مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1543|ئىنكاس: 15

كاشغەردە سەيلانە، دۇنيادا يېگانە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106060
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-4-15
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 10:52:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كاشغەردە سەيلانە، دۇنيادا يېگانە

(ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

   قەشقەردە سەيلە-ساياھەت قىلىش ئادەتتە، ھېيتگاھ جامەسى بىلەن ھېيتگاھ مەيدانىنى تاۋاپ قىلىشنى يادرو قىلىدۇ. بولۇپمۇ، ماڭا ئوخشاش تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن قەشقەردىن ئايرىلىپ، ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ياقا يۇرتلاردا ۋە چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھېيتگاھ جامەسى بىلەن ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ مۇھەببىتى قەشقەرنىڭ ھەر قانداق بىر يېرىنىڭ مۇھەببىتىدىن سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىدا ۋە ئۇنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىكى ئورنىنىڭ ھەممىدىن يۈكسەك تۇرىدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوقتۇر.

   قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھېيتگاھ (بايراملىق) مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە كۆلىمى زور، ياسىلىشى كۆركەم مەسجىدلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى (شىمالدىن جەنۇبقا) 140 مېتىر، كەڭلىكى (شەرقتىن غەربكە) 120 مېتىر بولۇپ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 16800 كۋادرات مېتىر (25.22 مو) كېلىدۇ. پۈتكۈل جامە قۇرۇلۇش گەۋدىسى جەھەتتىن خانىقا، كايۋان، مەدرىسە، ھويلا، گۈمبەز، مۇنار ۋە دەرۋازىدىن ئىبارەت يەتتە بۆلەككە بۆلۈنگەن. خانىقانىڭ ئۇزۇنلۇقى 36.5 مېتىر، كەڭلىكى 10.5 مېتىر بولۇپ، جامە ئىچىدە ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 456 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭغا كايۋان قاتارلىق ئۈستى يېپىق قىسىملارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، 2600 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 4200 ئادەم ناماز ئوقۇغىلى بولىدۇ.

   جامەنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلمىسى خاس ئۇسلۇبقا ئىگە ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئېتىنىڭ يۈكسەك سەۋىيەسى بىلەن مۇكەممەل ئىلمىيلىكنىڭ ئۆز ئارا بىرىكتۈرۈلۈشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئالايلۇق، تورۇسنىڭ يېپىلىشىدا، تۆرت قاتار لىم ئۆز ئارا قارمۇقارشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۈز ئارانى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى ئىنچىكە ھېسابلاش نەتىجىسىدە، بىر-بىرىگە جىپسالاشتۇرۇلغان توغرا تۆرت بۇلۇڭلۇق گېئومېتىرىك شەكىل ھاسىل قىلىپ، خۇددىي شاخمەت تاختىسىدەك رەتلىك ۋە يارقىن كۆرۈنىدۇ. مەسجىد تورۇسىنى تۆرت قاتاردىن جەمئىي 140 تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇكى، بۇ تۈۋرۈكلەر تىزىلىش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن، مەسجىدكە زىننەت ۋە سۈر بېرىپ، پۈتۈن قۇرۇلۇش گەۋدىسىنى ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم مەنزىرە بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇرىدۇ. تورۇستىكى توققۇز ئارا يارقىن رەڭ ۋە مىللىي ئۆزگىچىلىككە ساھىپ گۈل-نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن.

   جامە چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان مۇنارلارنىڭ ئېگىزلىكى 18 مېتىر بولۇپ، ئىككى مۇنارنىڭ ئارىلىقى 28 مېتىر كېلىدۇ. ئېگىزلىكى 4.7 مېتىر ۋە كەڭلىكى 4.3 مېتىر بولغان مەزكۇر چوڭ دەرۋازا پەشتىقىنىڭ ئېگىزلىكى بولسا، 12 مېتىر كېلىدۇ. دەرۋازا زالى تېگى تەكشى يۈزلۈك، ئەتراپى سەككىز تەرەپلىك، تورۇسى بولسا، گۈمبەز شەكىللىك ياسالغان. بۇ ھەيۋەتلىك چوڭ دەرۋازا ئىككى يېنىدىكى كۆركەم- سالاپەتلىك مۇنارلار ۋە ئېگىز پەشتاق، شۇنىڭدەك دەرۋازا زالى تېمىغا چىقىرىلغان مېھراپ شەكىللىك تاكچىلار ۋە نەپىس نەقىشلەر بىلەن قويۇق مىللىي سەنئەت پۇرىقى چېچىپ، ئادەمنىڭ قەلبىگە ھوزۇر بېغىشلاپ تۇرىدۇ.

