتىرام قىلغان ئىدىم . سەن قوينىڭكىدەك قاپقارا نىگاھىڭغا بىر خىل مەمنۇنلۇق ياشلىرىڭنى جىلۋە قىلدۇرۇپ رومكامنى قولۇڭغا ئالدىڭدە ، ئويماقتەك نىپىز لەۋلىرىڭنى ئاستا ئاۋايلاپ تەككۈزگەن ئىدىڭ . مەن سۇنغان بۇ بىر ئىستاكان سۆيگۈ شەربىتى ئىككىمىزنى گۈيا ياز ساباسىدەك ۋىسالنىڭ خۇش پۇراقلىق باغچىسىغا باشلاپ كىرگەن ئىدى . بىز ئۇ باغچىدا بىر - بىرىمىزگە گۈل سوۋغا قىلىشقان ئىدۇق ، سەن ماڭا تويماي قارايتىڭ ، مەن ساڭا ئۆزۈمنى ئاتىدىم . سەن ماڭا ئاستا شىۋىرلىدىڭ : « بىز باغۋەن ، بۇ گۈللەرنى پەرۋىش ئىتىمىز _ ھە ! » دېدىڭ . مەن چەكسىز مۇھەببەتلىك بۇ سۆزدىن ھاياجىنىمنى باسالماي سېنى چىڭ قۇچاقلىدىم . سەن بېشىڭنى كۆكرىكىمگە قويغان ئىدىڭ ! بىز بىر قازاننىڭ ، بىر قاچىنىڭ تامىقىنى بىللە يېيىشكە باشلىغان چاغدا ، ھاياتىمىزنىڭ پەيزىدىن ئىككىتال گۈل ئېچىلدى . بىز گۈللىرىمىزنى ئورتاق سۆيگۈمىزنىڭ شېرىن سۇلىرى بىلەن سۇغۇرۇپ ، ئائىلىمىزنى گۈزارلىققا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدۇق . گۈللەر ئەمدىلا خۇش پۇراق چېچىپ بىزگە بەخىت كۈلكىسى ئېلىپ كىلىۋاتقاندا ، ھاياتنىڭ بىر قارا بورىنى گۈللىرىمىزنىڭ بىر شېخىنى قايرىۋەتتى . سەن ئۇلۇغ ئانا ، يۈرىكىمدىكى پەرىشتە ، ئائىلىمىزدىكى ئوت ئىدىڭ ! مەن سىنىڭ بىر جۈپ كۆزلىرىڭنىڭ بىر سىكىنۇت ئىچىدە توساتتىنلا يۇمۇلۇپ قالغىننى كۆرۈپ ، توك سوقۇۋەتكەندەك تىتىرەپ بار ئاۋازىمنى قۇيۋىتىپ ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتىم . سەن تىپتىنىچ ، مىدىر - سىدىر قىلماي ياتاتتىڭ ، ئۇماق قوزىمىز ساڭا بۇغا بالىسىدەك تەلمۈردى . بۇدۇرۇققىنە قوللىرى بىلەن سۈزۈك مەڭزىڭنى سىلىغان ئىدى . سەن يېنىلا قىمىرلىماي ياتاتتىڭ ، يەر ، دەل -دەرەخ ، گۈل - گىياھ ، سۈكۈت ئىچىدە ساڭا تەلمۈردى . لېكىن سەن يېنىلا جىمجىت ياتاتتىڭ ! سىنىڭ تۈۋرۈكۈڭ ، سىنىڭ داداڭ ، باغرى قان ئاناڭ سەن ئۈچۈن دەريا - دەريا ياش تۆكتى . سەن يېنىلا مىدىرلىمايتىڭ . سىنىڭ قېرىنداشلىرىڭ ساڭا باش قويۇپ ، يۈرەكنى تىتىرەتكۈدەك يىغلاشتى سەن يېنىلا ئويغانمايتىڭ ... سىنىڭ مەڭگۈلۈك كۆز يۇمغانلىقىڭنى بىلدىم . گۈلدۈرماما ، چاقماق ، باھار شاۋقۇنى ، دەريا دولقۇنى زىمىننى تىرەتتى . مەن سۆيگەن يارىمغا ، ھاياتىمنىڭ جەننىتىگە ، مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغان ۋاپادارىمغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ... تەۋرەپمۇ قويمۇدۇڭ ! سىنىڭ ئالتۇندەك نۇر يېغىپ تۇرغان لاتاپەتلىك ھۆسنۈڭگە ئۇزاق قاراپ ، چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىڭنى تۈزەشتۈردۈم . رەھىمسىز يەر سىنى قوينىغا ئالدى ..
ئەلۋىدا سۆيگۈنۈم ، مەڭگۈلۈك ھەمراھىم ، سەن بۇ رەھىمسىز دۇنيادا سانسىزلىغان ئادەملەرگە ئوخشاش ياشىشىڭ كېرەك ئىدى . بىراق ، سىنى تەغدىر ئامرىقىڭدىن ، يۈرەك پارەڭدىن ، ئاتا - ئاناڭدىن ، ئۇرۇق - تۇققان ، قېرىنداشلىرىڭدىن ، دوستلىرىڭدىن ئايرىۋەتتى . بىز ھەسرەت ئىچىدە يىلاندەك توغىنىپ خۇداغا « سەن نېمە ئۈچۈن پاك ، ئاق كۆڭۈل ياخشى ئادەملىرىڭنى ياشىغىلى قويمايسەن؟ » دەپ نالە قىلدۇق .
ئاھ ! پەرىشتەم ، سەن بۇ دۇنيادا ئارانلا يىگىرمە ئالتە باھارنى كۆرگەن ئىدىڭ ! غايە ، ئارزو - ئارمانلىرىڭ تولۇمۇ كۆپ ئىدى . ئۇ ئارمانلار كەچ كۈزدىكى مۇساپىر خازاندەك كىشىلەرنىڭ ئاياق ئاستىدا چەيلىنىپ كەتمەيدۇ . ئارمانلىرىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇپۇق لىۋىدىكى زەر قۇياشتەك نۇر چاچىدۇ . مەن سىنىڭ يۇلتۇزۇڭنى ياندۇرمەن ھاياتىم ! ئەلۋىدا يىگىرمە ئالتە باھار . ئەلۋىدا يۈرىكىمنىڭ پارچىسى ، ئەلۋىدا ئۇماق قوزامنىڭ ئانىسى ....
ئۇيغۇرۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oygurum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-17 09:36 PM
|
|
|
|
|
|