|
|
|
|
ئانار شىركىتى دىيارىمىزنىڭ كومپىيۇتېر تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرالامدۇ يوق؟
ئانارشىركىتى 2013-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق يۇقىرى ئېنقلىقتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون فىلىم ، ئۈچ ئۆلچەملىك تېلېۋىزىيە ئېلانى ، كومپىيۇتېر گىرافىك تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىنو – فىلىم ئالاھىدە ئۈنۈمى، قۇرۇلۇش، ئىشخانا ئىچى-سىرتى كۆرۈنمە فىلىم ئىشلەش، ئالما دېتاللىرىغا قوللىنىشچان ئەپ ياساش ۋە تەتقىق قىلىش، توربېكەت ياساش، لاھىيىلەش، ئاسىراش قاتارلىق بىر گەۋدە قىلغان يۇقىرى تېخنىكلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللىندىغان مېدىيا شىركىتى.
ركەت قۇرۇلۇپ خادىملارنىڭ ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىقى ئاستىدا مىللىي كارخانىلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشتى. ھەمدە ھەر قايسى ساھەدىكى كارخانچىلار بىلەن ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى.
شىركەت ئۆز شىركىتىگە ھەم جەمىيەتتىكى ھەر ساھە پەن – تېخنىكا شىركەتلىرىگە سەنئەتكار، تېخنىك خادىم تەربىيىلەش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ.
ئانار شىركىتى ئەلا مۇلازىمەت، يۇقىرى تېخنىكا، سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش شىركەتنىڭ ھەم شىركەت خادىملىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.
شىركەتنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانى؛ دىيارىمىزنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئوتتۇرا – ئاسىياغىچە كېڭىيىپ، خەلىقئارالىق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ھەم مۇلازىمەت قىلىشتەك يۇقىرى پەن – تېخنىكىلىق كۆلەملەشكەن شىركەت قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش.
تۆۋەندىكى ئانار شىركىتىنىڭ كۆرىنەرلىك ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تور بېكىتىگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭلا.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izdanguchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-17 06:33 PM
|
|
|
|
|
|