مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 22084|ئىنكاس: 68

(bilgejan) ئۇيغۇردىنمۇ كىيۇرى خانىم چىقىدۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

105

تېما

575

يازما

680

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 89938
يازما سانى:
575
نادىر تېما :
20
مۇنبەر پۇلى :
23493
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2542 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-12
ئاخىرقى:
2016-3-12
' ^  N8 h" @( B" O# R$ x5 m1 t0 |8 _

( U- v- S% _: \/ @# s9 t
ئۇيغۇردىنمۇ كىيۇرى خانىم چىقىدۇ
- Q0 f. O; j2 U# x; w
ئاپتور: بىلگەجان

7 {# b7 D  A2 b6 ?كىچىكىمدىن تارتىپ  ئايال ئالىملارنىڭ گېپى چىقسا ئالدى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر فىزىكا ۋە خېمىيە ئالىمى مارى كىيۇرى ئىسىملىك پولشا ئالىمى يادىمغا كىلەتتى چۈنكى كىيۇرى خانىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى شۇ ۋاقىتلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ كىتابلىرىدا سۆزلىنەتتى. چوڭ بولۇپ بىلسەم، كىيۇرى خانىم پەقەت بىر داڭلىق ئالىملا بولۇپ قالماستىن، بەلكى 20-ئەسىر ئىلىم-پەن ئاسمىنىدىكى بىر ئۆچمەس يۇلتۇز، شۇنداقلا ئۆز نۇرىنى 21-ئەسىردىمۇ ھېلىھەم يورۇق چېچىپ تۇرغان گىگانىت چولپان ئىكەن. ئانام ئۆزى كۆپ ئوقۇيالمىغان ئىنتايىن ئاددى بىر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ئانامنىڭ قولىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا ئۇ قەلبىمگە ئالىملارغا بولغان تەسۋىرىلىگۈسىز ھۆرمەت، قايىللىق ۋە شۇنداق كىشىلەردىن بولۇشقا ئېنتىلدۈردىغان بىر ئوتنى سېلىپ قويغان. شۇنداق بولغاچقا، مەن ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرى تەسۋىرلىنىدىغان ھەر قانداق بىر كىتاب، گېزىت-ژورنال تاپسام تالىشىپ تۇرۇپ ئوقۇيتتۇم. بىر قېتىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقى يازلىق تەتىلدە بىزگە ناھايىتى قىزىقارلىق بىر مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلدى: گېزىت ئىشلەش مۇسابىقىسى. بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن مەن شىنجاڭ گېزىتى چوڭلۇقىدىكى يوغان ئىككى بەتلىك چىرايلىق گېزىتتىن بىرنى ئىشلىۋەتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ئىملايىم ناھايىتى چىرايلىق بولغاچقا گېزىتىمنىڭ خەتلىرى دانە-دانە ئايرىپ بېسىپ چىقارغاندەكلا چىرايلىق يېزىلغان ۋە قىستۇرما قىيما رەسىم ۋە بوياقلار بىلەن قوشۇلۇپ رەڭگارەك تۈسكە كىرگەن ئىدى، شۇنداقتىمۇ كۆڭلۈمدە بىر يەرلىرىگە رازى ئەمەس ئىدىم. شۇ ئارىدا مەن بىلەن ئوخشاش يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئاچام ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈنىۋىدى، مەن ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا تارىخى شەخىسلەر تونۇشتۇرۇلغان بىر ئاددىيراق گېزىت ئىشلەش تەكلىپىنى بەردىم ۋە ئۆيدىكى تارىخ كىتابلىرىدىن بىرىنچى بولۇپ مارى كىيۇرى خانىم، ئېينىشتىيىن، ئېدىسون قاتارلىق ئۆزۈم ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئالىملارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئويۇپ ئىلىپ، يېنىغا ھەر بىرى ئۈچۈن بەش قۇردىن تونۇشتۇرۇش يېزىپ ئاددىيلا بىر گېزىت ئىشلەپ چىقتۇق. ئاخىرىدا مەن بەكمۇ كۆپ ئەجىر قىلىپ ئىشلىگەن گېزىت نەتىجىگە ئېرىشمەي، ئويلىمىغان يەردىن رەڭمۇ بېرىلمىگەن ئاچامنىڭ ئاددىيلا ئىشلەنگەن گېزىتى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئاچام ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، ئىچىمدە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك خۇشال بولغىنىم ئۇ ئىشلىگەن تام گېزىتى مەكتەپ قارا دوسكىسىغا ئېسىلىپ كۆرگەزمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شۇ ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئوقۇيدىغىنى ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا كەلگۈسىدە شۇنداق داڭلىق ئالىملار بىلەن كۆرۈشۈش نېسىپ بولارمۇ، دەپ خىيال قىلاتتىم. مەنمۇ چوڭ بولدۇم، نۇرغۇن داڭلىق ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن تونۇشتۇم، ھەتتا ھازىرغىچە 3 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دۇنياۋى مەشھۇر ئالىمنىڭ لىكسىيىسىنى ئاڭلاش ۋە ئۇلار بىلەن يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ پىكىر ئالماشتۇرۇش شەرىپىگىمۇ مۇيەسسەر بولدۇم. ئەمما قەلبىمدە تا ھازىرغىچە ماڭا ئەڭ زور تەسىر قالدۇرغان مارى كىيۇرى خانىمغا بولغان ھۆرمەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ كەلدى. تا ھازىرمۇ بىراۋ مەندىن «مۇمكىن بولىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، سىز تارىختا ئۆتكەن قايسى مەشھۇر شەخىس بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىسىز؟» دەپ سوراپ قالسا، مەن ھېچ ئىككىلەنمەي: «كىيۇرى خانىم بىلەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن.
& J! z% @; P) D6 Y- d$ d  X
  F5 C( o* f4 V, B7 Y( Wمارى كىيۇرى تارىختا ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر ئايال ئالىم بولۇپ، ئۇ تۇنجى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال ئالىم، شۇنداقلا بىردىنبىر ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال ئالىم ۋە ئوخشىمىغان ئىككى كەسىپتە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئالىمدۇر. ئۇ يەنە فىرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تۇنجى ئايال پىرافىسورى بولۇپ، ئۇ 20-ئەسىردە ئۇلۇغ ئۇستاز ھېسابلىنىدۇ. كىيۇرى خانىمنىڭ ئىلىم-پەندىكى ياراتقان نەتىجىلىرى مېنىڭ قايىللىقىمنى قوزغايدىغان بىردىنبىر ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. 1903-يىلى، شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئاكادىمىيىسى مارى كىيۇرىغا «رادىئاتسىيە ھادىسىسىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن» شۇ يىللىق «نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى» نىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندا، ئۇ خىزمىتى بىلەن بەك ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. كىيۇرى خانىم ئۆز كەسپىنى سۆيۈپلا قالماي، يەنە ئائىلە ۋە دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغان بىر سۆيۈملۈك ئىنسان بولۇپ، ئۇ تۇنجى قېتىملىق نوبېل مۇكاپاتىدىن كەلگەن زور مىقداردىكى مۇكاپات پۇلىنىڭ ھەممىسىنى دوستلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېرىۋەتكەن. كىيۇرى خانىم 1910-يىلى «ئەڭ كۈچلۈك رادىئوئاكتىپلىق ئېلىمېنت - رادىي»نى بايقىغان ۋە بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1911-يىللىق «نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. بۇ قېتىم ئۇ ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلىنى ئۆزىگە ئەمەس، ئۆزى ئىشلىگەن ئىنىستىتۇت - يەنى پارىژ ئۇنىۋېرستېتىغا بىرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ بۇ بايقىشى بۈگۈنىمىزدە راك كېسىلىنى رادىئاتسىيە بىلەن داۋالاشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان بولۇپ، كىيۇرى خانىم بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولسىمۇ، راك كېسىلى بىلەن جەڭ قىلىپ ھايات قالغان ياكى كېسىلى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلىنىپ ھاياتى ئۇزارغان دۇنيادىكى ساناقسىز كىشىلەر ئۇنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ رادىينى بايقاپ رادىينى ئايرىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلمىغان بولسا، رادىي ئارقىلىق راك كېسىلىنى