   ھېيتگاھ جامەسىدە ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇلىدۇ. جۈمە كۈنى 9-8 مىڭ ئادەم جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ. رامىزان ھېيت ۋە قۇربان ھېيتلاردا، جامە ئىچى ۋە سىرتىدا بولۇپ، 50 مىڭ ئادەم ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ.

   تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ھازىرقى ھېيتگاھ جامەسى بىلەن ھېيتگاھ مەيدانى جايلاشقان يەر بۇنىڭدىن 6-5 ئەسىرلەر بۇرۇن شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قەبرىستانلىق ۋە قومۇشلۇق بولۇپ، قەبرىستانلىققا شۇ زامانلاردىكى ئوردا خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداد- ئەۋلادلىرىدىن ۋاپات بولغانلار دەپنە قىلىناتتى. بۇندىن 500 يىل بۇرۇن ئۆتكەن كاشغەرنىڭ ھۆكۈمدارى ساقسىز مىرزا دەل مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان. مەزكۇر ساقسىز مىرزانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قەبرىستانلىققا تۇپراق بېشى يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ ئىبادىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش نىيىتىدە، بىر مەسجىد ياساپ قويماقچى بولغان. نەتىجىدە، ھىجرىيەنىڭ 846-يىلى (مىلادىيە 1442-يىل)، ھازىرقى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خانىقاسى جايلاشقان يەرگە بىر مەسجىد بىنا قىلىنغان.

   مەزكۇر مەسجىد بىنا قىلىنىپ يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ چاغدىكى كاشغەر ھۆكۈمدارى ئەبۇلھادىينىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلىي ۋاپات بولۇپ، مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئەبۇلھادىي بەگدە بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ساۋابىنى مەرھۇم تاغىسىغا بېغىشلاش ئويى پەيدا بولىدۇ-دە، نەتىجىدە ھىجرىيەنىڭ 944-يىلى (مىلادىيە 1538 -يىل) ھېلىقى مەسجىدنى يېڭىباشتىن كېڭەيتىپ ياساپ، ئۇ ئادەتتكى كىچىك مەسجىدنى جۈمە نامىزى ئۇقۇغىلى بولىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن.

   شۇنىڭدىن يەنە 250 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھازىرقى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلفىيە خېنىم ئىسىملىك بىر ئايال ئەسلىدە، نۇرغۇن يول راسخۇتى تەييارلاپ، مەككەئى مۇكەررەمەنى زىيارەت قىلىپ،ھەج بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان بولۇپ، چەت مەملىكەتلەردىكى يەرلىك ماجىرالار تۈپەيلىدىن سەپەرنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالماي، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. مەزكۇر زۇلفىيە خېنىم سەپەردىن ئېشىپ قالغان زادىراھىلە (سەپەر پۇلى، يول خىراجىتى)سىنى سەرپ قىلىپ، ساۋاپ ئىزدەپ، ھىجرىيەنىڭ 1201-يىلى (مىلادىيە 1787- يىل) ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ ياسىغان.

   ئۇنىڭدىن كېيىن، مىلادىيە 1809- يىلى، قەشقەر ھۆكۈمدارى ئىسكەندەر ۋاڭ جامەنى ئومۇمىي يۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان ۋە جامە ئىچىگە كۆل كورلىتىپ، دەرەخ قويۇپ كۆكەرتكەن. مىلادىيە 1839–يىلى، زەھىرۇددىن ھاكىمبەگ قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىپ ياساتقاندا، ھېيتگاھ جامەسىنى شەھەر سىرتىدىن شەھەرنىڭ ئىچىگە ئېلىپ، شەھەر ئىچىدىكى مەركىزىي مەسجىدكە ئايلاندۇرغان. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بىر قېتىم چوڭ رېمونت قىلىپ، رەسمىي «ھېيتگاھ جامەسى» دەپ ئاتىغان. مىلادىيە 1873-يىلى، يەنى بەدەۋلەت ياقۇببەگ دەۋرىدە، جامە يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىپ ياسالغان. بۇ قېتىملىق ياساشتا، جامەنىڭ غەرب تەرىپى مەسجىد، شەرق تەرىپى بولسا، مەدرىسە بولۇپ، ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان. مەزكۇر مەدرىسە قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 72 ئېغىز تالىبۇل ئىلىملەر ھوجرىسى، شەرىقى شىمال تەرىپىگە بولسا،  100دىن ئارتۇق ئادەم بىمالال يۇيۇنالايدىغان ھاممام (مۇنچا)، گۈمبەزلىك چوڭ دەرۋازا، مۇنار ۋە پەشتاقلار ياسالغان. شۇنىڭ بىلەن، جامەنىڭ بۈگۈنكى قىياپىتى شەكىللەنگەن.

