خالى
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
**
ياشايمەن بىر ئۆمۈر يالغاندىن خالى،
زاغلارنى بۇلبۇل دەپ ماختاشتىن خالى،
ياخشىغا تۆھمەتلەر چاپلاشتىن خالى،
ئۆزگىگە ئاداۋەت ساقلاشتىن خالى.
***
دوستلارغا تەقدىمدۇر مۇڭلۇق كۈي-سازىم،
ئەل-يۇرتقا قىلىمەن ئىگىلىپ تازىم،
چۈنكى مەن خەلقىمگە ئاددى مۇلازىم،
رىشتىمنى نەپلەرگە باغلاشتىن خالى.
**
ئۆزگىلەر شان قۇچسا مەنمۇ خۇش بولۇپ،
كەتمەننى چاپىمەن ياندا قوش بولۇپ،
كەتمەيمەن ھەسەتتىن ئېڭراپ-تولغۇنۇپ،
چۈنكى مەن ھۇقۇشتەك سايراشتىن خالى.
**
بىراۋلار ماختىسا كۈلۈپ-ئالچاڭشىپ،
كەتمەيمەن تەنبىھتىن چىچاڭشىپ-كاڭشىپ،
شامالنىڭ شەپىسى كەلمەستە لىڭشىپ،
شەيتاننىڭ دېپىغا ئويناشتىن خالى.
**
سۆزلەشكە خۇشتارمەن پاكلىق بابىدا،
ناپاكلىق چەيلىنەر دەۋرىم چاقىدا،
جاپادا ئالدىمەن،نەپتە ئارقىدا،
ھارامدىن قورساقنى توقلاشتىن خالى.
**
بولسىكەن ھەر كىمدە كەمتەرلىك سۈپەت،
بۇ يولدىن ئازمايمەن-ئازمايمەن پەقەت،
كەمتەرلىك شۇئارىم ئەبەتتىن-ئەبەت،
مەنمەنلىك يۇلىدا چامداشتىن خالى.
**
مەن دەيمەن يۇرتۇمدا بولسا ئىناقلىق،
ئىناق يۇرت چېھرىدە چاقنار خۇشاللىق،
خۇشال يۇرت ئىلكىدە ئادەم چىرايلىق،
شوڭا مەن غەيۋەتلەر چايناشتىن خالى.
**
خەقلەرگە بويۇنداپ ھېرىپ كەتمەيمەن،
ئۆزگىدىن ئەيىپنى قېزىپ كەتمەيمەن،
مەقسەتكە يېتەلمەي قېرىپ كەتمەيمەن،
مەن بولغاچ ئاغرىنىش-ۋايساشتىن خالى.
**
بەك ئىزا تارتاتتىم «مەن» دەپ يېزىشتىن،
ئۆزۈمنى پەدازلاپ مىسرا تىزىشتىن،
بۇ قېتىم دەپ سالدىم بىر ئاز قىزشتىن،
كەچۈر دوست،ئۆزۈمنى داڭلاشتىن خالى.
**
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-17 01:52 PM