داۋالاش ئەمەلگە ئاشمىغان بولاتتى. شۇنداق قىلىپ كىيۇرى خانىم پەقەت فىزىكا ۋە خېمىيە ساھەسىدىلا زور بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ قالماي، يەنە ئىنسانلار ساغلاملىقىغىمۇ سېلىشتۇرغۇسىز زور تۆھپە قوشقان. مارى خانىم شۇ قەدەر ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ نام-شۆھرەتكە قىزىقىپ باقمىغان ۋە ئېينىشتىيېن تەرىپىدىن «دۇنيادىكى بىردىنبىر پارىغا ئالدانمايدىغان ئىنسان» دەپ تەرىپلەنگەن. مارى كىيۇرى خانىمنىڭ كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى، ئۇ گەرچە فىرانسىيە نوپۇسىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ پولەك مىللىي كىملىكىنى يوقاتمىغان ۋە بالىلىرىغىمۇ پولەك تىلىنى پىششىق ئۆگىتىپ ئۇلارنى پات-پات پولشاغا ئاپىرىپ تۇرغان. ئۇ يەنە 1898-يىلى تۇنجى بايقالغان رادىئوئاكتىپلىق ئېلىمېنتقا «پولونىي» دېگەن ئىسىمنى قويۇش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.
1 l, i0 `: I* m" m3 e% K6 @  v6 k6 J: H# B+ J& s, `& z% }8 ~% |) K" e
بىر قىزغا دادا بولغىنىمدىن بۇيان، مەن قىزىمغا قايسى ئالىمنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاۋۋال ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىغىنىمدا يادىمغا كىيۇرى خانىم كىلىدۇ. ئەمما مەن ئۇنىڭغا ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان داڭلىق ئايال ئالىملارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەلىگەن بولسام تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلايتتىم. قىززىق ئىش، ئاتا-بوۋىلىرىمىز «تۆگىگە مېنىپ تۆگە ئىزدەپتۇ» دېگەن بىر ھېكىمەتلىك تەمسىلنى قالدۇرغان ئىكەن. بىز ھەر دائىم ئۆزىمىز ئىزدەيدىغان كىشىنى يىراقلاردىن ئىزدەيدىكەنمىز-يۇ، ئەتراپىمىزدا دەل بىز ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە سەل قارايدىكەنمىز. ئامېرىكىدا تۇرۇپ داڭلىق ئايال ئالىملىرىمىزدىن رەيھان بەكتۇر ھەدەم بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قېلىپ ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئۆزىنى بەكرەك ئېنژىنىر دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرمىغان بولسام چوقۇم ئۇنى داڭلىق ئالىمىمىز قاتارىدا سۆزلەپ بەرگەن بولاتتى. چاتاق يېرى، قىزىممۇ ئۇنىڭ بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ چوڭ بولۇۋاتقان بولغاچقا، رەيھان ھەدەمنى داڭلىق ئالىم دېسەممۇ ئىشەنمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. گەرچە ئۇيغۇرلىرىمىز ئىچىدىن 10 ئەسىردىن بۇيان چىققان ئەڭ مەشھۇر تەبئىي پەن ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدا قىزىمغا سۆزلەپ بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ، قىزىم ئۈچۈن يەنىلا بىر ئايال ئالىم تېخىمۇ ماس ئىدى. تەلىيمگە يارىشا، بۇ غەمدىنمۇ قۇتۇلىدىغان ئوخشايمەن. يېقىندىن بىرى، شۇنداق بىر ئۇيغۇر ئايال ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىم، قايىللىقىم كۇنسايىن ئېشىپ بارماقتا. ئۇ بىرەر قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باقمىغان، بىر نەچچە كەسىپنىمۇ تەڭ ئىگىلىمىگەن. ئەمما كىيۇرى خانىم ماقالە ئېلان قىلغانغا ئوخشاش دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ژورناللاردا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆز كەسپىدە دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خۇددى كىيۇرى خانىمدەك بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە ئېسل ئەخلاق-پەزىلىتىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسىنى ياراتقان. مېنىڭ نەزىرىمدە دوكتور مايسەم مۇتەللىپ - دەل ئۇيغۇرلاردىن چىققان كىيۇرى خانىمدۇر. 9 w! u# q$ _! Z$ X, }4 h3 Z
1 {. N2 F1 }) Y1 L# J5 R, }
6 [. R, N9 j' z1 o7 n