   ھېيتگاھ جامەسى ھىجرىيەنىڭ 1354-يىلى (مىلادىيە 1936-يىل) يۇرتىمىزدىكى «ئىسلاھى مەدارىس ۋە مەساجىد ھەيئىتى» (مەدرىسە ۋە مەسجىدلەرنى رېمونت قىلىش ھەيئىتى) دېگەن خەلق تەشكىلاتى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي يۈزلۈك رېمونت قىلىنىپ، جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە ئىككى دانە يان دەرۋازا ئېچىلىپ، نامازخانلارنىڭ جامەگە كىرىش-چىقىشى راۋانلاشتۇرۇلغان.

  جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي يۈزلۈك رېمونت قىلىنغان. 1962-يىلى، مەزكۇر ھېيتگاھ جامەسى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان ئورۇن» قىلىپ بېكىتىلگەن. 1983-يىلى يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي يۈزلۈك رېمونت قىلىنغان ھەمدە جامە ئىچىگە زامانىۋى مۇنچا، مۇستەھەبخانا، تاھارەتخانا قاتارلىق بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشلار قىلىنىپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى تېخمۇ قولايلاشتۇرۇلغان.

   ھيتگاھ جامەسى 1994-يىلى چوڭ دائىرىدە يەنە بىر قېتىم رېمونت قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمدا، جامەنىڭ كىرىشتە سول تەرىپىدىكى كونا ھوجرا ئۆي ۋە دۇكانلار چېقىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا دۆلەتنىڭ زور مىقتاردا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى بىلەن، ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىنغان ھالدىكى پىششىق خىشلىق 23 ئېغىز ھوجرا ۋە 53 ئېغىز دۇكان ياسالدى. جامەنىڭ تاشقىرىقى سۇپىلىرىغا چىنە خىش، ئاساسلىق يوللىرىغا سۈرمە تاشلار ياتقۇزۇلۇپ، جامەنىڭ ھۆسنىگە يېڭى ھۆسىن قوشۇلدى. جامە 1999-يىلى يەنە بىر قېتىم رېمونت قىلىندى. يۇقىرىقى بىر نەچچە قېتىملىق  رېمونتقا دۆلەت جەمئىي ئىككى مىليون يۇەن سەرپ قىلدى.

   شۇ تۇرۇقتا، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئۆزىنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى، نەقىش-بېزەكچىلىك جەھەتتىكى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار شاراپىتىدىن ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئېتىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسى سانىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن سەيلە-ساياھەتچىلەرگە قەشقەرنىڭ گۈزەل سىماسىنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا.

    «قەدىمىي شەھەر كاشغەرنىڭ يۈرىكى» دېيىشكە بولىدىغان ھېيتگاھ جامەسىنىڭ بۇ تارىخىنى ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداش زېھىن خەزىنىسىدە مەھكەم ساقلىشى لازىم بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

    ئەمدى، جامە ئۆزىنىڭ سالاپەت ۋە شاراپەت نۇرىنى تۆكۈپ تۇرغان ھېيتگاھ مەيدانىدا سەير قىلىشنىڭ پەيزىنى مۇنداق بىر يېڭى ئەمەلىي كەچۈرمىشىم بىلەن بايان قىلاي:

    2012-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، شەنبە. چۈشتىن كېيىن سائەت دەل ئۈچتە، مۇندىن قىرىق ئىككى يىل بۇرۇن قەشقەر شەھىرى شامالباغ يېزا 1-كەنتتە، يانمۇ يان تۇرۇپ كەتمەن چېپىپ كوممۇنا ئەمگىكىگە قاناشقان، 1983-يىلدىن بېرى تۈركىيە ئىستانبۇلغا يەرلىشىپ ياشاۋاتقان بۇرادىرىم ئابدۇررەھىم ھاجىم بىلەن ھېيتگاھ مەيدانىدا كۆرۈشۈپ، سەمىمىي كۆڭۈللۈك سۆھبەت ۋە ئاراملىق بىر ئىستىراھەتتە بولدۇم.

