شايارىم ياخشى
‹ لەپەر ›
‹تارىم دەريا ›
گۈزەل يۇرتۇم شايارىمنىڭ ھاۋاسى ياخشى ،
ھەرتەرەپتە خوشال نەغمە ناۋاسى ياخشى ،
ئەتراپلىرى يېشىللاشقان ئەينەكتەك يوللار ،
قەد كۆتەرگەن ئىمارەتلەر ساپاسى ياخشى ،
ياخشى ياخشى ياخشى ياخشى ئەجەپ بەك ياخشى ،
ئىجىل ئىناق شايار قۇردۇق ھەممىدىن ياخشى ،
يىرى مۇنەت ئاشلىقى مول پاختىسى ياخشى ،
يۈرەر يايلاپ مۇندا ئوغلاق قوزىسى ياخشى ،
كۆز يەتكۈسىز يېشىل توغراق ئانا تارىمدا ،
شاۋقۇنلايدۇ ئانا دەريا ساداسى ياخشى ،
ياخشى ياخشى ياخشى ياخشى ئەجەپ بەك ياخشى ،
چىداملىق ئۆي قۇرلۇشى ھەممىدىن ياخشى ،
بۈك باراقسان توغراقلقرىڭ دۇنياغا داڭلىق ،
كۈرۈپ كىتىڭ يايراپ كىتىڭ شايارىم ياخشى ،
ھەممە مىللەت ھەممە كىشى ئىتتىپاق مەھكەم ،
بىر بىرىگە ئىجىل ئىناق ۋاپاسى ياخشى ،
ياخشى ياخشى ياخشى ياخشى ئەجەپ بەك ياخشى ،
ھەمكارلىشىپ داۋالاش ھەممىدىن ياخشى ،
كۈرۈپ كىتىڭ مېھمان بولۇپ گۈزەل شايارنى ،
تۈرلۈك تۈمەن نازۇ نىممەت غىزاسى ياخشى ،
ھەممە ئىشتا پارتىيەمىز بولغاچقا غەمخور ،
تەدبىر توغرا نىشان توغرا ئاساسى ياخشى ،
ياخش ياخشى ياخشى ياخشى ئەجەپ بەك ياخشى ،
پارتىيەنىڭ سىياسىتى ھەممىدىن ياخشى .
2012 .يىل شايار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-17 01:41 PM