% J0 x& M& f4 q- lدوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ بۇرۇنراق ئېسىمگە كەلمىگەنلىكى مېنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. ئاتاقلىق ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بىر سېڭلىسىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى مەن بۇرۇنلا بىلەتتىم، ئەمما ئۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىزدىسەم تەپسىلىي ئۇچۇر تاپالمىغانلىقىم بەلكىم بۇنداق بولىشىدىكى بىر سەۋەپتۇر. رەيھان بەكتۇر ھەدەم بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن دوكتور مايسەم مۇتەللىپ توغرۇلۇق خىلى كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم چۈنكى ئۇ ئىككىسى يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. ئۆتكەن يىل 12-ئايدا شۆھرەتكام بىلەن كۆرۈشكىنىمدە ئۇنىڭدىنمۇ بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان ئىدىم. ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ۋە ياخشى يازالماي قىلىشتىن ئەنسىرەپ مايسەم ھەدەم توغرۇلۇق ماقالە يېزىشقا تۇتۇش قىلالماي كەلگەن ئىدىم. ئەمما مۇشۇ يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىشنى ئاڭلاپ، مەن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم ۋە كىشىلەرگە بىلىنىشنىڭ ۋە مۇنەۋۋەر كىشىلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئوخشاشلا مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ ئىلىم-پەن ساھەسىدە مايسەم مۇتەللىپتەك يىگانە بىر ئالىمنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنماسلىقى ۋە ئۇنتۇلۇپ كېتىلىشىگە قاراپ تۇرارلمىدىم. ئۇ ئەسلى ھەرگىزمۇ يەنە بىر ئالىمنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى سوراشقىلا يارايدىغان كىشى بولماستىن، ھەر قانداق ئۇيغۇر ئالىمىدىن بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشقا تىگىشلىك، ئالىملار سورۇنىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئىلىشقا مۇناسىپ بىر پەخىرلىك ئۇيغۇر ئالىمى ئىدى... ئاددىيسى، مەندەك بىر ئەمدى تەتقىقات سېپىگە قەدەم قويغان ياش تەتقىقاتچىنىڭ ئەرزىمەس نەتىجىلىرىمۇ توردا تونۇشتۇرۇلۇپ ياشلارغا ئۈلگە قىلىندى. كىمدۇر بىرلىرى ئەڭ ياش دوكتور دەپ تونۇشتۇرۇلسا، يەنە بىرلىرى شۆھرەت مۇتەللىپتىن قالسا ئەڭ چوڭ بىئولوگىيە ئالىمى، يەنە كىملەردۇر قىلغان ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ تايىنى يوق تۇرسىمۇ زامانىمىزنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەپەككۇرى، پەيلاسوپى…. دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى. ئەلۋەتتە، كۆپلىگەن مۇۋاپىققىيەت ئىگىلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش ياخشى ئىش، ئەمما شۇنچە جاپالارنى چېكىپ ھەقىقىي دۇنيا سەھنىسىدە ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغۇدەك تۆھپە يارىتىۋاتقان ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىمىز مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا توغرا ئەمەس. مايسەم مۇتەللىپ ھەدەم بىلەن بىر كۆرۈشۈشنى ئىستىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن بۇ شەرەپ ماڭا تېخى نېسىپ بولمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى ۋە مەن بىلگەن ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشسامكەن دەيمەن، بەلكىم سىلەرمۇ بالىلارغا ئەمدى دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىشىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس.
- B, I4 H5 P5 V+ c% V3 l
1 t* D8 _8 M: d, t3 k$ J

, q$ l/ P/ r& n# S
+ K! m$ N/ {2 X. C

4 f7 N0 \/ k# T; J2 L+ J! Yدوكتور مايسەم مۇتەللىپ بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سېڭلىسى بولۇپ، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھرى ئەتراپىدىكى ئاۋات يېزىسىدا ياشايدىغان مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئاكا ۋە جەننەتخان ئانا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «مايسەم - بىزنىڭ بەكمۇ پەخىرلىنىدىغان پەرزەنتىمىز» دەپ كەلگەن (مۇزەپپەر ئاكا ئاغزىدىن). شۆھرەتكام ئەينى يىللىرى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە، ئۇ ھەربىيلىكتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولمىغان نومۇر بىلەن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقى، سېڭلىسى مايسەمنىڭ ئوقۇشى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولۇپ، بىر يىلدىن كىيىن ناھايىتى يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرستىتقا ئوقۇشقا كەلگەنلكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. كېىيىنچە ئۇلار بىرلىكتە روسىيەدىكى ئەڭ داڭلىق تەتقىقات ئورنىغا دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، ئوخشاش تەجىرىبخانىدا ئوخشاش ۋاقىتتا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ئوخشاشلا ئەلا نەتىجىدە تاماملىغان. شۇنداق قىلىپ، مايسەم ھەدەم بىئولوگىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر قىزى بولۇپ قالغان. ئۇ ئوقۇشىنى تاماملاپلا ئامېرىكىدا بىئولوگىيە ئىنژىنىرلىقى كەسپىدە 11-ئورۇندا تۇرىدىغان، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ قەدىمىي (1785-يىلى قۇرۇلغان)، مەشھۇر ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ بىرى بولغان جورجىيە ئۇنىۋېرستېتىغا دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە كىلىپ ئامېرىكىدىكى ئىلمىي ھاياتىنى باشلىغان. 6 ]) Q7 L5 m' k, N" p
' E. R6 L& K' }' r8 _: J" `2 @: a
1 p* p/ b. T% [# b" N2 g
4 B2 ?( z; f2 C) e/ q
دوكتور مايسەم مۇتەللىپ ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىچىدە خەلقىئارادىكى ئەڭ داڭلىق ئىلمىي ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىشنى ئەڭ بالدۇر باشلىغان ئالىم بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاكىسى شۆھرەت مۇتەللىپتىن بۇرۇنلا «تەبىئەت بىئو-تېخنىكىسى» ناملىق تەسىر كۆرسەتكۈچىسى 31.9 دىن ئاشىدىغان دۇنياغا داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، 2005-يىللىرى شۇ ماقالىسىدىن كىيىن ئامېرىكا CNN تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئامېرىكىدا تونۇلۇشقا باشلىغان.  ئىلىم-پەن ساھەسىدە كىشىلەرنىڭ نەتىجىسى ئادەتتە ئۇلار ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ سۈپتى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن نەقىل قىلىنىش سانى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قانچىكى يۇقىرى تەسىرگە ئىگە ژورنالدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلسا، شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ۋە پايدىلىنىش قېتىم سانىمۇ شۇنچە كۆپ بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. بىر ئالىم ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساس بولىدۇ ۋە ماقالىلىرىدا نەقىل ئېلىنىدۇ. خەلىقئارادا ئىلمىي ژورناللارنىڭ سۈپىتى ئۇلارنىڭ تەسىر كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدىغان بولۇپ، مەلۇم تەتقىقات يۆنىلىشىدە شۇ كەسپتىكى قايسى ژورنالنىڭ تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى بولسا شۇ ژورنال ئەڭ ياخشى ژورنال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.* ?7 h* T  F, L0 \! l4 d

  k8 L9 {2 {/ ]( j, g

! S, j# |$ {* u2 G. O0 y$ E. h% h+ p$ B
دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئىلمىي ژورناللار ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «ئىلىم-پەن» ژورنىلى ۋە «ھۈجەيرە» ژورنىلى، ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان «تەبىئەت» ژورنىلى ۋە «تەبىئەت» نىڭ يانداشما ژورناللىرى بولۇپ، دوكتور مايسەم مۇتەللىپ ھازىرمۇ بۇ دۇنياۋى داڭلىق ژورناللارنىڭ ھەممىسىدە ماقالە ئېلان قىلىپ باققان بىردىنبىر ئۇيغۇر ئالىمى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇ 2005-يىلى «تەبىئەت بىئو-تېخنىكىسى» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكىدا تونۇلغاندىن كىيىن، تەبئىي پەنلەردە دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرستىت بولۇپ سانىلىدىغان ماسساچۇسېتىس تېخنىكا ئىنىستىتۇتى (MIT) تارمىقىدىكى ۋايىتھەد ئىنىستىتۇتى ئىنسان غول ھۈجەيرە ھۈجەيرە تەتقىقاتى تەجرىبخانىسىنىڭ دېرىكتورلىقىغا تەكلىپ قىلىنىغان. ۋايتھەد ئىنىستىتۇتى بىئولوگىيە ساھەسىدىكى 15 ئەڭ داڭلىق ئامېرىكا ئۇنىۋېرستىت، تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىچىدە تەسىرى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە خارۋارد ئۇنىۋېرىستىتى، يالى ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭمۇ ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ دوكتور مايسەم مۇتەللىپ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان MIT دا تەجىرىبخانا دېرىكـتورى بولۇپ ئىشلىگەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئۇيغۇر ئالىمى بولۇپ قالغان.
# G8 p& W) r! `
8 S5 U: e& C/ ?: j
. h5 a- B. e" ]
/ {2 B7 r! [- N
- D, E, A- f% L: @
: H4 y1 {0 w0 s0 F1 S
$ N0 R8 Y) ]! k, g2 ~! m
  c* P1 x5 m* ^. `- k+ t8 _. c3 O

2 }+ \9 {7 [. w  R4 kبىئولوگىيە ساھەسىدە ئەگەر بىر ئالىمنىڭ بارلىق ماقالىلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن نەقىل ئېلىنىش قېتىم سانى 1290 قېتىمدىن ئاشسا، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 1% بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قاتارىغا تىزىلىدىغان بولۇپ، دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ 2009-يىلى ھۈجەيرە ژورنىلىدا ئېلان قىلغان پاركىنسون كېىسلى ئۈستىدىكى بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسىلا 999 قېتىم نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتىنىڭ قانچىلىك زور ئەمەلىي تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكى مانا شۇنىڭدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ نەقىل ئىلىنىش قېتىم سانى ئاللىقاچان ئەڭ داڭلىق 1% بىئولوگىيە ئالىملىرى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ھەتتا دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭمۇ ئالدىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇ تۇنجى بولۇپ «ھۈجەيرە» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى، تۇنجى ۋە بىردىنبىر «ئىلىم-پەن» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى، شۇنداقلا تەسىر كۆرسەتكۈچى 30 دىن يۇقىرى ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان (5 پارچە) تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئۇيغۇر ئايال ئالىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنى ئويلىساق، دوكتور مايسەم مۇتەللىپنى ھەقىقەتەنمۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ كىيۇرى خانىمى» دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.6 d  q1 V' f1 }0 ?! ]  o' f! T
9 b( u* z9 j$ r0 ?3 |' m
دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسلىقى ئىنسان غول ھۈجەيرىسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسان غول ھۈجەيرىسى تەتقىقاتىدىن پايدىلىنىپ پاركىنسون كېسىلى بىلەن دىئاگنوز قويۇلغان ۋە 10-يىلدىن بىرى ئۆزى بوستوندا بېقىۋاتقان ئانىسى جەننەتخان ئانىنىڭ كېسىلىنى داۋالاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن پات ئارىدا ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى خۇددى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەمگەكلىرىنى تونۇشتۇرغاندەكلا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ چىقىمەن. مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى ئۇنىڭ قانچىلىك زور قۇربانلىقلارنى بېرىپ ئۆزى يالغۇز ئانىسىنى 10 يىلدىن بېرى ئانچە-مۇنچە ئالمۇتاغا ئاپىرىپ ئەكەلگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىزچىل بوستوندا ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىلاردا داۋالىتىپ ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆزى يالغۇز خەۋەر ئىلىشىدۇر. كەسىپتە شۇنچىلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر ئالىمنىڭ شۇنچە مۇھىم خىزمىتىنى قايرىپ قويۇپ، كۆپلەپ ئانىسىغا ۋاقىت ئاجرىتىشى ئۇنىڭ كەسىپتە ئىلگىرىلىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان مايسەم مۇتەللىپ قىلچە تەۋرەنمەي، ۋايسىماي، بېقىش ئىنتايىن مۈشكۈل بولغان پاركىنسون (مېڭە يىگىلەش) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىسىغا شۇنچە يىلدىن بىرى ئۆزى قاراپ كىلىۋىتىپتۇ. ئۇ دوستلۇقنىمۇ ناھايىتى قەدىرلەيدىغان بولۇپ، دوختۇرخانىدا ئانىسىغا قاراش بىلەن خىزمىتى ئوتتۇرىسىدا بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا دوستلىرى بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىكەن. ئۇنىڭمۇ ۋاقتى يار بەرگەندە دىيارىمىزدا زىيارەتتە بولغۇسى ۋە تەتقىقاتلىرىنى ئۆز ئېغىزى بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا سۆزلەپ بەرگۈسى بار ئىكەن.  D5 e! S7 M& c, f# H
  Y" V1 m9 n- h. q1 w% V
يەنە بىر يېرى كىشىنى قايىل قىلىدىغان يېرى شۇكى، دوكتور مايسەم مۇتەللىپ شۇنچە زور نەتىجىلەرنى قازانغان بولسىمۇ، ئۇ ئىزچىل ئامېرىكىدىكى گېزىت-ژورناللارنىڭ زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىزچىل ھالدا «مەن تەتقىقاتىمنى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن قىلىمەن، نام چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس» دەپ كەلگەن. ئۇنىڭ خىزمەت بېسىمىمۇ بەكلا ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئانىسىنىڭ كېسىلىنى بېقىش بىلەن ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىدىغان بولغاچقا يېقىندى بىرى ئۆزىنىڭمۇ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولماي قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ھەتتا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ ئۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئۇ بىرەر قېتىممۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىلمىي پائالىيەتلەردە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنىپ باقمىغان. بۇلارنى ئويلىسام كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولىدۇ… ئەمەلىيەتتە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپتىن قالسىلا دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە ھەممىدىن بەكرەك تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى دەل دوكتور مايسەم مۇتەللىپتۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيانىڭ قەيرىگە بارسا ئۇنىڭ بىر دۇنياۋى زور ئالىم ئىكەنلىكىدە شەك يوق. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ شۇنچە كەمتەرلىك بىلەن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ چوڭقۇر ئوكياندەك تىنچ يۈرۈشى ھازىرقى زاماندا ئاز تېپىلىدۇ.  ئۇ كەسىپ جەھەتتىلا ئەمەس، يەنە كۆيۈمچانلىق، دوستانىلىك، ۋاپادارلىق ۋە كەمتەرلىك قاتارلىق ئېسل ئەخلاق-پەزىلەتلەردىمۇ ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىگۈدەك بىر مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر قىزىدۇر. ئۇ  داۋاملىق ھاياتلىق سىرلىرىنى ئېچىپ، ئىنسانىيەتكە بەخىت ئىلىپ كىلىدىغان، بىۋاستە ئىنسانلارنى داۋالاشتا قوللانغىلى بولىدىغان تېخنىكىلارنى ياراتماقتا. بۇ جەھەتتىمۇ ئۇ كىيۇرى خانىمغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرى بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە، ياش ئەۋلادلارغا ئۈلگە قىلىپ  سۆزلەپ بېرىشىمىزگە ۋە پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. مەن بۇندىن كىين قىزىمغا دوكتور مايسەم مۇتەللىپ توغرۇلۇق دائىم سۆزلەپ بېرىمەن، سىزچۇ؟( n9 c0 M; D* R/ j9 ~# a$ _

: Y1 I7 v2 \- \/ ^8 r& [$ c
بىلگەجان (2014-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 17-كۈنى)

/ w- x9 H) J' \( C( s6 `5 F( A6 D$ h; R( M. f
ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنىڭ داۋامىنى دوكتور رەيھان بەكتۇر بىلەن بىرلىكتە تەييارلاۋاتىمىز، پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. بۇ ماقالىنى ھېچقانداق رۇخسەتسىز، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ بارلىق مۇناسىپ ئۇيغۇر تورلىرىدا تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن. رەھمەت!

) q" \- ^: C$ [: C

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +549 يىغىش سەۋەبى
furkat2 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
quark3140 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
guzal_atux + 200 ئاللا قۇلىڭىزغا دەت ب.
فىزىك + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
Pinhangul + 199 ماختاشقا تېگىشلىك
پەرى + 30 پۇلۇم تۈگەپتۇ...ئېسىل .

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

482

يازما

483

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100776
يازما سانى:
482
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1576
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
87 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-12-12
ئاخىرقى:
2015-6-12
ۋاقتى: 2014-6-17 14:22:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم بىلگەجان؟
  W- }: @1 @7 d9 C
: v# I+ r. X+ X1 i7 L& wدىيارىمىزدا مارى كىيۇرى خانىمدىنمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئايال ئالىملىرىمىز بار
$ v- U, }# Q0 [/ m& i4 w* k- \$ s
8 d5 Z& C& ?  g# R8 h( Rئۇ بولسىمۇ داڭلىق فىزىكا ئالمىمىز ساھىپجامال دۆلەت.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
bilgejan + 10 بۇ سۆزىڭىز ئىلمىي ئەم.

باھا خاتىرىسى

ئوۋچىنىڭ مىلتىق

20

تېما

192

يازما

212

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2426
يازما سانى:
192
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
15782
تۆھپە :
372
باھا :
296
توردا:
4804 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-6-10
ئاخىرقى:
2016-2-25
ۋاقتى: 2014-6-17 14:32:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بىلگەجان تىمىڭىز ئاپتۇرنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئۇيغۇر خەۋەر تورىنىڭ شەخىس سەپىسىگە يوللاندى.نادىر تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي رەھمەت سىزگە
* G0 ^2 \# J9 J5 b" m( ^http://www.uynews.com/mazmun_4486.html
4 N" i; g- z6 U+ ?http://www.uynews.com) g9 y' H' ?& X( }

0

تېما

76

يازما

76

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100667
يازما سانى:
76
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
7 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-12-9
ئاخىرقى:
2014-11-24
ۋاقتى: 2014-6-17 14:33:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىل سەيناسىدىن ئېلكىتابىنى ھازىر چۈشۈرۈپ ئوقۇۋاتقانتىم.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