   بىز ھېيتگاھ جامەسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى پەلەمپەيدە كۆرۈشتۇق. جامەنىڭ مەيدانغا يۈزلىنىپ تۇرىدىغان شەرىقى تېمى «تەڭرىتاغ كىتابخانىسى»، «مەھمۇدىيە كىتابخانىسى»، «رىشتە ساياھەت بۇيۇملىرى دۇكىنى»، «ھېيتگاھ ئامانگۈل چىش ياساش- گۈزەللەشتۈرۈش ئورنى» قاتارلىق ئۆزى ئىخچام- كىچىك، ئەمما گۈزەل-كۆركەم دۇكانلار بىلەن قاپلانغانىدى. بۇ دۇكانلارنىڭ ئالدى تەرىپى مەيداندىن بىر يېرىم مېتىر چامىسىدا ئېگىز تۇرىدىغان كەڭ سۇپا، سۇپا ئۈستىدە ئون نەچچە تۈپ قېنىق يېشىل ياپراقلىق ياش رېدە دەرىخى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ھالدا رەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار تاشلاپ تۇرىدىغان سايە بولۇپمۇ شۇ كۈنكىدەك  تومۇز كۈنلىرىدە، مەزكۇر شاھانە سۇپىنى راھەتلىك بىر ئارامگاھغا ئايلاندۇرغان ئىدى،

   ھاجىم بۇرادىرىم بىلەن مەزكۇر سۇپىدىكى ئىنساننى ئۆزىنىڭ ئۆيى ۋە ھويلىسى ھېس قىلدۇرىدىغان كۆتەك ئورۇنداقلاردا ئولتۇرۇپ، بىردەم ھال-مۇڭلاشقاندىن كېيىن، ئورنىمىزدىن قوزغىلىپ، ھېيتگاھ مەيدانىنى ئايلىنىپ سەيلە قىلدۇق.

  ئاۋۋال رېدەلەر سايەسىدە ئورۇن ئالغان جامەنىڭ شەرىقى تېمىدىكى دۇكانلارغا كۆز ئاتقاچ ئالدىدىن ئۆتۈپ، ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ شىمالىي يان دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتۈدىغان ۋە غەربتىن شەرققە سوزۇلغان نوربېشى كوچىسىنىڭ ھېيتگاھ مەيدانىغا كىرىش ئېغىزى تەرەپكە ئۆتتۈق. ئۇ يەردىكى كونا كىتابلار بازىرىغا بىر قۇر كۆز ئاتقاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا بۇرۇلۇپ ھېيتگاھ مەيدانىغا شىمال تەرەپتىن يۈزلىنىپ تۇرىدىغان ئىككى قەۋەتلىك دۇكانلار «قۇرەيش ئىمپورت ماللار دۇكىنى»، «ئەبرار ئىمپورت ماللار دۇكىنى»، «خوتەن قاشتېشى تىجارەت دۇكىنى»، «يېڭىسار پىچىقى تىجارەت دۇكىنى»، «ئالماس قايماقلىق ماروژناخانىسى» قاتارلىقلارنىڭ ئالدىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، يەنە بەزىلىرىنىڭ تېشىدىن كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭ يېنىدىكى كونا ئېتى «ئەنجان رەستىسى» دېيىلىدىغان جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان كوچىغا كىردۇق. ئۇ يەردە ئاست-ئۈست قەۋەتلىك مەخسۇس ئالتۇن بۇيۇملار تىجارەتخانىلىرى ۋە زەرگەرچىلىك دۇكانلىرى ئورۇن ئالغان ئىدى. بىز ئۇ يەردىن شەرق تامان ئىلگىرىلەپ، لېپىت بىلەن چۈشىدىغان ئاستى چوڭ قولفۇن ماگىزىنى، ئۈستى بولسا، «ئوردا مېھمانخانىسى»، «ھىدايەت كىيىم- كېچەك شەھەرچىسى» ۋە ئېلېكتېرونلۇق ئەسكەرتىش تاختىسىدىن « قەشقەر- ئۈرۈمچى- كاراچى- جىددە» دېگەندەك ئېلانلار نۆۋەت بىلەن كۆز چىمچىقلىتىپ تۇرىدىغان «خەلقئارا ئاۋئاتسىيە بىلەت سېتىش ئورنى» قاتارلىق ئىككى قەۋەتلىك تىجارەتگاھلار ئالدىدىن ئۆتتۇق. بۇ بىنالارنىڭ شەرىقى تەرىپى ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىدىن ئۆتۈدىغان «شىمالىي ئازاد يولى» كوچىسىغا يۈزلىنىپ تۇراتتى.

   بىز ئۇ يەردىن «شىمالىي ئازاد يولى»نى لەخمە يول بىلەن كېچىپ ئۆتۈپ، ھېيتگاھ مەيدانىغا شەرق تەرەپتىن خوشچىراي بىلەن بېقىپ تۇرىدىغان «‹ئەمىن› ئوردا ئالدى سودا بازىرى»، «سادىق سودا سارىيى» ۋە «ئىخلاس سودا سارىيى» قاتارلىق كۆپىنچە ئىككى قەۋەتلىك ۋە بەزىلىرى ئۈچ قەۋەتلىك بولغان كۆجۈم تىجارەتگاھلارنى سەيلە قەدىمى بىلەن كېزىپ چىقتۇق.

   ئاندىن، «شىمالىي ئازاد يولى»نى شەرق تەرەپتىن كېسىپ ئۆتۈپ، يەنە ھېيتگاھ مەيدانىغا تەكرار كىردۇق. بۇ يەردە، يەنى ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە ئەسلىدىكى «خەلق كىنوخانىسى»نىڭ ئورنىدا، «زەپەر ئالاھىدە تائاملىرى»، «ھېيتگاھ كاتتا بازىرى ئالىي دەرىجىلىك رەخت دۇنياسى» قاتارلىق ئىككى قەۋەتلىك رېستۇران ۋە تىجارەتخانىلار ئورۇن ئالغان بىر زور بىنا بولۇپ، ئۇ  ھېيتگاھ مەيدانىنى جەنۇب تەرەپتىن بېزەپ تۇراتتى. بىز مەزكۇر بىنانىڭ ئالدىدىن غەرب تامان مېڭىپ ئۆتۈپ، ھېيتگاھ مەيدانىغا غەربىي جەنۇب تەرەپتىن كۈلۈمسىرەپ بېقىپ تۇرىدىغان ۋە بىنا ئۈستىدىكى «مىڭيول چاي-تائاملىرى» دېگەن رېستۇران ئىسمى ئۇزاقتىنلا كۆزگە ئېنىق تاشلىنىپ تۇرىدىغان بىناغا كىردۇق. بىنانىڭ ئۈست قەۋىتى، يەنى يېشىل ياپراقلار ۋە ئۈزۈم شەكىللىرى بىلەن بېزەپ بېدىشلەشتۈرۈلگەن ئۈچىنچى قەۋىتى تولىمۇ كەڭ-ئازادە، سالقىن شامالباغلىق ۋە ھوزۇرلۇق ئىدى. پۈتۈن ھېيتگاھ مەيدانى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شەرىقى دېرىزىلەرگە لەۋلەشتۈرۈپ ھازىرلانغان تۆرت چاسا تاماق ئۈستەللىرىنىڭ بىرسىگە بېرىپ ئورۇن ئالدۇق. قېتىقلىق پوشكال ۋە خان ئېشى قاتارلىق گۈزەل ئۇيغۇر يېمەكلىرى بىلەن غىزالاندۇق. ھەسەل چايلىرى تولىمۇ يېقىشلىق ۋە راھەت بېغىشلىغۇچى ئىدى.

   «مىڭيول»دىن چىقىپ، ھېيتگاھ مەيدانىنى غەربىي جەنۇب تەرەپتىن كېسىپ ئۆتۈپ، مەيداننىڭ شەرىقى تەرىپىدىن ئۆتۈدىغان «شىمالىي ئازاد يولى»غا پاراللىل قىلىپ ياسالغان سالقىن-سايەلىك گۈللۈكنىڭ چۆرە سۇپىسىدا، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شەرققە قاراپ داغدام ئېچىقلىق ھالەتتە تۇرغان كۆركەم چوڭ دەرۋازىسىغا يۈزلىنىپ ئولتۇردۇق. بۇ چاغ ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت يەتتە- يەتتە يېرىملار بولغان بولۇپ، غەربكە ساڭگىلىغان قۇياش ھېيتگاھ جامەسى ئىچىدىكى بۆك-باراقسان تېرەك دەرەخلىرىنىڭ ئۇچى بىلەن سۆيۈشۈپ تۇرغاندەك كۆرىنەتتى.

- ھېيتگاھ مەيدانى ئەمدى ئىسمى جىسمىغا لايىق ھېيتگاھ (يەنى بايرام مەيدانى) بولۇپتۇ،- دېدى ھاجىم بۇرادىرىم قولى بىلەن كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئۇزۇنلۇقى (جەنۇبتىن شىمالغا) 250 مېتىر، كەڭلىكى (غەربتىن شەرققە) 165 مېتىر ئومۇمىي يەر كۆلىمى 40750 كۋادرات مېتىر بولغان كەڭ مەيداننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،- قارىسىلا، بۇ كەڭ-كۇشادىلىقنى! مېنىڭچە، بۇ ھېيتگاھ مەيدانى مانا ئەمدى ئەسلىدىنلا قوينى كەڭ بولغان شەھرى كاشغەرگە، شۇنداقلا ئەزەلدىنلا كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولغان قەشقەر خەلقىگە سىمۇۋول بولىدىغان نامايەندە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، ۋەكىل خاراكتېرلىك مەيدان بولۇپتۇ. ئەنە قارىسىلا، مەيداننىڭ شىمالىي بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇ غايەت زور تېلېۋېزور ئىكرانى، ئەنە ئاۋۇ سەل ئۇزاق غەربىي شىمال تەرەپتە ئاسمانغا پېلەك تارتىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يىگىرمە ئالتە قەۋەتلىك «چىنىباغ مېھمانسارايى» قاتارلىقلار شەھرىمىزنىڭ زامانىۋى تۈسىدىن شاھادەت بەرسە، مەيداننىڭ جەنۇبىي تەرەپىگە ئاتايىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېقىلغان ۋە سەبىي بالىلار قوغلىشىپ ئويناۋاتقان، زىيارەتچىلەرنىڭ قول-مۈرىلىرىگە ئەركىلەپ قونۇپ ئويناۋاتقان ئەنە ئۇ ئاق كەپتەرلەر بولسا، شەھرىمىزگە تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق تىلىكىنى چىللاپ تۇرۇپتۇ، دەپ قالدىم.

   ھاجىم بۇرادىرىمنىڭ ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىپادىلىشى تولىمۇ تەبىئىي، سەمىمىي ۋە ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقاندەك ئىدى.

- مەن 1983-يىلى تۈركىيە ئىستانبۇلغا يەرلەشكىنىمدىن بۇيان 93-يىل، 2004-يىل ۋە بۇ قېتىم بولۇپ، جەمئىي ئۈچ قېتىم تەكرار زىيارەت قىلدىم بۇ ئانا ۋەتىنىمنى،- سۆزىدە داۋام قىلدى ھاجىم بۇرادىرىم،- ھەر كەلگىنىمدە يېڭىدىن يېڭى ئۆزگىرىشلەر، تەرەققىياتلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، سۆيۈنۈپ قالىمەن. ئالايلۇق، بۇ قېتىممۇ كۆرۈپ بىلدىمكى بىزنىڭ يېزا-كەنتلىرىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھال - كۈنىمۇ كۈنسايىن ياخشىلىنىۋېتىپتۇ. ھەر ئائىلىدىن ئەڭ ئاز بىر ئادەمنى ئىشلىق ۋە مائاشلىق قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىۋېتىپتۇ؛  نامرات ئائىلىلەرگە شەھەر نوپۇسى بولسا، كىشى بېشىغا 180 كويدىن، يېزا نوپۇسى بولسا، 100 كويدىن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بېرىدىكەن. بۇ خىل پاراۋانلىق مەن كۆرگەن خېلى-خېلى دۆلەتلەردە، ھەتتا تۈركىيەدىمۇ يوق تېخى.

   بىز ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا ئۇزاق زامانلار بولغان ئىككى مويسىپىت ئادەم شۇ تەرىقىدە ئۇزۇن مۇڭداشتۇق. ئاندىن، ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، مەيداندىن چىققاندا، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ جەنۇبىي يان دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈدىغان مىڭ يىللىق قەدىمىي كوچا «ئۆستەڭبويى كوچىسى» ئارقىلىق ئۆتۈپ، ئۆيلىرىمىزگە قايتماقچى بولدۇق.

ئىككى ئاقباش مويسىپىت ئادەم ئۆستەڭبويى كوچىسىدا گويا ئۆزلىرىمىز مۇندىن 30-40 يىللار بۇرۇن قالدۇرغان قەدىمىي ئىزلىرىمىزنى ئىزلەۋاتقاندەك ئاستا ۋە ھاياجانلىق قەدەم بىلەن كېتىۋاتىمىز. شۇ ئەسنادا، ھاجىم بۇرادىرىم كوچىنىڭ جەنۇبىي تەرەپتىكى بىر چوڭايتىلغان سۈرەتلەر بار تەشۋىقات تاختىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە يېزىلغان 喀什旅游,世间独有 دېگەن خەنزۇچە خەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: « بۇ ھۆكۈمەتچە خەتلەرنى مەن خېلى جىق يەردە كۆردۈم،  مەنىسى نېمە دېگەن بولىدۇ؟ » دەپ سورىدى. مەن ئۇ خەتلەرنى خەنزۇچە بىر ئوقۇۋېتىپ، ئاندىن تەرجىمە قىلپ بەردىم: «قەشقەردە سەيلانە، دۇنيادا يېگانە» دېگەن بولىدۇ.

- ھۆكۈمەت ئەجەپ توغرا دەپتۇ جۇما،- دېدى ھاجىم بۇرادىرىم خۇددى سەبىي بالىلاردەك خوشال بولغان ھالدا،- ئەزىزانە كاشغەردە سەيلە-ساياھەتتە بولۇش ھەقىقەتەنمۇ جاھاندا تەڭدىشى يوق شادىيانە ئىشتۇر!

                     2012-يىل 31- ئىيۇل، كاشغەر.

Teklimakaniy. Com  مەنبە: تەكلىماكانىي بلوگى  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 11:36 AM  


ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 12:07:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرنىڭ قۇرلۇشلىرى راستىنلا ئادەمنى داڭ قالدۇردىكەن ،يولدىشىم ئىككىمىز توي قىلىپ تۇنجى قىلغان ساياھىتىمىز ئانادىيار ئەزىزانە قەشقەر بولدى ،يولدىشىم گەرچە قەشقەرگە تۇنجى كەلگەن بولسىمۇ بىلىمىنىڭ جىقلىقى بىلەن ماڭا ھەر بىر ئايىغمىز تەگكەن جايلارنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بىرەتتى ،مەنمۇ يول باشلىغۇچۇمنىڭ تەپسىلىي چۈشۈندۈرۈشى بىلەن قەشقەر تارىخىدىن ھەم سۆيۈندىم ،ھەم سەپەرىمنىڭ توغرا بولغىنىدىن مەنمۇن بولدۇم .

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .
Manager بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 12:15:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86785
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 417
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 12:23:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرنىڭ قۇرلۇشلىرى راستىنلا ئادەمنى داڭ قالدۇردىكەن ،يولدىشىم ئىككىمىز توي قىلىپ تۇنجى قىلغان ساياھىتىمىز ئانادىيار ئەزىزانە قەشقەر بولدى ،يولدىشىم گەرچە قەشقەرگە تۇنجى كەلگەن بولسىمۇ بىلىمىنىڭ جىقلىقى بىلەن ماڭا ھەر بىر ئايىغمىز تەگكەن جايلارنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بىرەتتى ،مەنمۇ يول باشلىغۇچۇمنىڭ تەپسىلىي چۈشۈندۈرۈشى بىلەن قەشقەر تارىخىدىن ھەم سۆيۈندىم ،ھەم سەپەرىمنىڭ توغرا بولغىنىدىن مەنمۇن بولدۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7341
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 01:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاشغەرگە مەنمۇ ھەر بارغىنىمدا ھېيتگاھ مەيدانىنى يېرىم كۈنچە ئايلىنىمەن، ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە سەپ سالىمەن، تەييارلىۋالغان پارچە پۇللىرىمدىن بەكلا ئاجىز-ئاجىزەلەرگە سەدىقە بېرىمەن، ئومۇمەن ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بويىچە بۇ يەرگە قېنىۋېلىشنى ئىستەيمەن. ئاندىن ئەتراپتىكى كوچا-بازارلارنى ئارىلايمەن. كاشغەر تىجارەتچىلىرىنىڭ  پاساھەتتە تەڭداشسىز سودا سۆزلىرىنى تىڭشايمەن ۋە قىيممەت ئېلىپ قالساممۇ ئەرزىيدۇ، دەپ ئانچە-مۇنچە سودىلىقمۇ قىلىمەن. باشقا يۇرت سەيياھلىرى «سېسىق گەپ» دەيدىغان تىجارەەتچىلەر سۆزلىرى ماڭا ئۆزگىچە بەدىئىي زوق بېغىشلايدۇ ... ئەزىزانە كاشغەرنىڭ سېھرىي جەلبكارلىقى پۈتمەستۇر ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nimjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 01:04 PM  


ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 01:05:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قەشقەر شەھىرىنىڭ تەرەققىياتى ، خەلق تۇرمۇشى ، روھىيەت ئەھۋالى قاتارلىق زىل تىمىلاردا ئەمدى تۇتۇش قىلاي دەپ تۇرغىنىمدا ، نۇرغۇن ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئېنىق بىلىپ يېتەلمىگەن ، بۇ ھېسلارغا ساھىب بولالمىغان كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن رەددىيە كېلىپ ، قەشقەر شەھىرىنىڭ جامالى بۇزۇۋېتىلدىيەي ، مىللىي پۇرىقى ئەبجەشلەشتىيەي دېگەندەك سادالارنى ئاڭلىدىم .
مېنىڭچە تەرەققىيات ھامان ئىككى بىسلىق پىچاق ، لېكىن بۇ تەرەققىيات قەشقەرگە شېرىن كەلدىكى بال-ھەسىلى زەھەردىن كۆپ بولدى .
مەسىلەن ، كىچىك چاغلىرىمىزدا ئىككى ئۈچ قەۋەتلەپ كوچا باستۇرمىسى قىلىنغان ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي ۋە خەتەرلىك ، تۇرمۇشقا ناقولاي ، ئەۋرەز يوللىرى راۋان ئەمەس ، يامغۇر ياغسا ھېچقانداق كوچىغا خاتىرجەم كىرگىلى بولمايدىغان ، ئىككىنچى قەۋەت ئاسما ھاجەتخانا ، بىرىنچى قەۋەت ئاشخانا قىلىپ ياسالغان ، يېزىلاردىن كىرگەن جاپاكەش دىھقانلار مەھەللىۋىي ئوغۇت ( ئادەم گەندىسى )نى ئىككىنچى قەۋەتتىن ئېلىپ چۈشۈپ ئېشەك ھارۋىلىرىغا لىق باسقاندا ، پۈتۈن مەھەللىنى بۇ پۇراق گۈپپىدە ئېلىپ ئادەمنىڭ ئارامىنى بۇزۇدىغان ئاشۇ كونىشەھىرىمىزدىن ، بۈگۈنكى كۈندىكى شەھەر ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالارلىق سۈرئەتتە تېز ۋە كۆركەم ئۆزگەرتىلدى .
ئۇستاز تەكلىماكانىي يۇقىرىدا ھېيتگاھ مەيدانىنى تىلغا ئېلىپ ئەسلىمىلىرىنى بايان ئېتىپتۇ ، مېنىڭچە يەنە ساقىيە ، ئارايار ، ئوردا ئىشىكى ، تۇرۇمتاي كۆلبېشى ، ئاتۇش مەھەللىسى ، باغ كوچىسى ، باغچى كوچىسى قاتارلىق جايلارمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆزگەرتىلگەن . مىللىيلىقىنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا ، يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى ناچار مۇھىتى ياخشىلىنىپ ، قاتناش يوللىرى ۋە باشقا ئۇل ئەسلىھەلەر قولايلاشتۇرۇلغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 01:06 PM  


مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 01:16:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Azizan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 01:05 PM
مەن قەشقەر شەھىرىنىڭ تەرەققىياتى ، خەلق تۇرمۇشى ، روھى ...


مۇھىمى شەھەر ئاستىدىكى لەخمىنى تىندۇرۇپ ياخشى قىلدى.
1399665673_xExgaq.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 01:23 PM  


ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 01:40:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرۇلۇق تەپسىلىي،ئېنىق چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە  كۆپ تەشەككۈر.......

بىر بېرىش نېسىپ بولمىدى قەشقەرگە.....

اللاھ خالىسا بىر بېرىش ئويۇم بار.....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Azizan + 101 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 101   باھا خاتىرىسى

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101952
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1039
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 06:17:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 07:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tughci2 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 06:17 PM
ئەپەندىم: مۇشۇ كاشغەر دېگەن ئىسىم قانداق بۇلۇپ، قاچان، ...

ئەسلى قەشقەر ، كېيىنكى ئۆزگىرىشى كاشىغەر .

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش