كارۋان
كارۋان ئاتلىرى كىشنەر ، كەڭ دالىغا سىلىپ چۇقان .
تۆگلەرنىڭ تۇيقىدىن تىترەر ،پۈتكۈل تامامى جاھان ،
تۇمانلار باسسىمۇ يولنى، قىلچىىك ئاداشماس كارۋان .
چۈنكى ئۇ كۈندە بۇ يولدا ،شاماللارغا قۇچاق ئاچقان ،
ئىدىرلىق يوللىرى داڭگال ،تۆگلەرمۇ تۇيقىدىن قالغان .
تۆگلەرنىڭ ھاسىرشى دالا ئۇيقۇسغا خورەك بولغان ،
كارۋاننىڭ مۈشكۈلدۇر يولى ،ئەمما بازار بەكمۇ يىراق .
بەزىدە ھەيۋە قىپ قۇملۇق، كارۋاننىمۇ ئولجا ئالغان،
ئۇسسۇزلۇق جاننى ئالار ،ھەتتا ئاپتاپ چىڭقىغا چىققان .
بەرداش بىرەر يەنىلا ،چۈنكى ئۇلار توغراقنى كورگەن.
ھەتتا بىللە يىنىدا تەلىم-چۆچەكلىردىن بەھرە ئالغان ،
بولغاچقا توختىماس مەڭگۈ، مەنزىلگە يەتكۈچە كارۋان .
ماللرى قىممەت باھالىق ،خىرىدارغا يەتكۈزۈش نىشان .
چۈنكى كارۋن قەلبىدە .ئۇرغۇپ تۇرغاچ ئاشىق ماكان ،
يىتىپ بىرىش كارۋان ئارزۇسى، قالسىمۇ بىرى ئامان.
مەنزىلدۇر يىتىپ بارغاي ،گۈزلى كىروران شەھرىگە كارۋان
ئاپتورى - مەمەتئلى قۇربان
بۇ ئەسىرىمنى ئىلگىرى كارۋان تورىغا يوللىغان .ئەمما،بۈگۈن ئەسرىمنى سىلەرنىڭ تور بەتكە يوللاشنى قارار قىلدىم .
چۈنكى ،سىلەرنىڭ تور بەتتە ئەدەبىيات سەھىپىسى ناھايىتى يارقىن نامايەن بولۇپتۇ.شۇڭا ئەسىرىمنى ئابابەكرى مىسرانىم تورىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىسىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەسەرلىرىمنى مىسرانىمغا تەقدىم قىلىشنى ئويلىدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-17 08:13 PM