405

تېما

1 تۈمەن

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 120
يازما سانى:
13632
نادىر تېما :
8
مۇنبەر پۇلى :
31083
تۆھپە :
2986
باھا :
3115
توردا:
5099 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-20
ئاخىرقى:
2016-2-22
ۋاقتى: 2014-6-17 14:33:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئالىمىمىز ،دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ ئىش -ئىزلىرىدىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر...
9 J% C  C3 N* ~3 i5 y
, z/ {. B: `7 F" t. o' K0 {; Z- B& v; s+ p: _$ L
پەخرلىك ئالىمىمىز مايسەم مۇتەللىپنىڭ ئىشلىرىشغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن ۋە مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئايال ئالىملىرىمىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تىلەكداشمەن....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
hujayin1 + 10 كونا گەپ

باھا خاتىرىسى

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

0

تېما

76

يازما

76

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100667
يازما سانى:
76
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
7 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-12-9
ئاخىرقى:
2014-11-24
ۋاقتى: 2014-6-17 14:36:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنىڭ داۋامىنى دوكتور رەيھان بەكتۇر بىلەن بىرلىكتە تەييارلاۋاتىمىز، پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. بۇ ماقالىنى ھېچقانداق رۇخسەتسىز، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ بارلىق مۇناسىپ ئۇيغۇر تورلىرىدا تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن. رەھمەت!
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىمىمىز، پەخرىمىز بىلگەجان. , H2 {+ n3 V1 C' g0 Q% q
بۇ يەردىكى يازمىنى تەۋسىيە قىلىش بىرمۇنچە جاپا بولۇدىكەن. باشقا مەنبە بارمۇ؟ 6 K5 p% H; l) ^7 L
( Z! F. g( H7 S; c

باشقىلارغا تەبە

15

تېما

2492

يازما

2507

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18033
يازما سانى:
2492
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7667
تۆھپە :
306
باھا :
443
توردا:
7945 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-18
ئاخىرقى:
2016-3-13
ۋاقتى: 2014-6-17 14:37:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئىچىمىزدىنمۇ داڭلىق تەتقىقاتچى كارخانىچى ۋە ئالىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپرەك چىقىپ ئۇيغۇرنى دۇنياغا تېخىمۇ تونۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.مايسەم خانىم ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇپ ،تېنىنىڭ ساغلام بۇلىشنى ئاللاھدىن تىلەيمەن.بىلگە ئەپەندىنىڭ مەزمۇنلۇق يازملىرى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 11:47 PM  ; C4 |! l: X. {( ?5 ?# H

; _2 x; @, b! _% C

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

105

تېما

575

يازما

680

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 89938
يازما سانى:
575
نادىر تېما :
20
مۇنبەر پۇلى :
23493
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2542 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-12
ئاخىرقى:
2016-3-12
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-17 14:41:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pikir1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 02:36 PM3 q1 G, N4 N- W# ~4 M$ F
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىمىمىز، پەخرىمىز بىلگەجان. 1 z0 U; v+ a3 p: n) x8 ~  k7 k+ |
بۇ ...

4 I8 }9 D  Y; Jhttp://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=58796#lastpost بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 09:40 PM  1 }* j' \2 r& K7 B
+ C' L3 @* D6 ]6 i9 j7 f

0

تېما

76

يازما

76

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100667
يازما سانى:
76
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
7 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-12-9
ئاخىرقى:
2014-11-24
ۋاقتى: 2014-6-17 14:41:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگەجان، بىلىمخۇمار، قەيسەردەك ئەزىمەتلەر ئەك ئۈچۈن خالىس، مىننەتسىز تېما يوللاۋاتىدۇ،2 g9 ~, M: i  N
مىسرانىم تورىمۇ شۇلاردىن ئۆگۈنۈپ، ئۆز خەلقىگە كەڭ قوساق بولۇپ   تېمىغا قوشقان كاشىلا كودنى بىكار قىلسا بولاتتى.

16

تېما

557

يازما

573

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94615
يازما سانى:
557
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2871
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1175 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-4-10
ئاخىرقى:
2016-3-11
ۋاقتى: 2014-6-17 14:41:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راستىنلا ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان  خوش خەۋەركەن،ياشاپ كەت ئۇيغۇر ئالىملىرى!7 ?* b" O: J5 t; w) ?" Y

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-3-13 05:41 PM, Processed in 0.133781 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش